ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت
بەزىدە يالغۇز قالىمەن ، تىڭشىغۇچنى تاقاپ ناخشىنىڭ ئاۋازىنى ئەڭ يۇقىرى قىلىۋېلىپ ئاپتۇۋۇزغا چىقىمەن . بەزىدە نەگە بېرىشنى بىلـمەي قالىمەن ، يەنە بەزىدە ئىككىمىز دائىم كىرىدىغان قەھۋەخانىغا بېرىپ ئىككىمىز دائىم ئولتۇرىدىغان ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇرىمەن . تاكى كەچ كىرگۈچە ئولتۇرۇپ كىتاب ئوقۇيمەن ياكى خىيال سۈرىمەن ، كەچ كىرگەندە ئاپتۇۋۇزغا ئولتۇرۇپ قايتىپ كېلىمەن

توغرا ، بەزىدە يالغۇز قالىسەن ، يالغۇز كىشىلىك تاماق يەيسەن ، ئۆزۈڭ يالغۇز خىيال سۈرىسەن ، يوللاردا نىشانسىز مېڭىپ يۈرىسەن . دەردلىرىڭنى ئاڭلايدىغان ، سېنى خۇشال قىلىدىغان بىرسىنىڭ كېلىپ چىڭ قۇچاقلىشىغا مۇھتاج بولىسەن . قەلبىڭنىڭ چوڭقۇر بىر جايلىرى كىچىككىنە مۇھەببەتكە مۇھتاج بولۇپ قالىدۇ .
ئۆزۈڭنى يالغۇزلۇققا كۆندۈرمەكچى بولىسەن ، ئەمما تېخىمۇ يالغۇزسىراشقا باشلايسەن . بەزىدە يۈك تاقىلىرىڭنى يىغىشتۇرۇپ ساياھەتكە چىققىڭ كېلىدۇ

يالغۇزلۇقمۇ ياخشى . نەگە بارغۇڭ كەلسە بارىسەن ، بىرسىگە مەسلىھەت سېلىپمۇ يۈرمەيسەن . كىشىلەر بىلەن پاراڭلاشقىنىڭدا ، ئۇلارغا قويۇپ بەرسەڭ تام تۈۋىدىن ھوشۇر چىققاندك بىرنېمىلەرنى دەپ قويۇشىدۇ ، ئۇلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا كىتاب ئوقۇساڭ ئاجايىپ ـ غارايىپ قىزىقارلىق ئىشلارنى بىلۋالالايسەن ، ئەمما يالغۇزلۇققا كۆنۈپ قالـما
يالغۇزلۇقتىن قورقما ، چۈنكى سەن قورققاندىن كۆپ قىسىم كىشىلەر قورقىدۇ ، ئەگەر سەن قورقمىساڭ ، شۇ كىشىلەر سەندىن قورقىدۇ ، يىغىنچاقلىغاندا ، يالغۇز قالساڭ بولىدۇ
ئەمما يالغۇزلۇققا كۆنۈپ قالـما
…………
ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


