大数跨境

ھاياتقا كۈلۈپ مۇئامىلە قىلىڭ

ھاياتقا كۈلۈپ مۇئامىلە قىلىڭ aybarawazi
2025-11-04
3
导读:ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەرد


ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 


ھاياتقا كۈلۈپ مۇئامىلە قىلىڭ


   تۇرمۇشنىڭ يورۇقلۇق تەرىپىمۇ،خۇنۈك تەرىپىمۇ بولىدۇ. ئادەم ئۆمرىدە ھەمىشە ئوڭۇشلۇق ئۆتۈۋەرمەيدۇ. ئادەم تۇرمۇشقا ئىشەنچ بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، تۇرمۇشنىڭ خوجايىنىغا ئايلىنىشى كېرەككى، ھەرگىزمۇ تۇرمۇشنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ،تۇرمۇشنىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا ئۇچرىماسلىقى كېرەك.

   يورۇقلۇق ۋە خۇنۈكلۈك، ئوڭۇشلۇق ۋە ئوڭۇشسىزلىق، غايە ۋە رېئاللىق، شادلىق ۋە ئازاب قاتارلىق تۈرلۈك تۈمەن خىل زىددىيەتلەرنىڭ ھەممىسى زىددىيەتلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى بولغان ئادەمدە ئىپادىلىنىدۇ.  ۋەھالەنكى، دەل ئاشۇ تۈرلۈك، تۈمەن خىل زىددىيەتلەر رەڭگارەڭ تۈسكە ئىگە كىشىلىك ھاياتنى ئاپىرىدە قىلىپ، كىشىلەرنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئۈزلۈكسىز ئىنتىلىشىنى قوزغايدۇ.

    دىف:«قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە ئىرادىسىزلىك قىلىش قىيىنچىلىقنى ئىككى ھەسسلىگەنلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېگەنىدى. ئوڭۇشسىزلىققا يولۇققاندا روھىڭىز چۈشۈپ، ھەممە ئىشتىن رايىڭىز يېنىپ كېتىدىكەن، ئۇ ھالدا تۇرمۇشنىڭ بىزگە بېرىدىغىنى تېخىمۇ ئارتۇقراق ئەلەم ۋە ئازاب بولىدۇ، خالاس. تۇرمۇش ئۆز-ئۆزىدىن ئاھ ئۇرىدىغانلارغا ھەرگىزمۇ رەھىم قىلمايدۇ.

 تۇرمۇش كۈلكىگە موھتاج، بولۇپمۇ ئوڭۇشسىزلىققا يولۇققاندا كۈلۈشكە جۈرئەت قىلىش، كۈلۈش كېرەك. چۈنكى، كۈلكە ھەقىقىي كۈچ-قۇۋۋەتنىڭ ئىپادىسى. مۇشۇنداق كۈلكە سىزنىڭ ئىرادە تىكلىگىنىڭىزنى ۋە تۇرمۇشنى ئۆتكۈزۈش ئىشەنچىڭىزنى چۈشەندۈرىدۇ. شۇ چاغدىلا ھايات سىزگە  ئۆزىنىڭ يېقىملىق كۈلكىسى بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ.

تۇرمۇش يولى ئۇزاق ھەم ئەگرى-توقاي كېلىدۇ، ھەممە كىشى ئۆزىگە خاس ئۇسۇللار بىلەن ئۇنىڭ پەللىسىگە يېتىدۇ. كۈلۈڭ! ھاياتنىڭ پەللىسىگە قاراپ  كۈلۈڭ!


……..…………… 

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيۇڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读12.5k
粉丝0
内容3.8k