ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت
راھىلە، سىز قەلبىمدىكى مەڭگۈ ئۆچمەس نۇر
تۇمارىس ئوسمان
«پەقەت ئۆلۈپ كەتكىم، مۇشۇنداقلا كېتىپ قالغىم يوق، قىيالمايدىغان كىشىلىرىم كۆپ...» دېدى ئۇ خىمىيىلىك داۋالاش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كەلگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەن بىلەن تاماق يەپ ئولتۇرۇپ. تۇيۇقسىزلا دېيىلگەن بۇ گەپكە نېمە دەپ جاۋاپ بېرىشنى بىلەلمىدىم. مەن كۆزۈمنى ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئەپ قېچىپ تۇرۇپ: «كىم سىزنى ئۆلىدۇ دەيدۇ، ياشايسىز تېخى» دېدىم پەس ھەم جانسىز ئاۋازدا. ئېنىقكى بۇ سۆزلىرىم ئۇنىڭغا ئازراقمۇ ئۈمىد بېرەلمەيتتى.
راھىلە تولىمۇ سۆيۈملۈك قىز ئىدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن مەكىت ناھىيەسىگە يەسلى مائارىپى خىزمىتىگە چۈشكەندە تونۇشقان. ئۇ مەندىن بىر نەچچە ياش كىچىك ئىدى. بىز ئاۋۋال خىزمەتداش بولدۇق، كېيىن دوستلۇق ئورناتتۇق، ئاخىرىدا ئۇرۇق-تۇققاندىنمۇ يېقىن بولۇپ كەتتۇق. بۇ پەقەت بىر يېرىم يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن ئىشلار. مەن ئويلايمەنكى، كىشىلەر ھەققىدىكى ئەسلىمە ئۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن ۋاقىت بىللە بولغانلىقىمىز سەۋەبىدىنلا پەيدا بولمايدىكەن، بەلكى بەزىدە قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدىكى مۇناسىۋەتمۇ، قەلبىڭىزدە مەڭگۈلۈك ئىز قالدۇرالايدىكەن. شۇنداق، راھىلە قىسقىغىنە بىر يېرىم يىل ئىچىدە، مەندە ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇپ، مېنى ھەم ئۆيىدىكىلىرىنى تاشلاپ، ياپياش تۇرۇپلا ئۇ دۇنياغا كېتىپ قالدى. ئۇ كەتكىلى 6 يىل بولدى، لېكىن ئۇنى ئەسلىمەيدىغان بىرمۇ كۈنۈم يوق.
يەسلىدە ئالدىراش ئىشلەۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە راھىلەنىڭ ئوچۇق دەرىسىنى ئاڭلايدىغانغا ئورۇنلاشتۇرۇلدۇم. ئېسىمدە قىلىشچە، ئۇنىڭ ئۆتكىنى بالىلارغا مېۋە تونۇتۇش دەرىسى بولۇپ، ئۇ بازاردىن تاپالىغان مېۋىلەرنىڭ ھەممىسىنى سىنىپقا ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ شۇنچە ئەستايىدىل ھەم پۇختا تەييارلىق قىلغان بولسىمۇ، دەرس سەل جانسىز ئۆتۈلۈپ قالدى. راھىلە بوش ئاۋازدا سۆزلىدى، ھەم پات- پات ئېڭىشىپ، بىردەم-بىردەم جىم تۇرىۋالدى. ئۇ بىئارامدەك كۆرۈنەتتى. چۈشلۈك دەم ئېلىشتا ئۇنىڭدىن «دەرسكە ياخشى تەييارلىق قىپتىكەنسىز، بىراق ئاۋازىڭىز بەك بوشقۇ، مىجەزىڭىز يوقمىدى؟» دەپ سورىدىم. ئۇ دائىم كۈلۈپ تۇرىدىغان كۆزلىرى بىلەن ماڭا قاراپ : «شۇ، يېقىندىن بۇيان قورسىقىم تولا ئاغرىيدىغان بۇلىۋالدى» دېدى. مەن «ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىڭ جۇمۇ» دېدىم كۆيۈنۈش بىلەن.
بۇ دېئالوگىمىزدىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي تەتىلگە چىقىپ، مەن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدىم. تەتىل توشۇپ مەكىتكە بارغان چېغىمدا، راھىلەنىڭ خىزمەتتىن ئايرىلىپ داۋالىنىۋاتقانلىقىنى بىلدىم. مەن ئۈندىدار ئارقىلىق ئۇنىڭدىن ئەھۋال سورىدىم، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدە دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكىنى، ئوپراتسىيە قىلىنغانلىقىنى، پات ئارىدا ساقىيىپ مەكىتكە يېنىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن بۇنى بىلگەن بولسام، ئۈرۈمچىدىكى ۋاقتىمدا ئۇنى يوقلاپ دوختۇرخانىغا باراركەنمەن دەپ ئويلىدىم.
3-ئاينىڭ ئاخىرىلىرى ئىدى، بىر كۈنى ئۇنىڭ « مەن ئۈرۈمچىدىن قايتىپ كەلدىم» دېگەن ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، دەرھال ئۇنىڭ ئۆيىگە باردىم. ئالدىمدا بۇرۇنقى تېتىك، خۇشخۇي، چىرايىدىن كۈلكە كەتمەيدىغان، چىرايلىق راھىلە ئەمەس، ئاغرىقتىن ئاجىزلاپ ئورۇقلاپ كەتكەن، ئۇستىخانلىرى چوقچىيىپ چىقىپ قالغان، دەرمانسىز بىر قىز تۇراتتى. ئۇنىڭ كېسەل ئازاپىنى ئوبدانلا تارتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئىچىمدە ئاچچىق تۇيغۇ پەيدا بولدى. مەن ئۇنىڭ ئارامىنى بۇزماسلىق ئۈچۈن ئۇزۇن ئولتۇرمايلا قايتىپ كەتتىم.
يولدا كېتىۋېتىپ، «تۇمارىس، بايا سىزگە كۆرسىتىشكە پىتىنالمىدىم، ئۈچەيدىن چاتاق چىقىپ، چوڭ ئوپراتسىيەگە چۈشتۈم، ھازىر مېنىڭ ئۈچىيىم قورسقىمنىڭ سىرتىدا، قاراڭ» دېگەن ئۈندىدار ئۇچۇرى بىلەن تەڭلا، بىر پارچە رەسىمنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. رەسىمدە ئۈچەيگە ئوخشايدىغان بىر جىسىم ئۇنىڭ قورسىقىنىڭ تېشىدا تۇراتتى. بۇنى كۆرۈپ، نىمە دېيىشىمنى بىلمەي، دېمىم ئىچىمگە چۈشۈپ كەتتى. ئۇ «رەسىمنى ئەۋەتىپ بىئارام قىلىپ قويدۇممۇ نىمە، ئەۋەتمىسەم بوپتىكەن» دېدى. مەن دەرھال ئېسىمنى يىغىپ، «ياقەي، ھېچقانداق ئەمەسكەن، ساقىيىپ كېتىسىز» دېدىم، لېكىن بىئارام بولغىنىم ئېنىقىدى.
بىر مەزگىل ئۆتكەندە، ئۇ خېلى ياخشى بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ، ماڭا ئۇچۇر قىلدى، بىز ئاشخانىدا ئۇچىرىشىشقا پۈتۈشتۇق. ئۇ ئوبدانلا روھلىنىپ قالغان ئىدى، بىراق يەنىلا ئەشۇنداق ئورۇق تۇراتتى. ئۇ پاراڭ ئارىسىدا تۇيۇقسىزلا:
- مېنى كىشىلەر راك كېسەل بولۇپ قاپتۇ، ئۆلۈپ كېتىدىغانغا ئاز قاپتۇ دېيىشىپ كېتىپتۇ قاراڭ، كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولدى،- دېدى.
- باشقىلارنىڭ گېپىگە ھە دەپلا قويۇڭە، دوختۇرنىڭ دېگىنى ھېساپ، دوختۇر زادى نېمە دېدى؟ - دېدىم مەن ئۇنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلگىم كېلىپ.
- دوختۇر مۇشۇ سىرتقا چىقىرىپ قويغان ئۈچيىڭىزنى بىرە يىلغىچە كۆزىتىپ، ئىچىگە ئەكىرىپ قويىدىغان ئوپراتسىيەنى قىلىمىز، شۇنىڭ بىلەن سەللىمازا ساقىيىپ كېتىسىز، دېدى.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ يېنىك تېنىۋالدىم ، لېكىن ئۇنىڭ كەينىدىنلا ئۇلاپ دېگەن گېپى مېنى يەنە ئەندىشىگە سېلىپ قويدى.
- مەن يەنە بىر ئايدىن كېيىن ئۈرۈمچىگە بېرىپ خىمىيىلىك داۋالاش قىلىدۇرىدىكەنمەن.
خىمىيىلىك داۋالاش؟ بۇ ئادەتتىكى كېسەلگە ئىشلىنىدىغان داۋاالاش ئەمەسقۇ... ياق، بەلكىم شۇ بىر قېتىملا قىلىدىغاندۇ... چوقۇم مەن ئويلىغاندەك ئەمەس، مەن توختىماي شۇنداق خىيال قىلىپ، كۆڭلۈم پەرىشان ھالدا ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم.
ئۇزۇن ئۆتمەي مەكىت ناھىيىسىدىكى ئىككى يىللىق خىزمىتىم ئاخىرلىشىپ، ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدىم. كەينىمدىنلا راھىلەمۇ خىمىيىلىك داۋالىنىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كەلدى. مەن ئايرودۇرۇمغا چىقىپ ئۇنى كۈتىۋالدىم ۋە دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قويدۇم. شۇ كۈنى كەچتە ئۇنىڭ ئۈندىداردا يازغان خېتىنى كۆرۈپ، بىر كېچە ئۇخلىيالمىدىم : «تۇمارىس، مەن بەك ئەخمەقكەنمەن، دوختۇرنىڭ مېنى ئالداپ دەپ قويغان گېپىگە ئىشىنىپ قاپتىمەن، بۈگۈن ھەممىنى بىلدىم، مېنىڭ كېسىلىم ئاددىي ئەمەسكەن، مەن تېخى ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمىنىمۇ خىمىيىلىك داۋالاش قىلىدۇ دەپ قاپتىمەن، پۈتۈنلەي خاتالىشىپتىمەن، مەن يامان سۈپەتلىك ئۆسمە بوپتىمەن، باشقىلارنىڭ دېگىنى توغرىكەن، مەن ئۆلۈپ كېتىدىغان ئوخشايمەن....» ئۇنىڭ قايسى خىل كەيپىياتتا تۇرۇپ، بۇ خەتنى يازالىغانلىقىنى بەلكىم مەڭگۈ چۈشىنەلمەسلىكىم مۇمكىن. ئۇنىڭغا نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي، ئۇزۇندىن- ئۇزۇن خىيالغا پېتىپ، ئامالسىز ھالدا، «ساقىيىپ كېتىسىز ،ئۈمىدسىزلەنمەڭ» دېگەندەك قۇرۇق گەپلەر بىلەن ئۇنى بەزلىگەن بولدۇم.
شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئۈرۈمچىگە ھەر ئايدا ئىككى قېتىم خىمىيىلىك داۋالاشقا كېلىدىغان بولدى. مەنمۇ ئىزچىل ھالدا ئۇنىڭغا ھەمرا بولدۇم. ئۇ بەك غەيرەتلىك ئىدى، ھەر قېتىملىق داۋالاشقا ئۆزى يالغۇز كېلەتتى. مەن:
-نېمىشقا ئۆيدىكىلەر كەلمەيدۇ،- دېسەم،
-ئۇلارنى ئاۋارە قىلسام بولمايدۇ، ئاپام بالامغا قاراۋاتىدۇ، يولدىشىمنىڭ خىزمىتى ئالدىراش، ئۇلار مېنى دەپ ھەر ئايدا ئىككى قېتىم ئۈرۈمچىگە كەلسە بولمايدۇ –دە، ئۆزۈمنىڭ دەردىنى ئۆزۈم تارتاي-دېدى ئۇ تەمكىن قىياپەتتە.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۆزۈمگە ئىختىيارسىز ياش كەلدى. ئۇ شۇنچىلىك قەيسەر، شۇنچىلىك چىداملىق ئىدى. خىمىيىلىك داۋالاش قىلدىغان ئىككى كۈندە، ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى قاتتىق ئاغرىيتتى، بۇ چاغدا تېلفۇن ئېلىش، گەپ قىلىشقىمۇ ھالى قالمايتتى. مەن يېنىغا بارسام، كەسكىن تۈردە، «قايتىپ كېتىپ ئىشىڭىزنى قىلىڭ» دەپ، مېنى كەتكۈزۋېتەتتى. ئېنىقكى، ئۇ مېنىڭمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئازاپلىنىشىمنى خالىمايتتى، ئوخشاشلا ئېرى، بالىسى ۋە ئانىسىنىڭ ئازاپلىنىشىنىمۇ خالىمايتتى، شۇڭا ھەر قېتىم ئۈرۈمچىگە يالغۇز كېلەتتى. «ئۆزۈمنىڭ دەردىنى ئۆزۈم تارتاي، يېقىنلىرىمغا جاپا سالماي، ئۇلارغا ئازاپلانغان ھالىتىمنىمۇ كۆرسەتمەي.» مۇشۇنداق قاراش دائىم ئۇنىڭغا ھۆكۈمران ئىدى!
«ئۆزۈمنىڭ دەردىنى ئۆزۈم تارتاي» دېگەن بۇ سۆز ھازىرغىچە پات-پات قۇلاق تۈۋىمدە ياڭراپ، راھىلەنى ماڭا ئەسلىتىپ تۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ سۆز مېنىڭ كېيىنكى ھاياتىمدىكى موھىم بىر پىرىنسىپ بولۇپ قالدى: شۇنىڭدىن كېيىن ھەرقانداق قىيىنچىلىق ۋە ئوڭۈشسىزلىققا ئۇچرىسام، باشقىلارنى ئاۋارە قىلماسلىقىم، ئۆزۈمنىڭ مەسىلىسىنى ئۆزۈم ھەل قىلىشىم كېرەك دەپ، ئۆزۈمگە چىدام- غەيرەت ۋە كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلىدىغان بولدۇم.
راھىلە تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيەتتى. ئۇ تولىمۇ« ياسانچۇق» ئىدى، راك كېسىلىنىڭ چىدۇغۇسىز ئازاپىنى تارتىپ تۇرۇپمۇ، ئۆزىنىڭ پات يېقىندا تۈگەپ كېتىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ، پاكىزە، يارىشىملىق كېيىملەرنى كېيىپ يۈرۈشنى، گىرىم قىلىپ ياسىنىشنى قولدىن بەرمەيتتى. ئۇ ھەر قېتىم داۋالىنىشقا كەلگەندە، كېسەل كارىۋېتىدا گىرىم قىلىپ چىرايلىق ھالەتتە ياتاتتى. ئەلۋەتتە، ئۇ خىمىيىلىك داۋالىنىش جەريانىدا، ياسىنىشقا ئامالسىز ئىدى. ئەمما داۋالاش تۈگىشى بىلەنلا، ئۇنىڭغا باشقىچە جان كىرىپ كېتەتتى-دە، ياسىنىپ- تارىناتتى. ماڭا چاقچاق قىلىپ، «مېنى ئۈرۈمچىنىڭ مەنزىرىلىك يەرلىرىگە ئاپىرىپ ئويناتمامسىز، نەگە بارىمىز؟» دەيتتى. مەن ئۇنىڭ خىمىيىلىك داۋالاش قىلمىغان چاغدىكى مۇشۇ ھالىتىنى بەك ياخشى كۆرەتتىم، شۇڭا خىمىيىلىك داۋالاشقا ئۆچ بولۇپ كەتكەن ئىدىم.
ھەر قېتىم ئۇنىڭغا ھەمرا بولۇپ، دوختۇرخانىدىكى نەچچە كۈننى بىللە ئۆتكۈزگەندە، ئىچىمدە چۈشكۈنلۈشۈپ ئازاپقا چۆكۈپ كېتەتتىم. ئەمما راھىلە يەنىلا شۇنداق جۇشقۇن ئىدى، ئۇ گويا بىر كۈن ياشىساممۇ خۇشال ياشىشىم كېرەك دەپ ئويلاۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ كىيىم سېتىۋالاتتى، ياسىناتتى، مەكىتتىكى چاغلىرىدا يولدىشى ۋە بالىسى بىلەن رەسىمگە چۈشەتتى، ھەممىمىزگە خۇشال ھالىتىنى كۆرسىتەتتى، تېخى دوستلار چەمبىرىكىگە قىزىقارلىق مەزمۇنلارنىمۇ يوللايتتى. ئۇنىڭ چېچى چۈشۈپ كېتىپ، يالغان چاچ سېلىۋالغانلىقىنى ۋە سىدام بولۇپ كەتكەن قاش- كىرپىكلىرىنى ياسىۋالغانلىقىنى بىلمەيدىغانلار ھەمدە ئۇنىڭ ئاغرىق دەستىدىن سۇلغۇنلىشىپ كەتكەن چىرايىنى كۆرمىگەنلەر، ئۇنى خوشال ياشاۋاتقان بەختلىك قىزكەن دەپ ئويلاپ قالاتتى. ئەمما مەن ھەممىنى كۆرۈپ تۇرۋاتاتتىم. ئۇ ناھايىتى زور غەيرەت ۋە چىدام بىلەن ئاخىرقى ئۆمۈرىنى ئۆتكۈزىۋاتاتتى.
خىمىيىلىك داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى بولمىدى. راك ھۈجەيلىرى ئۇنىڭ بەدىنىدە توختىماي تارقىلىشقا باشلاپ، ئۈچەيدىن باشقا ئەزالىرىنىمۇ ئاغرىتىشقا باشلىدى. « كىمگە ئەڭ چىدىمايدىغىنىمنى بىلەمسىز؟ » دېدى ئۇبىر كۈنى. مەن چاقچاق قىلىپ «ئامراق ئېرىڭىزگە بولمامدۇ» دېدىم، « ياق، ئوغلۇمغا، پەقەت ئوغلۇمغا چىدىمايۋاتىمەن، ئانام ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرىم، يولدىشىم، ھەممىسى يىغلاپ- يىغلاپ توختاپ قالىدۇ، لېكىن ئوغلۇمنى ئويلىسام، ئۇ مېنىڭسىز قانداق كۈنلەرنى كۆرەر دەپ ئۆرتىنىپ كېتىمەن» دېدى. ئۇ چاغدا مەن تېخى پەرزەنت كۆرمىگەچكە، ئۇنىڭ چوڭقۇر ھېسىياتىنى، ئانىنىڭ بالىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدىكى ئازاپىنى تولۇق چۈشەنمىگەن بولۇشۇم مۇمكىن. ھازىر ئىككى بالىغا ئانا بولغاندىن كېيىن، ئۇ چاغدىكى راھىلەنىڭ نەقەدەر ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە بۇ سۆزلەرنى قىلغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتىم. ئانا بولغاندىن كېيىن ھېرىپ - چارچاشقا، ئاغرىق-سىلاق بولۇشقا پېتنالمايدىكەنمىز، ھەر قانچە ھالسىزلىنىپ كەتسەكمۇ، بالىمىزنى ئويلىساقلا، كۈچ -قۇۋۋەتكە تولىدىكەنمىز. بەلكىم راھىلەمۇ ئوغلى ئاتا قىلغان كۈچ- قۇۋۋەت بىلەن شۇ داۋالاشلارغا چىدىغان، ئاخىرغىچە ئوغلى ئۈچۈن ھاياتتىن ئۈمىدىنى ئۈزمىگەن بولۇشى مۇمكىن. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مەن ئۇ كەتكەندىن كېيىن ئاستا-ئاستا ھېس قىلىپ يەتتىم.
مەكىتتە خىزمەت قىلىۋاتقان چاغلىرىمدا، ئۇ مېنى دائىم ئۆيىگە تاماققا چاقىراتتى. «سىز بۇ يۇرتقا مۇساپىر ، ئۆينىڭ تامىقىنى سېغىنىسىز، يالغۇزلۇق ھېس قىلىسىز» دەپ مېنى يېىنىغا تارتاتتى. ئۇنىڭدا شۇنداق بىر ئېنىرگىيە بار ئىدىكى، ئۇنىڭ بىلەن بىللە يۈرگەن ئادەم باشقىچە بىر خۇشاللىققا چۆمەتتى. شۇڭا مەنمۇ دەم ئالساملا ئۇنى ئىزدەيتتىم. بىز بىللە سۈرەتكە چۈشەتتۇق، سىنغا ئالاتتۇق. ئۇنىڭ بىلەن ئۈندىداردا قىلىشقان پاراڭ خاتىرەمنى ھازىرغىچە ساقلاپ كېلىۋاتىمەن. ئالتە يىلدىن بېرى ئۇنى سېغىنساملا سۈرەتلىرىمىزگە قارايمەن، ئۇنىڭ ئاۋازلىق ئۇچۇرلىرىنى قايتا-قايتا ئاڭلايمەن، يېزىشقان خەتلىرىمىزنى ئوقۇپ، بىر دەم كۈلسەم، بىردەم يىغلايمەن... ئۇ ھەقىقەتەن ئاكتىپ ئىنىرگىيەلىك، دادىل، ئۈمۈدۋار، شادىمان بىر قىز ئىدى.
ئاخىرقى كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ كېسەل كارىۋېتىدا توختىماي ئىڭراپ ياتاتتى.
_ تۇمارىس، مەن پەقەت چىدىمىدىم، چىقىپ دوختۇرغا يەنە دەپ بېقىڭە، ماڭا ئاغرىق توختىتىش ئوكۇلىنىڭ ئەڭ كۈچلۈكىنى ئۇرۋەتسۇن.
مەن دوختۇرنىڭ نېمە دەيدىغىنى بىلسەممۇ، دوستۇمنىڭ نىداسىنى رەت قىلالماي، ئېغىر قەدەملىرىم بىلەن دوختۇر ئىشخانىسىغا كىردىم.
- بىز ئەڭ كۈچلۈك ئاغرىق توختىتىش ئوكۇلىنى ئۇرۇپ بولدۇق، ئەمدى ئۇرغىلى بولمايدۇ، ئۇرساقمۇ ئۇنىڭغا تەسىر قىلمايدۇ، ئىدىيەڭلاردە تەييارلىق بولسۇن، ئۇنىڭ كۆپ بولسا 5 ئايدەك ئۆمۈرى قالدى، -دېدى دوختۇر يۈزۈمدىن يۈزۈمگىلا. تاش يۈرەكلىك بىلەن ئېيتىلغان بۇ سۆز يۈرۈكۈمنى لەختە- لەختە قىلىۋەتتى.
زالدا تامغا يۆلىنىپ ئۇزۇندىن ئۇزۇن تۇرۇپ كەتتىم... ياتاققا قانداق قايتىپ كىرىشنى، راھىلەگە قانداق قاراشنى بىلمىدىم، ئۇنىڭ چىرايلىق يۈزلىرىگە قاراشقا پىتىنالمىدىم. تەقدىر بەك رەھىمسىزكەن... ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدىكى ئەشۇ دوختۇرغا ھەيرانمەن: ئۇ 5 ئايلىق ئۆمۈرى قالدى دېگەن راھىلە، شۇ گەپ دېيىلىپ 5 ئايدىن كېيىن راستىنلا بىز بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى.
مانا بۇ 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى راھىلە ئىككىمىزنىڭ ئۈندىدار پاراڭ خاتىرىمىز:
_ كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلسام، بۇ ئۆمرۈمدىكى مېنى ئەڭ بەختلىك ھېس قىلدۇرغان ئىشنىڭ بىرى يولدىشىم بىلەن توي قىلغىنىم، يەنە بىرى سىز بىلە دوست بولغىنىم، سىزگە رەھمەت تۇمارىس، مەن ئۈچۈن قىلغان ھەممە ئىشلىرىڭىزغا رەھمەت....
_ مېنىڭمۇ شۇ، ھازىر بىردىنبىر ئارزۇيۇم سىزنى تېزرەك ساقىيىپ كەتسىكەن دەيمەن، مېنىڭ داۋاملىق سىز بىلەن دوست بولغۇم بار ....
_ سىز مۇشۇنداق ئىككى قات ھالەتتە تۇرۇپ، يەنە مېنىڭ غېمىمنى قىلۋاتىسىز، مەن سىزگە ھېچنىمە قىلىپ بېرەلمەي بىئارام بولىۋاتىمەن...بالىڭىزنى كۆرەلمەي كېتىپ قالدىغان بولدۇم......ئۇنى بەك كۆرگۈم ھەم باغرىمغا بېسىپ قۇچاقلىغىم بار ئىدى، بالىلىرىمىز بىللە ئوينىسا بولاتتى... بىز يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلماقچى ئىدۇق، لېكىن مەن ئامالسىز قالدىم.....
2019-يىلى 8-ئاينىڭ 19- كۈنى كەچ سائەت 8 دە «راھىلە تىنىقتىن قالدى» دېگەن ئۇچۇر ئۈندىدارىمغا كەلدى... مەن گەرچە بۇ كۈننىڭ يېتىپ كېلىدىغىنىنى، ئۇنىڭ مېنى مەڭگۈلۈك تاشلاپ كېتىپ قالدىغىنىنى بىلىپ تۇرساممۇ، يەنىلا بۇ رىئاللىقنى قوبۇل قىلالمىدىم، ئۇ ئارانلا 29 ياش ئىدى.... «ئاپا، راھىلە تۈگەپ كېتىپتۇ» دېدىم مەن بۇقۇلداپ يىغلاپ تۇرۇپ تېلۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرغان ئاپامغا. «بالام، راھىلە بەك قىيلىنىپ كەتكەن، ئەمدى ئارام ئاپتۇ، سەن ئىككى قات، ئىچىڭگە ئېلىپ كەتمە» دېدى ئاپام. ياتاق ئۆيگە كىرىپ ئۆزۈمنى كارىۋاتقا تاشلىدىم ....
راھىلە، سىز ئۆلۈمدىن قورقمىدىڭىز، پەقەت يېقىن-يۇرۇقلىرىڭىزغا، ئەڭ مۇھىمى سىز تولىمۇ سۆيىدىغان بۇ ھاياتقا قانمىدىڭىز. بۇ بىر يېرىم يىل ئىچىدە، سىزنىڭ غەيرىتىڭىزنى، جاسارىتىڭىزنى، باتۇرلىقىڭىزنى كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ تۇردۇم، مېنىڭ ئوماق دوستۇم، جان-جىگەر سىڭلىم، تۇققۇنۇم- راھىلە، مۇشۇنداقلا كېتىپ قالامسىز، بالامنى كۆرۈپ ئاندىن ماڭىمەن دېگەنغۇ، ئۇنى كۆرۈپ بولۇپ مېڭىشىڭىزنى ئارزۇ قىلاتتىمغۇ، ياق، سىزنى ئەسلا كەتكۈزگۈم يوقتى راھىلە....بىراق تەقدىرگە ئامال يوقكەن، ئاخىرى جىممىدە دەم ئالدىغان بولدىڭىز، ئاغرىق ئازابىدىن نالە قىلماي تىپتىنىچ ئۇخلىيالايدىغان بولدىڭىز.
قايسى بىرىنىڭ «ئۆلۈم يىراقتا ئەمەس، يېنىمىزدىلا، ئۇ تۇيۇقسىز ئېتىلىپ كېلىپ، بىزنى يالماپ يۇتىۋېتىدۇ» دېگەن گېپى توغرىكەن، بىرىمىز كېسەلدە، بىرىمىز قاتناش ۋەقەسىدە، بىرىمىز ئوتتا، بىرىمىز سۇدا...ئۆلىدىكەنمىز. ئۆلۈم شۇنداق قورقۇنۇچلۇق ھەم قۇدرەتلىك ئىكەن......
لېكىن راھىلە ماڭا قانداق ياشاشنى ئۆگەتتى، قىسقىغىنە ھاياتتا ئەتراپىدىكىلەرنى قانداق سۆيۈشنى، ئۆزىنى قانداق قەدىرلەشنى ئۆگەتتى! ھاياتقا ئۈمۈتۋارلىق بىلەن، باتۇرلۇق بىلەن، خۇشال-خۇراملىق بىلەن يۈزلىنىشنى ئۆگەتتى!
راھىلە بىزدىن ئايرىلغاندىن كېيىن شۇنى ھېس قىلدىمكى، قۇياش كۆتۈرۈلگەن سەھەردە سالامەت ئورنىمىزدىن تۇرغىنىمىز، ئائىلىدىكلىرىمىز بىلەن جەم بولۇپ تاماق يېگەن پەيتلىرىمىز، دوستلىرىمىز بىلەن قىلغان سەيلە - ساياھەتلىرىمىز، يېقىن كىشىلىرىمىز بىلەن قىلغان سۆھبەت-پاراڭلىرىمىز، ھەممىسى بىر-بىرىدىن قىممەتلىك ئىكەن. ئۆلۈم بىزگە ھاياتنىڭ قىممىتنى بىلدۈرىدىكەن، ئۇ ئۆز قۇدرىتى ئارقىلىق ھايات كىشىلەرنىڭ كېيىنكى كۈنلىرىنى تېخىمۇ ئەستايىدىل، تېخىمۇ مەنىلىك، تېخىمۇ قىزغىن، تېخىمۇ مۇھەببەتلىك ئۆتكۈزۈشىگە تۈرتكە بولىدىكەن.....
قەدىرلىك دوستۇم راھىلە، مەن دائىم بىز بىللە ئايلىنىپ يۈرگەن كوچىلاردا، بىللە تاماق يىگەن ئاشخانىدا، بىللە مۇڭداشقان قەھۋەخانىدا، بىللە كۈلۈشكەن ماشىنامدا سىزنىڭ سايىڭىزنى كۆرۈپ قالىمەن. ئاغرىق ئازابىدىن كۈنلەرنى شۇنداق تەستە ئۆتكۈزىۋاتقان بولسىڭىزمۇ، ھەمىشە كۈلۈپ تۇرۇپ: «بۈگۈنكى قۇياش نۇرى نېمىدىگەن ئىللىق، كۆپرەك ئاپتاپقا قاقلىنىۋالايلى... قار يىغىپتۇ، نېمىدىگەن گۈزەل مەنزىرە، كۆپرەك رەسىمگە چۈشۈۋالايلى.... » دېگەن يېقىملىق ئاۋازىڭىز قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلاپ تۇرىدۇ! سىز قەيسەرلىكنى بىر دەستە نۇرغا ئايلاندۇردىڭىز، ئۆلۈمگە يۈزلەنگەندىمۇ تەمكىن ۋە مۇلايىملىقىڭىزنى ئىپادىلىدىڭىز. سىز قالدۇرغان روھىي بايلىق ماڭا مەڭگۈ ھەمراھ بولۇپ، كېيىنكى ھەر بىر كۈنۈمنى قىزغىنلىققا چۆمدۈرمەكتە...
راھىلە، ئاددى، ئەمما قۇدرەتلىك دوستۇم، سىزنى ئۆمۈرۋايەت سېغىنىمەن.....
بۈگۈن سىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭىز، بۇ ئاددى ئەسلىمەمنى تۇغۇلغان كۈن سوۋغىتى سۈپىتىدە سىزگە سۇندۇم، قوبۇل قىلىڭ جان پارەم!
2025- يىلى 22- دېكابىر
…………
ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


