ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت
نېمە ئۈچۈن ئىقتىدارلىق ئادەملەرمۇ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ؟ ئامېرىكا خارۋارد سودا ئىنستىتۇتى ھاياتلىق تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى جامېس ۋاردپۇ بىلەن دوكتور تېموتى ئىقتىدارلىق دەپ قارالغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئىپادىسى تازا ياخشى بولمىغان، ھەتتا خىزمەتتىن بوشىتىۋېتىش خەۋپىگە دۇچ كېلەي دەپ قالغان خادىملارغا ياردەملىشىپ ئەجەللىك نۇقسان ھېسابلىنىدىغان 12 خىل ھەرىكەت ئەندىزىسىنى يىغىنچاقلىدى.
ئۆزىنى يارامسىزدەك ھېس قىلىش: ئەقىللىق ، تەجرىبىلىك بىر قىسىم ئادەملەر ئەمىلى ئۆسكەندە ئىشەنچنى يوقىتىپ خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغاندەك ھېس قىلىشىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، ئۇلاردا ئىرادە كەمچىل بولۇپ، ئۆز ئىقتىدارىدىن گۇمانلىنىدۇ.
بەك پىرىنسىپچان بولۇش: بۇ خىلدىكىلەر ئۆزىنى پىرىنسىپتا قەتئىي چىڭ تۇرۇۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ، ئەمما بۇ پىرىنسىپلارغا باشقىلار ئانچە ئېرەن قىلمايدۇ، نەتىجىدە بۇنداق ئادەملەر تەنھا قېلىپ، دائىم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرايدۇ.
ھە دەپ قالتىس ماھارەت قوغلىشىش: بۇ خىلدىكىلەر ئۆزىگە قەھرىمانلاردەك تەلەپ قويىدۇ، باشقىلاردىنمۇ ئۆز ئۆلچىمىگە يېتىشنى تەلەپ قىلىدۇ، نەتىجىدە قول ئاستىدىكىلەر ھال سوراپ قېلىپ ئىش ئورنىدىن بىزار بولىدۇ.
زىددىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش: بۇ خىلدىكىلەر پۈتۈن كۈچى بىلەن زىددىيەت كۆرۈلۈشتىن ساقلىنىدۇ، تىنچلىقنى ساقلاش ئۈچۈن ئۆز ھېسسىياتىنى زىيادە تىزگىنلىۋالىدۇ، نەتىجىدە ئۇلارنىڭ زىددىيەتكە مۇئامىلە قىلىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولىدۇ. بۇ ھال ئەر-خوتۇن، پەرزەنت، ئاكا-ئۇكا ۋە دوستلار ئارا مۇناسىۋەتكىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئۆزىگە قارشى پىكىردىكىلەرنى كۈچىنىڭ بارىچە بېسىش.
باشقىلارنىڭ ئۆزىگە دىققەت قىلىشنى بەك ياقتۇرۇش: بۇ خىلدىكىلەر مەلۇم بىر خىل غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن توختىماي كۈرەش قىلىدۇ. ئۆز مەيدانىنى بەك تېز ئىپادىلەۋاتىدۇ، مۇرەسسە قىلغانلىق باش ئەگكەنلىك دەپ قارايدۇ.
ئۆزىگە زىيادە ئىشىنىش، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا ئالدىراش.
قىيىنچىلىققا باش ئېگىش: بۇ خىلدىكىلەر تىپىك ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قالغانلاردۇر، ئۇلار بىرەر ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ يامان ئاقىۋىتىنى كۆپ ئويلاپ بىئارام بولىدۇ، ئۇلار ئىشنى كەينىگە سۈرۈپ بىر ئىزدا تۇرۇۋالىدۇ، خىجىلچىلىقتا قېلىشتىن بەك ئەندىشە قىلغاچقا، قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ئۆزىنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويۇشتىن ئەنسىرەيدۇ.
ئورۇن ئالماشتۇرۇپ تەپەككۇر قىلىشقا سەل قاراش: بۇ خىلدىكىلەر قورقۇش، سۆيۈش، غەزەپلىنىش، ئاچكۆزلۈك ۋە ئىچ ئاغرىتىش كەيپىياتىنى تازا چۈشەنمەيدۇ. كەيپىيات ئامىلىنى تەدبىر بەلگىلەش جەريانىنىڭ سىرتىغا قويىدۇ.
بىلمىسىمۇ بىلىدىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىش.
ئاغزىنى باشقۇرالماسلىق.
ماڭغان يولنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئاڭقىرالماسلىق: بۇ خىلدىكىلەر كەسپىي ھاياتىدىكى توغرا يۆنىلىشىنى ئىگىلىيەلمىگەندەك ھېس قىلىپ، ماڭغان يولۇم زادى توغرىمۇ-خاتا دەپ گۇمان قىلىدۇ. ئۆزىنى بار بىلەن يوقنىڭ ئارىلىقىدىكى ئادەم دەپ قارايدۇ، باشقىلارغا يېتىشىۋېلىشقا كۆز يەتمەيدۇ، نەتىجىدە كۆڭلى ئارامىغا چۈشمەيدۇ.
تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا ئىنتىلگەن ھەر بىر ئادەمدە يۇقىرىقى 12 خىل ھەرىكەت ئەندىزىسى ئاز تولا كۆرۈلىدىكەن. مەيلى رەھبەر بولسۇن ياكى ئاساسىي قاتلام خىزمەتچى خادىملىرى بولسۇن، ئۆزىنى ھەر ۋاقىت يۇقىرىقىلارغا سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ تۇرۇشى تولىمۇ زۆرۈر ئىكەن.
…………
ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


