ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت
چىن سۆيگۈگە ئېرىشكەندە پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويماڭ، چۈنكى بۇ نۆۋەت قولدىن كەتسە قايتا ئېرىشەلمەيسىز


ھەقىقىي دوستقا ئېرىشكەندە ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قەدىرلەڭ، چۈنكى ئادەم ئۆمرىدە ئۇچرىتىدىغان ھەقىقىي دوست بارماق بىلەن سانىغۇچىلىكلا


دانىشمەن كىشىگە يولۇققاندا ئۇنىڭ پېشىنى مەھكەم تۇتۇڭ، چۈنكى ئۇ ھايتىڭىزدا بۇرۇلۇش ياسايدۇ


ئىلگىركى سۆيگىنىڭىزنى ئۇچراتقاندا ئۇنىڭدىن مىننەتدار بولۇڭ، چۈنكى ئۇ سىزگە باشقىلارنى قانداق سۆيۈشنى ئۆگەتتى


ئۆچ كۆرگەن ئادىمىڭىزنى ئۇچراتقاندا كۈلۈمسىرەپ ئۆتۈپ كېتىڭ، چۈنكى ئۇ سىزگە قەيسەرلىكنى ئۆگەتتى


سىزگە خائىنلىق قىلغان كىشىنى ئۇچراتقاندا ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىڭ، چۈنكى ئۇ بولمىغان بولسا سىز بۇ دۇنيانىڭ قانداقلىقىنى چۈشەنمىگەن بولاتتىڭىز

ئىلگىرى ئوغۇرلۇقچە ياخشى كۆرگەن ئادەمنى ئۇچراتقاندا ئۇنىڭغا بەخت تىلەڭ، چۈنكى سىزنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىشىڭىز ئۇنىڭ بەختى ئۈچۈن ئەمەسمىدى!؟

ھاياتىڭىزدىن تېز ئۆتۈپ كەتكەن كىشىنى ئۇچراتقاندا ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىڭ، چۈنكى ئۇ بولغانچقا ھاياتىڭىز تېخىمۇ مول مەزمۇن بىلەن تولدى

سىزنى خاتا چۈشەنگەن كىشىنى ئۇچراتقاندا ئىشلارنى چۈشەندۈرۈپ قويۇڭ، چۈنكى بەلكىم بۇ سىز ئۈچۈن ئاخىرقى پۇرسەت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن

سىزگە ئۆمۈر بويى ھەمراھ بولغان ئادەمنى ئۇچراتقاندا ئۇنىڭ سىزنى ياخشى كۆرگىنىگە رەھمەت ئېيتىڭ، چۈنكى ئۇ بولغاچقا ھەر ئىككىڭلار بەختكە ئېرىشتىڭلار
…………
ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


