ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت
ئايال - سۆيۈشنى بىلىشى كېرەك ، ئەمما سۆيگۈ ئۈچۈن ئۆزىنى يوقىتىپ قويماسلىقى شەرت
ئايال - سۆيۈلۈشنى بىلىشى كېرەك ، ئەمما سۆيۈلگەندە ئېشىۋالماسلىقى شەرت
ئايال - بالا تەربىيلەشنى بىلىشى كېرەك ، ئەمما بالىنى دادىسى تەربىيلەۋاتقاندا ئارلىشىۋالماسلىقنى بىلىشى شەرت

ئايال -پۇل تاپالايدىغان بولۇشى كېرەك ، ئەمما تاپقان پۇلى ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ ئېرىدىن چوڭ بىلىۋالماسلىقى شەرت
ئايال - ياسىنىشنى بىلىشى كېرەك ، ئەمما چاكىنا ۋە ياكى يېرىم يالىڭاچ بولىۋالماسلىقى شەرت
ئايال - ماشىنا ھەيدەشنى بىلىشى كېرەك ، ئەمما ئېرى ھەيدىگەندە يان ئورۇندا ئولتۇرۇپ ھوزۇرىنى سۈرۈشنى بىلىشى شەرت
ئايال - ئېرىنى سىرتتا تاماق يىيىشكە تەكلىپ قىلدۇرالىشى كېرەك ، ئەمما ئۆيدە ئوخشىتۇپ تاماق ئىتىشنىمۇ بىلىشى شەرت
ئايال - بىلىملىك بولۇشى كېرەك ، ئەمما كىچىككىنە ئىشلاردىمۇ ئېرىدىن سوراشنى ئۇنتىماسلىقى شەرت
ئايال -ئېرىگە ئىشىنىشنى بىلىشى كېرەك ، ئەمما ئۆز يولىدا قىزغىنىشنىمۇ بىلىشى شەرت
ئايال - ئېرىنى ئىزدەپ تۇرىشى كېرەك ، ئەمما كۆزىگە كىرىۋالماسلىقى شەرت
ئايال - غەرپچە رېستۇرانغا مۇراسىم كىيمى بىلەن كىرىپ ۋىلكا بىلەن پىچاقنى تەمتىرمەي ئىشلىتەلەيدىغان بولۇشى كېرەك ، ئەمما يايمىلاردا لەڭپۇڭ يىسىمۇ كەيپىنى سۈرۈشنى بىلىشى شەرت

ئايال - چىداملىق ھەم كۆتۈرۈشلۈك بولۇشى كېرەك ، ئەمما نېمىنى كۆتۈرۈپ نېمىگە چىداشنى بىلىشى شەرت
ئايال - ئۇششۇق بولۇشى كېرەك ، ئەمما بىشەم بولماسلىقى شەرت
ئايال - خالىغىنىچە ياشىشى كېرەك ، ئەمما ھاياتىنىڭ ھەردەقىقىسىدە تەگسە بولمايدىغان چىگرالىرىنى ئۇنۇتماسلىقى شەرت !





…………
ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


