大数跨境

ئۆتمۈشتىن بىشارەت-فىردەۋىس قۇربان

ئۆتمۈشتىن بىشارەت-فىردەۋىس قۇربان aybarawazi
2025-11-07
2
导读:ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەرد


ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 




 ئۆتمۈشتىن بېشارەت


 ئاپتورى فىردەۋىس قۇربان


بىر كۈنى

 كېتىۋېتىپ يىقىلىپ چۈشىمەن 

 سۆيگۈ يولىدا…

 بارغانسېرى تۈگەۋاتقان يۈرۈكۈم 

يارنىڭ قولىدا…


 بىر كۈنى 

كېتىۋېتىپ يىغلاپ سالىمەن،

  كۈلىۋېتىمەن  يەنە قاقاقلاپ.  

بارچە يامان ئاتاقنى  مەن ئالىمەن، 

 بولالمايمەن مەڭگۈ ئۆزۈمنى ئاقلاپ .


 بىر كۈنى


 كېتىۋېتىپ توختاپ قالىمەن،

  كېچىككەندە ئارقامغا قايتىشقا،

 ئالدىغا قاراپ ماڭغۇم يوق،

 ئارقامغا قايتقۇممۇ يوق. 

 توختاپ قالغۇممۇ ھەم يوق ، 

زادى نېمىشقا…


 بىر كۈنى

 كىتىۋىتىپ ناخشا ئوقۇيمەن، 

 يېزىلمىغان شېئىرلارغا ئاھاڭ بېرىپ، 

 ئاسمانغا قاراپ قاتتىق توۋلايمەن،

  كۆزۈمنى يۇمىمەن ۋە مەيدەمنى كېرىپ.


 بىر كۈنى

 كېتىۋېتىپ ئۆلۈپ كېتىمەن،

  ئەگرى ـ توقاي سۆيگۈ يولىدا…

 ئەجىلىدىن بالدۇرلا كېتىپ قالدى دەڭلار

 سۆيۈشنى بىلمەيدىغان يارنىڭ قولىدا…


فىردەۋىس قۇربان

2023/3/18



……..…………… 

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيۇڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0