大数跨境

بىلىمسىز چاغلايدۇ ئۆزىنى كاتتا-پاتەم بەكرى

بىلىمسىز چاغلايدۇ ئۆزىنى كاتتا-پاتەم بەكرى aybarawazi
2025-12-23
1
导读:ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەرد


ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 



بىلىمسىز چاغلايدۇ ئۆزىنى كاتتا .

 پاتەم بەكرى .

 بىلىملىك بىلىمدىن ئالىدۇ ھۇزۇر .

 بىلمىگەن بىلگەندىن ئىزدەيدۇ قۇسۇر .

 بىلىمسىز بىر نادان سورۇنغا كەلسە .

 مىڭ ئاقىل باشلىغان سۆھبەتنى بۇزۇر .


 بىلىمسىز چاغلايدۇ ئۆزىنى كاتتا .

 ھالىنى تارتالماس ، ئون ئىككى ئاتتا

 تۇرقىغا قاراپلا بەرمىگىن ، باھا .

 ئىسمىنى ئوڭشاپراق يازالماس ، ھەتتا .


 بىلىملىك ئىنساندا بولمايدۇ كىبىر

  قاقشىماس ھاياتتىن تارتسىمۇ جەبىر .

 كەلسىمۇ بېشىغا نى ئېغىر قىسمەت .

 تاقەتلىك لەۋ چىشلەپ قىلىدۇ ، سەبىر .


 بىلىمسىز ئىنساننىڭ سۆزىگە قارا .

 ماختىنىپ سۆزلەيدۇ ، سورۇنلار ئارا .

 كىملەرگە ياققاندۇ كىملەردۇر بىزار .

 نادان ئۇ  پەرقىنى بىلمەيدۇ تازا


 بىلىمسىز بىلىمنىڭ قەدرىگە يەتمەس .

 بىلىمنىڭ ئىشقىغا ياش پەرقى كەتمەس .

 ئىنساندا بولسا ، گەر ئىلىم ۋە ھۈنەر .

 ھاياتتا ئۇنىڭغا ھېچ خارلىق يەتمەس .


 بىلىمدىن تەرەققىي قىلىدۇ جاھان .

 ئەسقاتار ، بىلىمىڭ بارساڭمۇ قايان .

 ياشلىق نى ئۆگەنمەي ئۆتكۈزگەن نادان .

 پۇشايمان ئىلكىدە ياشايدۇ ، ھامان .


 ياشلىقتا تىرىشقىن ، ھارمىغىن ، ئۆگەن .

 بەڭۋاشلىق شاشلىققا سېلىپ تۇر يۈرگەن .

 بېشىنى تىك تۇتۇپ ياشايدۇ ، مەغرۇر .

 بىلىمنى يار تۇتۇپ ، دىلدىن سۆيگەن .


2025-10-16-كۇنى

ئاقسۇدا يېزىلدى

 ئاپتورى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ پېنسىيە نۇرى .

……..…………… 

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيۇڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 


【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0