ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت
ئازاپنىڭ رەڭگى بار دىيىلسە
ئايدىڭسىز كىچىدەك قاپقارىمىدۇ ؟
تەمى بار دىيىلسە
شاكىراپتەك ئاچچىقمىدۇ؟
پەسلى بار دىيىلسە
قەھرىتان قىشتەك سوغۇقمىدۇ؟
ۋە ياكى
ئالدامچىدەك ھىيلىگەر
تۇزكوردەك قانخور
قاتىلدەك رەھىمسىزمىدۇ ؟
ئۇنى كىلىشتىن ئاۋۋال
سەزگىلى بولسا
كۆرگىلى بولسا
تۇتقىلى بولسا
ئورەك كولاپ كۆمىۋەتسەك
گۈلخان يېقىپ كۆيدۈرۈۋەتسەك
دېڭىزلاردا ئېقىتىۋەتسەك
شاماللارغا سورىتىۋەتسەك
نەقەدەر گۈزەل بولار ئىدى ھە بۇ دۇنيا...…
بىر ئادەم بىر ئادەمدىن سوراپتۇ
نىمە ئەڭ ئاسان ؟ نىمە ئەڭ تەس ؟
ئادەم ئىيتپتۇ :قۇسۇر ئىزدەش ئەڭ ئاسان
ئۇزىنى تۇنۇش ئەڭ تەس ️
…………
ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


