ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت


باشقا ئىشلار ھەققىدە پاراڭلىشايلى
ئەركان
🕊
-قانچە رەت ئارزۇ قىلدىم كەتمەسلىكىڭنى؟!
-قانچە رەت ئارزۇ قىلدىم بىرگە ياشاشنى؟!
-كېچىلەرگە ئويدۇم ئىسمىڭنى
-رەسىمىڭنى سىزدىم كۈندۈزگە
-كەتمە
كۆزۈڭدە تەنھا ئاققۇ
-كەتمە
تىلىم ئاستىدا پىچەتلەنگەن ئۆلۈم
-كەتمە
گۈل بەرگىڭدە كۆيىۋاتقان شەبنەم
-كەتمە
دەرىزەمدە مەڭگۈلۈك ئەلەم
ئىككى قىرغاقتا قارىشىپ تۇردۇق،
قارا بوران چىقىۋاتىدۇ…
***
كەل، زېرىكىش ۋە ئەلەملەردىن قېچىپ چىقايلى
پاراڭلىشايلى باشقا ئىشلار ھەققىدە؛
سەن تىككەن ناماز شام گۈلى،
ۋە ئۇنى يەپ كەتكەن ئۆچكىلەر.
مۇھەببەتنى بەكلا شېرىن دەپ ئويلايدىغان بالا ۋاقتىمدا،
سۆيگۈنۈمگە سوۋغا قىلىشقا ئالغان ئەرزان سائەت.
سەن ئوقۇشقا كەتكەندىن كېيىن،
سېنى سېغىنىپ ئۆلۈپ كەتكەن ھېلىقى ئاسلان.
مەن باققان، ھازىرغىچە ياشاۋاتقان قېرى مۈشۈك
سەن ئاڭلايدىغان خالىدە ئىمام ناخشىلىرى
مەن ئاڭلايدىغان ئەكبەر قەھرىمان ناخشىلىرى
تار بالكوندىكى ئاق ئورۇندۇقۇڭ
قاراڭغۇ ھوجرىدىكى كىچىك دەرىزەم…
ئۆتمۈش ھەققىدە پاراڭلىشايلى،
چۈنكى بىز كەلگۈسى ھەققىدە سۆزلىشەلمەيمىز…

-سېنى سۆيىمەن
ئۈنۈڭدە توزىغان چېچەك
-سېنى سۆيىمەن
ئۈنۈمدە تىلىنغان يۈرەك
قەلبىمىز تىترەۋاتقان بىر قوڭغۇراق
بارلىق شەيئىلەر ئاڭلىغۇچە تىترىسۇن
تاشلار، دەرەخلەر، قۇشلار، شاماللار
ھايۋانلار، ئىنسانلار، خىياللار…
بىز باشقا ئىشلار ھەققىدە پاراڭلىشايلى،
چۈنكى بىز سۆيگۈمىز ھەققىدە سۆزلىشەلمەيمىز…
…………
ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


