ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت
مىڭ لەنەت
پاتەم بەكرى
ئاپپاق ساقال ، داداڭغا كەتمەن چاپقۇزساڭ
ھالسىرىغان ئاناڭغا پايپاق ساتقۇزساڭ .
ئايالىڭنى پەپىلەپ بىكار ياتقۇزساڭ .
ۋاپاسى يوق ، ئەي ئوغۇل ساڭا مىڭ لەنەت .
بىر كويچەن پۇل تاپماستىن ، چەكسەڭ موخۇركا .
چۈشۈرمىسەڭ قولۇڭدىن كۈندە بوتۇلكا .
مەيدە مۇشتلاپ ، كېچىدە قۇرساڭ تاۋىكا
ۋاپاسى يوق ، ئەي ئوغۇل ساڭا مىڭ لەنەت .
ئەيىب قويساڭ ئاي ئاناڭ ئەتكەن تاماققا
پۇلنى ئېلىپ ، ئاناڭدىن بارساڭ قاۋاققا
قان يىغلايدۇ شۇ ، ئاناڭ كىرسەڭ قاماققا .
ۋاپاسى يوق ، ئەي ئوغۇل ساڭا مىڭ لەنەت .
بالىلىرىڭنى باق تۇرساڭ گۈلدەك ئاناڭغا ؟
تەڭ قىلمىساڭ ئاقىۋەت ، ئۆيدە جانانغا
ھەيدىۋەتسەڭ ئاناڭنى ، قوشتۇم ساراڭغا .
ۋاپاسى يوق ئەي ئوغۇل ساڭا مىڭ لەنەت
ئاتاڭ يىغقان بىساتنى ساتساڭ ، تۈتۈنگە .
قايتۇرمىساڭ قەرزىنى خىلاپ پۈتۈمگە .
ئانا سېنى قاقشاتقان ، مەھكۇم ئۆلۈمگە .
ۋاپاسى يوق ، ئەي ئوغۇل ساڭا مىڭ لەنەت .
تۇتۇق بەرمەي ، ئاخساتساڭ ئۆينىڭ ئىشىنى،
خۇمار تۇتسا ئاناڭنىڭ يۇلساڭ چېچىنى
كۆتۈرەلمەس سىرىتلاردا ئاناڭ بېشىنى
ۋاپاسى يوق ، ئەي ئوغۇل ساڭا مىڭ لەنەت .
قېرىغىچە جان ئاناڭ سېنى يۆلىسە .
قەرزى بولساڭ يەنە شۇ ئاناڭ تۆلىسە .
ئۇۋال ئىسىت ، شۇ ئاناڭ راھەت كۆرمىسە .
ۋاپاسى يوق ، ئەي ئوغۇل ساڭا مىڭ لەنەت .
يالغۇز تاشلاپ ئاناڭنى كەتسەڭ يىراققا .
ئوغلى تۇرۇپ قالدۇرساڭ دەردۇ پىراققا
ئۆرتەنمەمدۇ ، يۈرۈگۈڭ ۋىجدان سوراقتا .
ۋاپاسى يوق ، ئەي ئوغۇل ساڭا مىڭ لەنەت .
ئاتا ئانا قارغىشى گويا ئاتقان ئوق .
ئانا سۈتى ئەممىگەن بىرمۇ ئىنسان يوق .
ياش ئاققۇزساڭ كۆزىدىن ، يەيسەن ھامان پوق .
ۋاپاسى يوق ، ئەي ئوغۇل ساڭا مىڭ لەنەت .
قەدىرلىگىن ئاناڭنى تاپقىن ھوشۇڭنى .
ئاناڭ ئۈچۈن سەرپ قىل ، بارلىق كۈچۈڭنى .
كەچۈرۋەتكىن ئانا دەپ ياققىن يۇزۇڭنى
ۋاپاسى يوق ، ئەي ئوغۇل ساڭا مىڭ لەنەت .
2025-10-10-كۇنى
ئاقسۇدا يېزىلدى
ئاپتور ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ پېنسىيۇنۇرى
…………
ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


