大数跨境

ئەقىل بىلەن ھاياتنىڭ دىئالوگى - ئېسىل

ئەقىل بىلەن ھاياتنىڭ دىئالوگى - ئېسىل aybarawazi
2025-07-23
1
导读:ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەرد


ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 

ئەقىل بىلەن ھاياتنىڭ دىئالوگى

        رەيھانگۈل ئېزىز ئىزچىل 

  ئون ياش

ئەقىل:ئاستا يۈگۈر ، يىقىلىپ كېتىسەن .

ھايات :مىنى چەكلىمە ،  ئوينىغىلى قوي .

ئەقىل:چاپسانراق چوڭ بولۇپ ، باشقىلاردەك قالتىس بولساڭ بولاتتى.

ھايات:مىنى ئالدىراتما ، قالتىسلىق قالتىسلىقنىڭ مەۋقەسىنى چۈشەنمىگەن كىشىلەرنى ئۆزىنى ئىتىراپ قىلدۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس .

ئەقىل:بۇ گەپلىرىڭنى ئاڭلىغۇم يوق ، مەن كەتتىم .

ھايات:جىمى ئادەم ئۆسمۈر بولماي تۇرۇپ چوڭ بولمايدۇ ، مىنى ساقلاپ تۇر .

ئەقىل:دىمىسەڭمۇ بىلىمەن، سىنى ئالدىرىتىپ نىمە قىلاي . ھامان بىر كۈنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان، قەلپ ئالىمىڭنىڭ پىنھانلىرىغا يۇشۇرۇپ قويغان مۇقەددەس ئارزۇيىڭنى قوغلاپ، قىينىلىش ۋە زۇرقۇش ئىچىدە تۇپىراقتىن ياسالغان لاي بۈشۈكتە ئۇخلايدىغان تۇرساڭ، بۇپتۇ، مۇشۇ ۋاقتىڭدا قېنىپ -قېنىپ ھەقىقىي شادىمانلىقنىڭ خوجايىنى بولۇپ ئوينىۋال .

 يىگىرمە ياش

ھايات:سىنى بىر قېتىممۇ ئەينەكتە ئۆزەمنى كۆرگىنىمچە كۆرۈپ باقمىدىم .

ئەقىل:مەن ھەربىر قىلغان ئىشىڭدا باشقىلارغا نامايەن بولىمەن، سىنى بولسا خاتىرجەملىك ۋە قەدىرلىنىشكە ئىرشتۈرىمەن .

ھايات:مىنىڭچە مەن چوڭ بولدۇم ، قانداق قىلىشىم كېرەكلىكىنى ئوبدان بىلىمەن، شوڭا بېشىمنى ئاغىرىتما .

ئەقىل:شۇنداق، سەن مىنى خالىمىغىنىڭدا مەن ساڭا نىسپەتەن ھەقىقەتەن ھىچنىمىدىن دېرەك بەرمەيمەن .

ھايات:مەن پۈتۈنلەي سەندىنلا دېرەك بەرسەم، بەتلىرى تۇرمۇشنىڭ رەڭگا - رەڭ بويىقى بىلەن ھىچقانداق بويالمىغان رەڭسىز كىتابقا ئايلانمايمەنمۇ .

ئەقىل:ئېيىتقانلىرىڭ دۇرۇس، بىراق نۇرغۇن ئىشلاردا كالتە پەملىك قىلىسەن، ئالدىراقسان، سەۋىرسىز سەن.

ھايات:مەن مۇشۇنداق سەۋەنلىك ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، خاتالاشماي تۇرۇپ، ئىبىرەت ئالماي تۇرۇپ، تۇرمۇش ئىسىملىك  ئۇستازدىن دەرىس ئالالماي تۇرۇپ، ساڭا ئايلىنالمايمەن.

ئەقىل:سەن كىشىلەرنىڭ ھەرقانداق بىر ئىشىنى توغرا چۈشىنەلىگىنىڭدە، ماڭا ئايلىنىسەن .

ھايات:مەن ھەممىلا ئىشنى توغرا چۈشىنەلمەيمەن، بۇ مەن ئۈچۈن بىر بىھۇدىچىلىك.

ئەقىل:سەن ھازىر مۇشۇنداق سۆزلەيسەن، كىيىن ھەربىر ئىنكار قىلغان سۆزلىرىڭنى ئەسلەيسەن ۋە ئىنكار قىلغان شۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە بىر-بىرلەپ ئۆزەڭ بۇلۇپ ياشايسەن .

ھايات:بۇنداق بىمەنە سۆزلىرىڭنى ئاڭلىمايمەن. مەن خاتا دەپ قارىغان ئىشنى قىلمايمەن ۋە خاتا ئىش قىلغانلارنى ئەيىپلەيمەن .

ئەقىل:بۇ سىنىڭ ھامان بىر كۈنلەردە ئۆزگىردىغان ۋاقىتلىق كۆز قارشىڭ .

ھايات:ئۇنداق بولسا ئېيىقىنە ، بىز قاچان جەم بولىمىز .

ئەقىل:سەن بىراۋنى كۆرگەندە ئۆزەڭنىڭ ھالىنى ئېيتىشىتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ ئەھۋالىنى سوراشنى  بىلگىنىڭدە، ساڭا نىسپەتەن بىمەنە،  كۈلىكىلىك تۇيۇلدىغان پىكىرلەرنى قىلغۇچىلارنى خىجىل قىلماسلىقنى بىلگىنىڭدە بىز جەم بولىمىز.            

 ئوتتۇز ياش 

ھايات :مەن سىنى تاپتىم .

ئەقىل:ياق تېخى،  ئەتىراپىڭدىكى ئادەملەر ساڭا ياخشى مۇئامىلە قىلغاندا  ئاندىن مىنى تاپالايسەن .

ھايات:ئەتىراپىمدىكى ئادەملەرنىڭ ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلىشىنىڭ، مىنىڭ سىنى تاپالىشىم بىلەن نىمە ئالاقىسى بار.

ئەقىل :سەن ئەتىراپىڭىدىكى ئادەملەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلساڭ ،  ئەتىراپىڭىدىكى ئادەملەرمۇ ئاندىن ساڭا ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ.

ھايات:سەن ماڭا ئەتىراپىڭدىكى ئادەملەرنىڭ كۆڭلىنى ئايا دىمەكچىمۇ.

ئەقىل:شۇنداق.

ھايات :مەن ھازىر سەن بىلەن تاماملىنىۋاتىمەن.

ئەقىل:ياق تېخى، سەن قاباھەتلىك يالغۇز ئارالدىكى تەنھا ئادەمدەك مۇستەقىل ياشىشىڭ كېرەك. سەن ھېچكىمنى ئۆزەڭنىڭ تۇرمۇشى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر تۇتۇپ قالالمايسەن.

 ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا يالغۇزسەن. پەقەت سىنىڭ تاشقى دۇنيادىن چوڭ بولغان ئىچكى دۇنيايىڭنى يالغۇزلۇق چىرمىۋالمىسىلا، يالغۇزلۇق ئۇنچىۋالا قورقۇنۇچلۇق ئىش ئەمەس، بۇنى پەقەت يالغۇز ياشايدىغانلارلا چۈشىنىدۇ.

ھايات:ئېيىتقانلىرىڭ ھەقىقەتەن توغرا، مەيلى قانداقلا بولسۇن، مەن يەنىلا داۋاملىشىشىم كېرەك.

    كىيىنكى قىياس                                           

 قىرىق ياش 

ھايات:بۇ قانداق بىر چاغ، ئادەمنىڭ ھاياجانلىرى خۇددى ئۆمۈچۈك تورىغا ئىلىشىپ، مىدىرىيالماس بۇلۇپ قالغاندەك، نەگە بېرىشنى بىلەلمەي لەيلەپ قالغان روھىيەتتەك  ياكى كىچىكلىكتە ياكى چوڭلۇقتا ھىچبىر ئىشىم قاملاشمايدۇ.

ئەقىل:بۇ سىنىڭ ئەڭ گۈزەل ھۈجەيرىلەردىن تۈزۈلگەن، جىلۋىدار بەدىئىي رەسىمدەك، تۇرمۇش سەھىنىسىدە جۇلالايدىغان ئەڭ ئىسىل ۋاقتىڭ.

ھايات :دىمىسەڭمۇ، مەن مۇرەككەپ كەيپىياتنىڭ پالىقىنى تۇرمۇشنىڭ دولقۇنىغا ئۇرۇپ، ئۈمۈت دېڭىزى ئىچىدە ئالغا ئىلگىرلەۋاتىمەن.

ئەقىل:ئەمدى نۇرغۇن ئادەم ساڭا مۇھتاج.

ھايات:مەندە بۇرۇچنىڭ بىرەر بۇرجىكىمۇ يوق. مەن بىر ئەرزىمەس، ئاددى ئادەم.

ئەقىل:سەن بۇنداق دىيىش ئارقىلىق، ھىچقانداق بىر مەسئۇلىيتڭدىن ھامان قېچىپ قۇتۇلالمايسەن.

ھايات:شۇنداق، ئۈمۈتسىزلىك تىگى يوق قارا ھاڭغا ئوخشاش ھەرزامان يوقلۇقتا مىنىڭ مەۋقەيىمگە قارشى موقامىنى توۋلايدۇ.

ھايات:مەن قانداق قىلىشىم كېرەك.

ئەقىل:ئۈمۈتسىزلىك سىنىڭ ھىچقانداق بىر ياشاش جەريانىڭنى ئۆزەڭسىز توسالمايدۇ.                                   

ئەللىك ياش 

ھايات:قارىغىنا، چاچلىرىم قارلارغا خىرىس قىلىپ، ئالا -چىپار رەڭلەرنى ئۈستىگە ئارتىۋالدى.

ئەقىل:سەن ئۆزۈڭگە خاس مەنزىرىسى تولىمۇ گۈزەل ئادىم. ئاھ ئۇرما!

ھايات:ئۆمۈرۈمنىڭ يېرىمىدىن كۆپىرەكى تىرىشىش ۋە ئارمان ئىچىدە ئۆتتى. قالغان يېرىمنى بۇنداق ئۆتكۈزۈشنى خالىمايمەن.

ئەقىل:ئەمدى بۇ سۇئالىڭغا بۇنىڭدىن كىيىنكى ھەربىر كۈنۈڭدە ياخشى ياشاش ئارقىلىق جاۋاپ بەر.

ھايات :بۇنداق ئويلىسام بەكلا خىيالى بولۇپ قالمامدىمەن.

ئەقىل:سەن تۇغۇلغاندىلا شۇ خىيالىڭغا تاشقى دۇنيانى سولىۋېلىپ ياشاپ كەلدىڭ. خىيالدىن قاچما. ئۇ سىنىڭ ئۆتمۈشۈڭنىڭ گۇۋاھچىسى.                       

  ئاتمىش ياش 

ئەقىل:قەدىناسىم، كۆڭلۈڭنىڭ مەيلى نىمىدە. كۆز ئەينىكىڭنىڭ كەينىدىكى بىر جۈپ ھالسىرىغان كۆزۈڭ يىراقلارغا قاراپ، سىنى قايسى غەمنىڭ ئورمانلىقىلىرىغا ئېلىپ كىتىۋاتىدۇ.

ھايات:قەۋىم -قېرىنداشلىرىم ، ئۇرۇق -تۇققانلىرىم ، پەرزەنتلىرىمنىڭ مىنى يالغۇز قويماي كۈندە يېنىمدا تۇرشى ۋە ئۇلارنىڭ ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى  مىنىڭ بىردىنبىر ئارزۇيۇم. مۇشۇ خىيال بىلەن ھامان ئاخىرلىشىدىغان كۈنلۈرىمنى داۋاملاشتۇرماقتىمەن.

ئەقىل:سەن ساپ ھاۋادىن نەپەسلەنگەچ، كۆڭلۈڭ خالىغان تەرەپكە ماڭ.

ھايات :مەن يېشىللىققا بارىمەن .                

  يەتمىش ياش 

ئەقىل:غەيرەت قىل.

ھايات :مىنى ھىچكىم يۆلىمىسۇن، يۆلەنگەن كۈنۈم ماڭالماس بۇلۇپ قالىمەن.

ئەقىل:قارا، كۈمۈش رەڭ چاچلار ھۆسىنىڭگە ھۆسىن قوشۇپتۇ. سەندىن بىر گۈزەللىك ئەكىس ئىتىۋاتىدۇ.

ھايات:بۇ مىنىڭ يەتمىش ياشنىڭ ئىگىز چوققىسىغا چىقىپ ئەتىراپتىكى چوققىغا يامىشۋاتقانلارغا قاراپ، قانائەتلىك كۈلۈمسىرىشىمدىن چىقىۋاتقان تۇيغۇ.

ئەقىل:يۈر، ئازىراق قالغان يولىمىزنىڭ ئاخىرنى ئۈمۈتنىڭ ئىلھاملىرى بىلەن  تاماملىۋېتەيلى.

ھايات :يۈرە، ماڭدۇق ئەمىسە.         


……..…………… 

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيۇڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k