大数跨境

ئىلاجسىزلىق-گۈلشەن  ياسىن

ئىلاجسىزلىق-گۈلشەن  ياسىن aybarawazi
2025-11-05
2
导读:ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەرد


ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 





     ئىلاجسىزلىق 


  گۈلشەن  ياسىن 


 ئارمان بىلەن ئۆتۈدۇ كۈنلەر،

ھەمراھ ماڭا يۇلتۇزلۇق تۈنلەر.

ھەسرىتىمگە  جۆر بولۇپ پىنھان، 

يۈرەكلىرىم  ئازاپلىق ئۈنلەر. 


كۆزلىرىمدە قاينايدۇ ئەلەم، 

كىرپىكىمدە يالتىرايدۇ نەم. 

ئىلاجسىزلىق دۇقاللىرىدا، 

 تەمتىرەيمەن بېشىمدا لىق غەم. 


ئېغىز تەگمەي بىر كاپام ئاشقا،

پۇتلىشىمەن قەدەمدە تاشقا. 

نە قىسمەتكىن بىلەلمىدىم  ھېچ، 

قولۋاقلىرىم يەتمەيدۇ قاشقا. 


 كۆكتە قۇياش كۈلۈپ تۇرسىمۇ،

شىۋىرغاننى سۈرۈپ تۇرسىمۇ.

ئېرىمىدى كاچكۇلدىكى مۇز،

بېغىمدا گۈل ئۈنۈپ تۇرسىمۇ.


ئەي، كاج تەقدىر چىقارما قۇيۇن،

قانچە قىلساڭ ئەگمەسمەن بويۇن .

 يېنىپ تۇرسا  دىلىمدا  ئۈمىد،

 بەخت ماڭا ئاچىدۇ قويۇن.


     2024-4-8

   ئۈرۈمچى


……..…………… 

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيۇڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k