ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت
قەھۋە تەم ئايال
سائادەت ساتتار
ئېسىمدە قەھۋەنى تۇنجى ئىچكەن چاغ،
نېمانچە ئاچچىق ۋە قىرتاقتۇر دېگەن .
بىر ئوتلاپ كاللامدىن پەقەت بىر سۇئال،
نېمىشقا ئىچەر دەپ ئەگىپ كەتمىگەن.
ۋە لېكىن مەن ھەرگىز ئويلاپ باقمىغان،
خۇمار بوپ قېلىشنى شۇ كۈيۈك تەمگە.
بىر يۇتۇم مىسالى بولسا تۇرمۇشنىڭ،
ئىككىنچى يۇتۇمى ئوخشايدۇ مەيگە.
ئۈچىنجى يۈتۈمدا يۈتىۋەتكىنىم،
شىرىن بىر ئاچچىقتۇر مۇھەببەت كەبى.
ئاچچىقنى ئاچچىقتا بېسىشنى بىلدىم،
قەھۋەگە خۇمار بوپ قالغاندىن بېرى.
تۆتىنجى يۈتۈمدا كۆيگەن ئىس پۇراق،
گېلىمغا كەپلىشەر نۇرغۇن سۆز كەبى.
بەشىنجى يۈتۈمى شىرىن سەل تاتلىق،
داۋاملىق ئىچىشكە ئۈندەيدۇ مېنى.
ئالتىنجى يۈتۈمدا ئۇنتۇپ دۇنيانى،
قەھۋەنىڭ تەمىگە بولىمەن ئەسىر،
قەھۋە ئۇ ئىچىشنى بىلمىگەنلەرگە،
مەڭگۈگە يىشىلمەس مۇرەككەپ بىر سىر.
يەتتىنجى يۈتۈمغا ئۇزاتقاندا لەۋ،
چاڭقىغان يېرىمگە ئەمدى بارار دەپ.
ئىستاكان ئاستىدا خەرىتىدەك داغ،
قەھۋەرىم تۇيدۇرماي قالىدۇ تۈگەپ.
قەھۋەگە ئوخشايدۇ ئايالنىڭ ئۆمرى،
گاھىدا ئاچچىقتۇر گاھىدە قىرتاق.
تاتلىققا سۈت قوشۇپ ئاچچىققا شېكەر،
ھەر ئايال ھاياتنى تەڭشەيدۇ شۇنداق .
2023-4-15
…………
ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


