大数跨境

ئېيتىپ بېرەي سىرىمنى - پاتەم بەكرى

ئېيتىپ بېرەي سىرىمنى - پاتەم بەكرى aybarawazi
2025-10-15
2
导读:ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەرد


ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 

 ئېيتىپ بېرەي سىرىمنى .

 پاتەم بەكرى .

 سوراپ قالدى بىر دوستۇم ، سەندە قايغۇ يوقمۇ دەپ.

 يازغانلىرىڭ خۇشاللىق كۆڭلۈڭ شۇنچە  توقمۇ دەپ

يېشىڭ باردى بىر يەرگە خۇددى ياشتەك يۈرۈيسەن .

 ياكى بالىلىقتىلا ئۆزۈڭ شۇنداق شوخمۇ دەپ .

 قۇلاق سالغىن ئەي دوستۇم ئېيتىپ بېرەي سىرىمنى .

 نەگە بارسام شۇ يەردە تاپىمەن ئۆز خىلىمنى .

 ھۇزۇر دەيمەن پاك نىيەت بىلەن باسقان يولۇمنى .

 كۆرسەم بىر تال قىزىل گۈل ، ھەتتا بىر تال جىرىمنى .

 مۇھەببەتنى ۋاپانى ئانام سالغان دىلىمغا .

 ئۆم ئىناقلىق ، خۇشاللىق چىقار ئاسان تىلىمغا .

 ئاددىي ياشاپ راست كۈلۈش، مېنىڭ تۇرمۇش مىزانىم .

 قىزىقمايمەن ئەزەلدىن كىرىم بىلەن گىرىمغا.

 دەرد تۆكۈشنى يىغلاشنى ئاجىزلىق دەپ بىلىمەن .

 غەم بولسىمۇ ئىچىمدە سىرتتا خۇشال كۈلىمەن .

 غەمنى ئويلاپ ئۆيۈمدە ئولتۇرمايمەن ئۇھسىنىپ .

 گۈزەللىكنى سۆيگۈچى ئاشىقلارنىڭ بىرى مەن .

 دەرت كەلسىمۇ بېشىمغا كەتمەيمەن بەك ئاھ ئۇرۇپ .

 يېڭى كۈننى كۈتىمەن قۇياشتىن بۇرۇن تۇرۇپ .

 كىتابىم بار ، يېنىمدا قەلەم تۇرار قولۇمدا .

 ئۆتكۈزمەيمەن بىر كۈننى لاغايلاپ بىكار يۈرۈپ .

 قانائەتلىك ياشىدىم مال دۇنيانى كۆزلىمەي .

 ئېغىزىمنى باشقۇرۇپ  قالايمىقان سۆزلىمەي .

 ئىللىق ، ئىناق  ئائىلە  خۇشاللىقنىڭ ئۇل تېشى .

 ئەللىك يىلنى ئۆتكۈزدۈم ئەرنى بىر رەت كۈنلىمەي .

 بالىلىرىم دوستلىرىم قوللايدۇ مېنى دائىم .

 نام ئابروي ھەشەمەتكە تارتمايدۇ مېنىڭ رايىم .

 قىلسا غەيۋەت ، ھەسەتخور ، يوقتۇر ، ئاڭا پەرۋايىم .

 نەدە بولسا خۇشاللىق شۇ مېنىڭ بارار جايىم .

 گۈزەل تاغۇ دەريانى يىلدا نەچچە كېزىمەن ؟

 ئۆزۈمنى بۇ ئالەمدە ئەڭ بەختلىك سېزىمەن

 كېچە كۈندۈز ئېيتىمەن پارتىيەگە تەشەككۈر .

 ئۇلۇغ جۇڭخۇئا ئىلىنىڭ بەك تەلەيلىك قىزى مەن .

 مىننەتدار مەن ھەر كۈندىن زارلىنىشتىن يىراق مەن . 

 ئەل ۋەتەننىڭ ئىشقىدا كۆيۈپ ، تۇرغان چىراقمەن 

 قىيالمايمەن ھاياتنىڭ تاتلىق شەربەتلىرىگە .

 گۈل تەبىئەت ھۆسنىگە قېنىپ ئالاي جىقراق مەن .

2025-9-12-

ئۇرۇمچى  

 ئاپتور ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ پېنسىيە نۇرى .

……..…………… 

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيۇڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k