ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت
ئىچ مىجەز كىشىلەرنى ھەرگىز تۆۋەن مۆلچەرلىمەڭ
كۈندىلىك تۇرمۇشتا، بىز بەزىبىر ئىچ مىجەز كىشىلەرنى ئۇچرىتىمىز. بىز ئۇلار بىلەن پىكىرلەشكەندە، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى پىسخىكىلىق پائالىيەتلىرىنى بىلەلمەيمىز، چۈنكى ئۇلار ئاساسى جەھەتتىن روھى كەيپىياتىنى يۈزىدە ئىپادىلەپ چىقارمايدۇ؛ بۇندىن باشقا، ئىچ مىجەز كىشىلەر يەنە بەزىدە ئادەمگە بىر خىل ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسى باردەك بىلىنىدۇ. لېكىن ئەمەلىيەتتە، ئىچ مىجەز كىشىلەرنىڭمۇ ئۆزىگە تەۋە خاراكتېر ئالاھىدىلىكى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكلىرىنى چۈشىنىپ باقساق، بىز بەلكىم ئۇلارنىڭ پىسخىكىلىق پائالىيەتلىرىنى چۈشىنىپ يىتەلىشىمىز مۇمكىن.
ئىچ مىجەز بولۇش قورقۇنچاقلىققا ۋەكىللىك قىلمايدۇ
ئىچ مىجەز كىشىلەر ئىجتىمائىي ئالاقە جەريانىدا ئۆزىنى ئازادە تڭتالماي، ئوي-پىكىرلىرىنى تولۇق ئىپادىلىيەلمەي قېلىشى مۇمكىن؛ بۇنداق ئەھۋالدا، بەزىلەر ئۇلارنىڭ بۇ ئىپادىسىنى قورقۇنچاقلىقنىڭ ئىپادىسى دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئىچ مىجەز بولۇش قورقۇنچاق بولۇشقا ۋەكىللىك قىلمايدۇ؛ ھەقىقىي تۈردىكى قورقۇنچاقلىق ئىش قىلىش جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ. ئىچ مىجەز كىشىلەر بەلكىم تىل جەھەتتە ئۆزىنى ياخشى ئىپادىلىيەلمەسلىكى مۇمكىن، لېكىن ئۇلار ھەرىكەتلىنىش جەھەتتە گىگانت ئادەم. بۇ داۋلىنى چۈشەنگەندىن كىيىن، ئىچ مىجەز كىشىلەرنى خالىغانچە تۆۋەن كۆرمەسلىكىمىز كېرەك.
ئىچ مىجەز كىشىلەر باشقىلارنى كۆزىتىشكە ماھىر كىلىدۇ
ئىچ مىجەز كىشىلەر، ئالاقە ئوبىكتىدىكى بارلىق ئۆزگىرىشلەرنى سەزگۈرلۈك بىلەن بايقاپ، قارشى تەرەپنىڭ گەپ-سۆزلىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ پىسخىكىلىق پائالىيىتىگە ھۆكۈم قىلىدۇ. ئۇلار بەلكىم سۆزمەن بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن ئۆزىنىڭ سىزىم ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ كەيپىيات ھالىتىنى تەھلىل قىلىدۇ.
ئىچ مىجەز كىشىلەر ئۆزىنى تېخىمۇ ئاسان تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ
بۇ يەردە كۆرسىتىلگىنى، ئىچ مىجەز كىشىلەر ئۆزىنىڭ كىچىك دۇنياسىدا تۇرۇشنى تېخىمۇ بەكرەك خالايدىغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ نېمىگە ئىرىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىشقا ۋە ئۆزىنىڭ يۇشۇرۇن كۈچىنى قېزىشقا، ئۆزىگە تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت بىرىدۇ.. ئەكسىچە، تاش مىجەز كىشىلەر بولسا ئىجتىمائىي ئالاقە ئۈچۈن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ، بەزىدە ھەر خىل پىكىر قاراشلارنى ئاڭلايدۇ؛ ئەمما بۇلارغا توغرا ھۆكۈم قىلالمىسا، ئۇلار ئاسانلا ئۆزىنى يوقىتىپ قويىدۇ. شۇڭلاشقا، ئىچ مىجەز كىشىلەر تېخىمۇ ئاسان بىلىم ۋە تەجرىبە ساۋاق توپلاپ، ئۆزىنى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ.
ئىچ مىجەز كىشىلەرنىڭ ھېسسىي ئورتاقلىشىش كۈچى تېخىمۇ كۈچلۈك
ئىچ مىجەز كىشىلەرنىڭ كۆپ قىسىمى، نىسبەتەن ھېسسىياتقا بەكرەك بىرىلىدىغانلار بولۇپ، ئۇلار كۆڭلىنى تىچلاندۇرۇپ ئۆزىنىڭ كەيپىياتىدىكى ئۆزگىرىشكە دىققەت قىلىشنى تېخىمۇ بەكرەك خالايدۇ، بىرلا ۋاقىتتا باشقىلارنىڭ كەيپىياتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىمۇ ئاسانلا بايقىيالايدۇ. ئەگەر سىز بىر ئىچ مىجەز ئادەم بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئۆزىڭىزنىڭ باشقىلارنىڭ ھېس-تۇيغۇسىنى توغرا چۈشىنەلەيدىغان ئادەم ئىكەنلىكىنى بايقىشىڭىز مۇمكىن، چۈنكى سىز بىپەرۋا كىشىلەرگە ئوخشاش باشقىلارنىڭ ھېس-تۇيغۇسىنى نەزەردىن ساقىت قىلمايسىز؛ شۇڭا ئىچ مىجەز بولغان سىز، ھېسسىي ئورتاقلىشىش كۈچىڭىز تېخىمۇ مول بولىشىڭىز مۇمكىن.
…………
ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


