ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت
مەيلى سىزنىڭ ئاتا- ئانىڭىز سىزنى باققان ياكى باقمىغان بولسۇن ئانىڭىز سىزگە 9 ئاي قورساق كۆتۈرۈپ سىزنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان ئىنسان . بۇ دۇنيادىكى گۈزەللىك،سەتچىلىك، رەزىلللىك ،ئاقكۆڭۈللۈك قاتارلىق بارلىق نەرسىلەرنى كۆرۈشىڭىزگە تەڭرىدىن قالسا ئىككىنجى بولۇپ سەۋەپچى بولغان ئىنساندۇر.

بىز ئۇلار ئۈچۈن نىمىلا قىلايلى ئۇلارنىڭ ھەققىنى قايتۇرۇپ بولالمايمىز. سىزدىن سوراپ باقسام: ئاتا- ئانىڭىزنىڭ چېچىغا كۆڭۈل قويۇپ قاراپ باقتىڭىزمۇ ؟ يۈزلىرىدىكى يول – يول قورۇقلارغا زەن سېلىپ قاراپ باقتىڭىزمۇ ؟ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئارقىسىدىن ئۇلارنىڭ قەددى- قامىتىگە قاراپ باقتىڭىزمۇ ؟قوللىرىنى سىلاپ باقتىڭىزمۇ ؟پۇتلىرىنى بىرەر قېتىم يۇيۇپ قويۇپ باقتىڭىزمۇ ؟ مۇشۇنىڭ ھەممىسىسنى بىر قېتىم قىلىپ بېقىڭ ،كۆز يېشى قىلماسلىقىڭىزغا ئىشەنمەيمەن .

توغرا سىزنىڭ ئوماق باللىرىڭىز بولدى ،ئاستا-ئاستا ئاتا- ئانىڭىزغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋاقتىڭىز ئازلاپ كەتتى، لىكىن شۇ يادىڭىزدا بولسۇنكى سىز بالىڭىزغا قانچە كۆيسىڭىز ئاتا-ئانىڭىزمۇ سىزگە شۇنداق كۆيىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ ئۆمۈرىڭىزدە ئۇلارغا بۇ ئون ئېغىز سۆزنى قىلماڭ .

1.بولدى، بولدى،بىلدىم،ھەجەپ كوت – كوت ئىكەنسەن .ئەمىليەتتە ئاتا- ئانىڭىزنىڭ كوت –كوتلىقى بىر خىل بەخىت، كىيىن ئۇلار بۇ دۇنيادىن كەتكەندە سىزگە كوتۇلداپ بېرىدىغانمۇ ئادەم قالمايدۇ .
2.باشقا ئىشىڭ بارمۇ، بولمىسا قويۋەتتىم جۇمۇ. ئەمىليەتتە ئاتا-ئانىڭىزنىڭ سىزنى ئىزدەپ پاراڭلاشقۇسى باردۇر .
3.دىسەممۇ سەن بەرىبىر چۈشەنمەيسەن،سورىما بولدى.ئەمىليەتتە ئۇلار سىزنىڭ ئۇۋالچىلىققا ئۇچىراپ قېلىشىڭىزدىن ئەنسىرەپ ئىشلىرىڭىزنى سۈرۈشتۈرىدۇ.

4.ساڭا نەچچە قېتىم دىدىم، بۇنداق قىلما دەپ، يا ياخشى قىلالمىساڭ. ئاتا-ئانىڭىزنىڭ سىزگە يۈك بولۇپ قالغۇسى يوق، شۇڭا ئۇلارغا بۇنداق دەپ ئۆزىنى كېرەكسىز ھىس قىلدۇرماڭ، ئۇلارنىڭ سىزگە يۆلىنىپ قالغۇسى يوق، شۇڭلاشقا سىزگە بىرەر ئىش قىلىپ بەرگۈسى بار. ياخشى قىلالمىغان بولسىمۇ شۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىپ ئۆزىڭىز يوشۇرۇن قىلىۋىتىڭ .
5.سىلىنىڭ ئۇ دەۋرىڭىلار دىگەن ئۆتۈپ كەتتى. بەلكىم ئاتا- ئانىمىزنىڭ گىپى ھازىرقى دەۋىرگە ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن، لىكىن سىز ئۇلارنى باشقىچە سىلىق ئۇسۇلدا رەت قىلسىڭىز بولىدۇ .
6. مىنىڭ ياتاق ئۆيۈمنى يىغىشتۇرما دىسەم ئۇنىمايسە، نەرسىللىرىمنى تاپالمىدىم مانا .ئەگەر ئاتا- ئانىڭىز سىزگە كۆڭۈل بۆلۈپ يۇغۇشتۇرۇپ قويسا، ئۇلارغا بۇنداق گەپلەر بىلەن ئازار بەرمەڭ .

7.نىمە يىيىشىمنى ئۆزەم بىلىمەن، مەن بىلەن قالماي ئۆزەڭ يىگىنە .ئۇلارنىڭ ياخشى كۆڭلىنى بۇنداق رەت قىلماڭ،سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىزگە ئۆزىڭىزدىن بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشلەر شۇ قەدىردانلاردۇر .
8.بۇ ئاشقان تاماقلارنى يىمە دىسەم نىمانداق ئاڭلىمايسەن . ئۇلار تىجەشلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپ كۆنۈپ قالغان شۇڭلاشقا ئۇلارنى بۇنداق دەپ خىجىل قىلماڭ.
9.قانداق قىلىشنى ئۆزەم بىلىمەن بولدى دەۋەرمىگىنە .چوڭلار نىمىلا بولمىسۇن سىزدىن كۆپ ئىش كۆرگەن، ئۇلار سىزگە ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى سۆزلەيدۇ،ھەرگىز سىزگە يامان بولسۇن دىمەيدۇ .
10.بۇ نەرسىلەرنى تاشلىۋىتەيلى دىسەم يەنە نىمە بۇنداق دۆۋىلەپ قويدۇڭ.....

تۇيۇقسىز ئۆزەمنىڭ ئانىسى يادىمغا يىتىپ قالدى،كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياش ئېقىۋاتىدۇ، تۇيۇقسىز بەكلا تەسىرلەندىم، بەكلا يىغلىغۇم كەلدى، بىزنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىمىز ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتىغان، ھەتتا يۈرىكىنى سۇغۇرۇپ بىرىشكە رازى بولغان قەدىردانلاغا بىز نىمىلەرنى قىلىپ بېرەلىدۇق .سەپسېلىىپ قارىسام تاغ كەبى دادامنىڭ قەددى ئىگىلىپتۇ،باغ كەبى ئانامنىڭ رۇخسارى كىتىپتۇ،ئۇلارنىڭ قەلبىنى غېرىبلىق بېسىپتۇ، يولىمىزغا تەلمۈرۈپ كۈنلەپ كۈنلەپ غېرىبلىقتا يولىمىزغا قارايدىغان بوپتۇ، بىز بولساق ئۇلارنى ئۇنتۇپ تۈگىمىگەن توي - چاي، تۇغۇلغان كۈن، ساۋاقداشلار يىغىلىشىلىرىدا....

تۇيۇقسىز ئۇلارنىڭ بىر كۈن مەندىن ئايرىلىپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ پۈتۈن دۇنيارىم قۇپقۇرۇق بولۇپ قالغاندەك ھىس قىلىپ كۆزلىرىمگە ياش كەلدى.
ئۇلار قېرىغانسىرى شۇنچە نازۇك، يىغلاڭغۇ بولۇپ قالىدىكەن، باشقا نەرسە ئۈچۈن ئەمەس بەلكى بالىجانلىق سەۋەبىدىن، شۇ بالام دەپلا كۆيىدىغان ئوت يۈرىكى بىزنىڭ ئوتىمىزدا پۇچلىنپ كەتكەچكە يىغلايدىكەن . خۇددى بىز كىچىكىمىزدە ئاتا- ئانىمىزنىڭ قولىنى قويۋىتىپ ئۇلارنى يۈتتۈرۈپ قويغاندا قورقۇنۇش ئىچىدە ئۇلارغا مۇھتاج بولۇپ يىغلىغانغا ئوخشاش .....

ئۇلارنى سۆيەيلى،كۆپرەك ھەمراھ بولايلى، كەسىپ، پۇل، مال- دۇنيانى يوقاتسا قايتا تاپقىلى بولىدۇ،لىكىن بىزنى بۇ كەبى سۆيىدىغان قەدىردانلارنى قايتا تاپقىلى بولمايدۇ .ئەگەر بۇ يازمىنى ياقتۇرسىڭىز،بىزگە رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن بولسىمۇ ئۇلارغا ھازىرلاتېلڧۇن قىلىپ ئەھۋال سوراڭ ھەم ئۆزىڭىزنى ئۇلارنى سۆيىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىڭ .
مەنبە: تور دۇنياسى
…………
ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


