ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

مەن قورقتۇم: چۈنكى يېشىڭىز قانچە چوڭايغانسىرى ئەتراپىڭىزدا سىز ئايرىلىپ قالىدىغان ئادەملەرمۇ كۆپىيىپ بارىدىكەن

مەن ئۆزگەردىم، بەزى نەرسىلەردىن ئايرىلىشقا كۆزۈم قىيسۇن ياكى قىيمىسۇن مېنىڭ تەقدىرىمدە يوق نەرسە بەرەبىر مېنىڭ بولمايدىكەن شۇڭا بەزى ئىشلارغا بوپتىلا..دەپلا ئۆتۈپ كېتىدىغان بولدۇم
تۇرمۇش يەنە ماڭا شۇنى ئۆگەتتى، ئىلگىرى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلغان نەرسىلىرىڭىزگە كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئېرىشىدىكەنسىز،بىراق ئۇ چاغدا ئۇ نەرسە سىزئۈچۈن ئانچە قىممەتلىك تۇيۇلمايدىكەن
مەن ھازىر ئويغاندىم، ماڭا ياخشى مۇئامىلىدە بولىۋاتقانلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولىشۇم كېرەكلىكىنى بىلىپ يەتتىم
تۇرمۇش ماڭا يەنە شۇنى بىلدۈردى، باشقىلارغا ھەۋەس قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۆزەمنى بىلسەم تېخىمۇ ياخشى ياشىيالايدىكەنمەن

ۋاقىت ئۆتمەكتە، يېشىڭ چوڭايماقتا، ئۆمرۈڭ قىسقارماقتا... ئېرىشكەنلىرىڭنى قەدىرلە...خوشال خورام ياشاش ئۈچۈن كەڭ قورساق بولۇشۇڭ كېرەك
ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ، ئۆتكەن ئازابلارنى ئۆچۈرۋېتىڭ

قىيىنچىلىققا يولۇققاندا مەسىلىنى باشقا بىر نۇقتىدىن تەھلىل قىلىڭ، بەلكىم ئويلاپ باقمىغان نەتىجىگە ئېرىشىشڭىز مۇمكىن
پىيازنىڭ پوستى كۆپ، ئەخمەقنىڭ دوستى دەيدىغان سۆز بار، دوستنى تاللاپ تۇتۇڭ، باشقا كۈن چۈشكەندە ئەسقاتىدىغان دوستىڭىزدىن بىرسى بولسا كۇپايە
ئادەم بولۇشتا ھەممىدىن ئاۋۋال ئادىمىيلىك مۇھىم، ئادىمىيلىكنى يوقىتىپ قويسىڭىز بولمايدۇ
بىئارام بولغاندا مۇھىت ئالماشتۇرۇڭ، يېقىن دوستلىرىڭىز بىلەن سىردىشىڭ، دەم ئېلىڭ ياخشى بولۇپ قالىسىز
…………
ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


