ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

ئىزچىل باي بولۇشنى ئويلايدىغان تۈلكە ئورمانلىقتا بىر ئاياغ دۇكىنى ئىچىپتۇ، تۈلكىنىڭ ئاياغ دۇكىنىدا ھەرخىل پاسوندىكى نۇرغۇ ئاياغ بار ئىكەن، تىجارەت باشلانغان تۇنجى كۈنى نۇرغۇن خىرىدارلار بۇ دۇكانغا كەپتۇ، ئورمانلىقتىكى «كىپىنەك گىزىتى»«ھەسەل ھەرىسى ھەپتىلىك ژۇرنىلى» قاتارلىق نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاستىلىرمۇ ئالاھىدە مۇخبىر ئەۋەتىپ بۇ توغۇرسىدا خەۋەر بىرىپتۇ. ئەمما، تىجارەت باشلانغان تۇنجى كۈنى بىرمۇ ئاياغ سىتىلماپتۇ، خىرىدارلارنىڭ ھەممىسى ئاياغلارنى كۆرۈپ قويۇپلا بولدى قىپتۇ، بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ تۈلكىنىڭ كۆڭلى ئنتايىن يىرىم بوپتۇ. كۈنى ئېزىلەڭگۈ قارا ئېيىق تۈلكىنىڭ ئاياغ دۇكىنىغا كەپتۇ ، ئۇ بۇ دۇكاندىكى ئاياغلارغا قاراپ ھەيران بولۇپ: _ ۋاھ! نېمىدېگەن كۆپ ئاياغ بۇ دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان تۈلكە كۆڭلىدە « بۇ قارا ئېيىق چۇقۇم مېنىڭ ئاياغلىرىمنى سېتىۋالىدۇ» دەپ ئويلاپتۇ دە ، چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ تۇرۇپ: - قارائىيىق، ئاياغلار يارىغان بولسا يازلىق ئاياغدىن بىر جۈپ سېتىۋېلىپ يازدا كىيمەمسەن؟- دەپتۇ. چۈنكى، بۇ ۋاقىتتا شاپتۇل چېچەكلىرى ئېچىلىپ، ئادەمگە ھوزۇر بېغىشلايدىغان ئۈچىنچى ئاي ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتكەن بولۇپ، ياز پەسلى يېقىنلىشىپ قالغانىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن تۈلكە قارا ئېيىققا يازلىق ئاياغ سېتىۋېلىشنى ھە دەپ تەۋسىيە قىلىۋاتاتتى . ئېيىق تۈلكىنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ ھەيران قاپتۇ: نېمە يازلىق ئاياغ ؟ مەن ئاياغ كىيىپ نېمە قىلىمەن؟ ئاياغ كىيىۋالسام دەرەخكە قانداق يامىشالايمەن ؟ مەن ئەزەلدىن يالاڭ ئاياغ يۈرۈپ كۆنۈپ قاپتىمەن،-دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان تۈلكە قولىغا دەرھال قىشلىق ئاياغتىن بىر جۈپنى ئېلىپ قارا ئېيىققا سۇنۇپتۇ-دە: ئۇنداق بولسا مال قىشلىق ئاياغنى سېتىۋال، بۇ ئاياغنىڭ ئىسسىق ساقلاش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى،-دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان قارا ئېيىق: بولدى، بولدى، مېنىڭ ئاياغ سېتىۋېلىش نىيىتىم يوق ، پەقەت كۆرۈپ باقاي دەپ كىرگەن، ماڭا قىشلىق ئاياغنىڭ كېرىكى يوق ، تۈلكە خوجايىن. ئەجەبا سەن مېنىڭ قىشلىق ئۆچەككە كىرىدىغانلىقىمنى بىلمەمسەن؟ دەپتۇ-دە قەدەملىرىنى ئاستا يۆتكەپ ، ئورمانلىق ئىچىگە قاراپ يۈرۈپ كېتىپتۇ. بىر ئازدىن كېيىن ، قۇلۇلە ئېغىر قەدەملىرنى سۆرىگىنىچە تۈلكىنىڭ دۇكىنىغا كىرىپتۇ. تۈلكە قۇلۇلىنى كۆرۈپ باشقىچە جانلىنىپ كېتىپتۇ- دە چىرايلىق كۈلكىگە ئۇرۇپتۇ كېلىپ باشلاپتۇ: قۇلۇلە دۇكىنىمغا يېڭىدىن ئەڭ يېڭى پاسوندىكى تەنھەركەت ئايىغى كەلتۈردۈم، بىر جۈپ ئېلىپ كىيىپ باقمامسەن، ئىشىنىمەنكى سەن تەنھەرىكەت ئايىغى كىيسەڭ تىخىمۇ تېز يۈگىرەلىشىڭدە گەپ يوق، - دەپتۇ. ئەسلىدە قولۇلىنىڭ ئاياغ سېتىۋېلىش نىيىتى يوق بولۇپ، قىشلىق ئۇيقۇدىن ئەمدى ئويغانغان قۇلۇلە سىرتلارنى ئايلىنىپ كېلىش مەقسىتىدە چىققانىكەن ، تاسادىپىي ھالدا تۈلكىنىڭ بۇ ئاياغ دۇكىنىغا كېلىپ قاپتۇ. تۈلكىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغان قۇلۇلە بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ: ھەي تۈلكە خوجايىن ، ئەجەبا، سىز قولۇلىلەرنىڭ ناھايىتى ئاستا ماڭىدىغانلىقىنى بىلمەمسىز، بىز ئەزەلدىن ئاستا يول يۈرۈشكە ئادەتلىنىپ كەتكەن تۇرساق. تەنھەرىكەت ئايىغىنى كېيىپ نېمە قىلىمىز؟ - دەپتۇ. بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان تۈلكە ناھايىتى ئۈمىدسىزلىنىپتۇ، دەل شۇ ۋاقىتتا تۈلكىنىڭ ئاياغ دۇكىنىدىكى مال زاكاز قىلىش قىزىق لىنىيەلىك تېلېفونى سايراپ كېتىپتۇ، تۈلكە بىردىنلا روھلىنىپ تېلېفوننى ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن ئىلىپتۇ: ياخشىمۇ سىز! بۇ بۈك ئورمان ئاياغ شەھەرچىسى، سىزگە قانداق ئاياغ لازىم؟-دەپتۇ. تېلېفوننى سەكسەن پۇت ئۇرغانىكەن، ئۇ تېلېفوندا: مەن سەكسەن پۇت بولىمەن ، ئۇ ماڭا زەنجىرسىمان ئاياغ لازىم ئىدى، سىزنىڭ دۇكىنىڭىز بارمۇ؟ دەپتۇ. تۈلكە بۇ گەپنى ئاڭلاپ ناھايىتى ھەيران قاپتۇ، چۈنكى تۈلكە بۇنداق ئاياغ بارلىقىنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىكەن . تۈلكە ئاخىرى سەكسەن پۇتقا: نېمە ؟ زەنجىرسىمان ئاياغ ؟ بۇ قانداق ئاياغ دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان سەكسەنپۇت: مېنىڭ قىرىق ئىككى تال پۇتۇم بار ، چۇقۇم زەنجىرسىمان ئاياغ كىيىشىم كېرەك دەپتۇ-دە ، ئاچچىقلاپ تېلېفوننى ئۈزۈۋېتىپتۇ. تۈلكە بۇنى ئاڭلاپ ھەيرانلىق بىلەن: توۋا جاھاندا بۇنداق كۆپ پۇتى بار ھايۋانمۇ بار ئىكەن - دە،دەپتۇ. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن قارا ئېيىق تۈلكىنىڭ ئاياغ دۇكىنىغا يەنە كەپتۇ. بۇ قېتىم قارا ئېيىق بۇ يەرگە ئاياغ سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئەمەس ، بەلكى تۈلكىگە ئاياغ دۇكىنىنىڭ تىجارىتىنى روناق تاپتۇرۇش توغرىسىدا ياخشى مەسلىھەت كۆرسىتىش ئۈچۈن كەلگەنىكەن. قارا ئېيىق تۈلكىنى كۆرۈپلا سۆزىنى باشلاپتۇ: تۈلكە خوجايىن، سەن دۇكىنىڭغا ساپلا كالا تېرىسى، چوشقا تېرىسى دېگەندەك نەرسىلەردىن تىكىلگەن ئاياغلارنى ئەكەلگىنىڭ بىلەن، بۇنداق نەرسىلەرنى بىزنىڭ ئورمانلىقىمىزدا كىم كىيىدۇ؟ بىزنىڭ چوشقا بۇرادەر بىلەن كالا بۇرادەر ئۆز قېرىنداشلارنىڭ تېرىسىدىن تىكىلگەن ئاياغلارنى قانداقمۇ كىيسۇن؟ ھازىر قانداق دەۋر، باشقىلار مەيلى نېمىنى سېتىۋالمىسۇن، ھەممىسىدە مودا قوغلىشىدۇ. بىز مۇشۇ نۇقتىنى ياخشى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك، مېنىڭچە سەن دۇكىنىڭغا چىغ چورۇقلاردىن كەلتۈرۈپ سېتىپ باقساڭ، چوقۇم بازار تاپىدۇ، - دەپتۇ . تۈلكە ئېيىقنىڭ سۆزلىرنى ناھايىتى ئورۇنلۇقتەك ھېس قىلىپتۇ-دە ، دەرھاللا توردىن ئەڭ يېڭى پاسوندىكى چىغ چورۇقلارنى زاكاز قىلىپتۇ. ئۇزاق ئۆتمەي تۈلكە توردىن زاكاز قىلغان، ھەر خىل پەسىلگە ماس كېلىدىغان، ھەر خىل پاسوندىكى چىغ چورۇقلار يېتىپ كەپتۇ ، لېكىن مالنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن كۆڭلىدە «يېڭى پاسوندىكى ماللار يېتىپ كەلدى، چۇقۇم كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىشىم كېرەك» دەپ ئويلاپ، تاشپاقىنى ئىزدەپ بېرىپتۇ ۋە تاشپاقىغا: تاشپاقا ئەپەندى، مېنىڭ يېڭىدىن كەلتۈرگەن ئاياغلىرىمغا ئېلان ئىشلىشىپ بەرگەن بولساڭ دەپتۇ، تاشپاقا بۇنى ئاڭلاپ ھەيرانلىق بىلەن: نېمە؟ ئېلان؟ مەن قانداق ئېلان ئىشلىيەلەيمەن؟ دەپتۇ. تۈلكە تاشپاقىغا: سەن پەقەت بۇ چىغ چورۇقنى كىيىپ تۇرۇپ ، مېنىڭ تەلىپىم بويىچە مەن ئالدىن تەييارلىغان ئېلان سۆزنى ئوقۇپ بەرسەڭلار بولىدۇ،-دەپتۇ. تاشپاقا بۇنى ئاڭلاپ دەرھال ماقۇل بوپتۇ ۋە چىغ چورۇقنى كىيىپ دەريا بويىغا كەپتۇ ، ئۇ چىغ چورۇق بىلەن سۇغا چۈشكەن ئىكەن ، دەريا سۈيى ئۇنى چۆكۈرۈش ئۇياقتا تۇرسۇن ، ئەكسىچە لەيلىتىپ يىراقلارغا ئېلىپ كېتىپتۇ. ئۇنى كۆرگەن تۈلكە قىرغاقتا نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قاپتۇ
…………
ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


