大数跨境

كۈتۈش-گۈلشەن ياسىن

كۈتۈش-گۈلشەن ياسىن aybarawazi
2025-12-04
2
导读:ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەرد


ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 



   كۈتۈش


گۈلشەن ياسىن


خىيالىمدىن كەتمەي تۇرۇپ ياشلىق باھارىم، 

پورەكلىگەن گۈللىرىمنىڭ بەرگى تۆكۈلدى.

لاتاپەتتە ھېلىمۇ ھەم ئوتتۇز ياش پېتى، 

كۈتۈشلەردە تاقىتىمنىڭ باغرى سۆكۈلدى. 


ۋىسال تاپماي سېغىنىشتا  سارغايدى دىلىم،

خىرەلەشكەن ئۈمىدىمنىڭ ئىزلىرى كۆچتى.

چىقىپ قالدىم بەلكىم قۇياش، ئاينىڭ ئېسىدىن،

چېچەكلىگەن ئاسمىنىممۇ سارغىيىپ ئۆچتى. 


بىماردۇرمەن، ۋۇجۇدۇمدا ھۇۋلار شىۋىرغان، 

 تۇمۇزدىمۇ  ئۈششۈك تېگىپ مۇزلىدى يۈرەك. 

تەنھالىقىم ئىچ-ئىچىمدە ياتار خۇرسىنىپ،

 دىدارلىشىش ماڭا نېسىپ بولمىسا كېرەك...


ئاڭلانغاندا يىراقتىكى كاككۇك ئاۋازى،

باغلىرىڭدا رەيھان بولۇپ ئۈنۈپ قالارمەن.

شاخلىرىمغا قونۇپ تاڭدا ناۋا قىلغۇچە،

كۈتۈشلەرگە ئەسىر بولۇپ كۆنۈپ قالارمەن.


2025-6-3

ئۈرۈمچى


……..…………… 

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيۇڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 


【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k