ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت
ياخشىلىق قىلالمىساڭ، يامانلىق قىلما؛ ياخشىلىقنى بىلمىسەڭ، ياخشىلارغا قوشۇل؛ ياخشىلار قاتارىدا بولالمىساڭ، ياخشىلار ئەتراپىدا يۈر.
ھۆرمىتىڭنى قىلغاننىڭ ئىززىتىنى نىسى قويما، مىسالى — شۇكى، چەينەك چېغىدا پىيالە ئۈچۈن ئېگىلىدۇ .

ئويلىماي ئېيتىلغان سۆز سىز ئۈچۈن ھېچنىمە ئەمەس، بىراق ئاڭلىغۇچى ئۈچۈن يىنىك بولسا بىر كۈنلۈك كەيپىيات، ئېغىر بولسا بىر ئۆمۈرلۈك يۈرەك يارىسى. شۇڭا، گەپ قىلغاندا ئوبدان ئويلىنىپ قىلىڭ.

ھەقىقىي ئاشىق شۇنداق بولىدۇكى، ئۇنىڭ كۆڭلى يار ئىشقىدا دەردلىك بولسىمۇ، ئەمما دىلى، تىلى ۋە كۆزى يارىغىلا باغلانغان بولىدۇ. ئەڭ يۈكسەك ئىشىق دېگەن ئەنە شۇ

مېھرىڭ بىلەن قەھرىڭ ئىككىلىسى كەم بولمىسۇن، كىشلەر ئۆزىگە قايسىسى ياراشسا شۇنى سورايدۇ
ئازار بەرمەڭ، مېھىر بېرىڭ، ئالدىماڭ، قەدىر قىممىتىنى قىلىڭ، يالغۇز قويماڭ، ھەمراھ بولۇڭ. ھايات بەكمۇ قىسقا، تۇيۇقسىز بىر - بىرىمىزدىن ئايرىلىپ قېلىشىمىز مۇمكىن
…………
ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


