大数跨境

دەردىمنىڭ كۆپلىكىدىن قايسىىسىغا يىغلاشنى بىلەلمەي كۈلۈپ كىتىمەن

دەردىمنىڭ كۆپلىكىدىن قايسىىسىغا يىغلاشنى بىلەلمەي كۈلۈپ كىتىمەن aybarawazi
2025-06-28
2
导读:ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەرد


ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 



- نىمانچە خۇشال كۈلىسەن ؟   دەردىڭ يوقمۇ؟ قايغۇڭ يوقمۇ  دەمسەن؟… ئەلۋەتتە بار ، -   دەردىمنىڭ كۆپلىكىدىن قايسىىسىغا يىغلاشنى بىلەلمەي كۈلۈپ كىتىمەن ……



-بۈگۈن كۈلدۈڭمۇ  ؟


- ھەئە كۈلدۈم .


- ئىچىڭدىن چىقىرىپ كۈلدۈڭمۇ ياكى دەردىڭگە تەسەللى تېپىش ئۈچۈنمۇ ؟   


- مېنىڭ دەردىم يوق.


- نىمىشقا بۇنداق دەيسەن ؟ دەردسىز ئىنسان يوققۇ جاھاندا ؟  كىچىككىنە كۆڭۈلسىزلىكنى دەردىم بار 

دەپ يۈرۈشكە ئۇيۇلىمەن. 


- سەن بەخىتلىكمۇ ؟


- مەن بەخىتسىز ئەمەس .  


       

- سەن خۇشالمۇ ؟


- مەن خاپا ئەمەس .


 - سەن ئازراقمۇ ئېچىنمامسەن ؟


- ئۆزگىلەردەك ئۆمۈرلۈك پۇشايماندا بولسام ئىدى ئېچىنغۇدەك......


- سەن ئۆچ كۈرەمسەن ؟


- كىمگە ئۆچلۈك قىلارمەن .


- سىنى رەنجىتكەنلەرگىچۇ؟


- ياق .


- نىمىشقا؟


- تۇرمۇشۇمدا مىنى سۆيۈندۈرىدىغان ئىشلار كۆپ ، مېنىڭ ئۆچمەنلىك ساقلاپ يۈرگىدەك كۆپ  ۋاقتىم يوق  .


- نەپرەتلەنمەمسەن ؟     

    

- مەن خۇشالمەن نەپرەت بىلەن   خۇشاللىقىمنىڭ تەمىنى باشقىچە قىلىۋالغۇم يوق .




  ــ ئەمسە يىغلاپسەنغۇ؟


ــ يىغلىمىدىم، ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىم،  بىكار ئۆتكۈزىۋەتكەن ۋاقىتلىرىم ئۈچۈن كۆزۈم يۈزۈمگە 

تۈكۈرىۋاتىدۇ. 


- ئۇنتۇپ كەتتىڭمۇ ئەجەبا؟


- ئۇنۇتمىدىم، بىراق ئەسلىمەيمەن .


ـــ تىرىشىپ باقمىدىڭمۇ؟


ـــ تەقدىرىمدە بولمىسا كەلمەيتتى، رىزقىمدا بولسا كەتمەيتتى.


ـــ كۈتكىنىڭ نىمە؟


ـــ سەمىمىيەت، مەسئۇلىيەت.


-- نىمىگە مۇھتاجسەن؟  


 ـــ ھەقىقىي كۈلگەن چىراي بىلەن ھەققىي سۆيگەن يۈرەككە.


ـــ شۇنچە ئاددىيمۇ؟


  ـــ تەبىئىيلىككە نىمە يەتسۇن.



  ـــ قەدىرلىمىدىڭمۇ؟


 ـــ ھەر نەرسىنىڭ قەدرىگە كىم ئاۋال يەتكەن.  قەدرىگە يەتكەندە ۋاقتى ئاللىقاچان ئۆتكەن.


ـــ كۈنۈپ قالغانتىڭغۇ؟


  ـــ ئادەم ھاياتىدا نىمىلەرگە  كۆنمىگەن، تۇرمۇش ئادەملەرنى نىمىلەرگە كۆندۈرمىگەن.


ـــ كۆپ ئويلىمامسەن؟


ـــ ياق.  كۆپ ئويلىمايمەن.  چۈنكى ۋاقتى كەلسە ھىچكىم ھىچكىمنىڭ ھىچنىمسى ئەمەس.  



  -ۋاز كەچتىڭغۇ؟


  -ئەگەر ۋاز كىچىش سەن سۆيىدىغان  كىشىلەرنىڭ كىيىنكى خۇشاللىقى ئۈچۈن بولسا سەنمۇ ھىچ 

ئىككىلەنمەي ۋاز كەچكەن بولاتتىڭ.   

 - ساڭا بۇنچە كەڭ قورساقلىقنى كىم ئۆگەتتى ؟


- دىلىمنى ئاغرىتىپ قويغان شۇ دىلىمدىكىلەر........



……..…………… 

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيۇڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k