大数跨境

ئەڭ قىممەتلىك نەرسە

ئەڭ قىممەتلىك نەرسە aybarawazi
2025-07-26
1
导读:ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەرد


ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 


بىر ئادەم پۈتۈن ئەس-يادى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسىنى تېپىشنى ئويلايدىكەن. ئۇ ئاخىرى قىممەتلىك نەرسىنى تېپىش ئۈچۈن ئاتلىنىپتۇ. ئۇ ئالدىغا ئۇچرىغانلىكى ئادەمدىن: -دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسە نېمە؟ - دەپ سورايدىكەن. بۇ سۇئالغا ئۇ ئادەم ھەرخىل جاۋاپقا ئېرىشىپتۇ:- بىرى ئالتۇن دېسە، يەنى بىرى پۇل، باشقا بىرى ھوقۇق، ئالماس، بىلىم .... - دېيىشىپ ھەر كىم ئۆزى بىلگىنىچە جاۋاپ بىرىپتۇ.

بۇ ئادەم ئۇزۇن يىل جاھان كېزىپ دۇنيادا زادى نېمىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي قېرىپ كېتىپتۇ. ئامالسىز ھەممىدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ غەمكىن ھالدا يۇرتىغا قايتىپتۇ. قىشنىڭ سوغۇق قار ياغقان بىر ئاخشىمى ئۇ ئاخىرى ئۆيگە كەپتۇ. ئۆينىڭ دېرىزىسىدىن غۇۋا چىراغ يورۇقى كۆرۈپتۇ. يېقىن كېلىپ دېرىزىدىن قارىسا، ئۆيدىكىلىرى ئىسسىق كاڭنىڭ چۆرىسىدە يۇمۇلاق بولۇپ چۆرىدەپ ئولتۇرغۇدەك، ئۇنىڭغا كۆرپە ئۈستىدىن بوش ئورۇن قالدۇرۇپ قويۇلغانىكەن. جوزا ئۈستىدىكى لىگەندە ھورى چىقىپ تۇرغان تائاممۇ تۇرغۇدەك. بالا-چاقىلىرى ئۇنىڭ تىنىچ- ئامانلىقىنى تىلەپ، ئەنسىرەش ئىچىدە پاراڭ قىلۋاتقۇدەك... بۇنى كۆرۈپ ئۇ ئادەمنىڭ كۆزلىردىن ئىسسىق ياشلار بۇلدۇقلاپ ئېتىلىپ چىقىپ تۆكۈلۈشكە باشلاپتۇ.

ئاھ، ئەسلىدە ئەڭ قىممەتلىك نەرسە ئۆزەمنىڭ مۇشۇ ئائىلىسىكەن ئەمەسمۇ؟!-دەپتۇ. 

شۇنداق، ئەنە شۇ ئائىلىمىزدىكى بىز ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتاۋاتقان سۆيۈملۈك ھەمراھىمىز، بالا- چاقىلىرىمىز، قېرىنداش، ئۇرۇق- تۇغقانلىرىمىز، دوست - يارەنلىرىمىز بىز ئۈچۈن بىر ئۆمۈر قەدىرلىنىشكە تېگىشلىك قىممەتلىك كىشىلىرىمىزدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىزنىڭ قەدىرلىشىمىزگە ئەرزىيدىغان بۇيۇملار بىز ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك نەرسىلىرىمىزدۇر. بۇ قىممەت ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ پۇل باھاسى بىلەن ئەمەس، بەلكى قەلبتىكى باھاسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ


……..…………… 

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيۇڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k