大数跨境

سۆيگۈگە قويۇلغان سۈپەت

سۆيگۈگە قويۇلغان سۈپەت aybarawazi
2026-01-07
2
导读:ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەرد


ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 


图片

سەرەڭگەسالۇنى تەييارلىدى

سۆيگۈگە قويۇلغان سۈپەت

س م زىندانى


ئىككى كۆڭۈل قويىشىۋالدىكەن بىر-بىرىگە

ھەر خىل سۈپەتنى

قۇياشىم-ئايىم

يۇلتۇزۇم

ھاياتىم

جىنىم

بارلىقىم

ۋە دىيشىدىكەن

شۇ سۈپەتلەر كەبى مۇھەببىتىم بار سىزگە


ئەمما سۆيۈشنى بىلمەيدىكەن بىر-بىرىنى

پايخان ئىتىدىكەن كۆڭۈلنى

ئۇدۇل كەلگەننى چاقىردىكەن شۇ سۈپەتلەر بىلەن


ھەممە شەيئىنىڭ جىنى بىر تۇرسا

ئۇلارنىڭ ( جانلىرى ) شۇنچە كۆپمىدۇ؟

يۇلتۇزۇم دەيدىكەنۇ (يۇلتۇزنىڭ) ئاسمىنى بولالماسكەن

يۇلتۇزنىڭ ئاسمىنى بولمىسا ئىقىپ كىتىدىغىننى بىلمەمدىكىنە ؟


ئاتىشىدۇ بىرلىرنى ( قۇياشىم-ئايىم) 

ئەمما بىلمەيدىكەن ئايدەك كۈتۈشنى

قاملاشتۇرالماسكەن ھەم قۇياشتەك سۆيۈشنى

بىر يۈرەكنى ئىللىتقۇدەك مىھرى

بىر قەلىبنى يۇرۇتقۇدەك نۇرى يوقمىكىنە ؟


بارلىقىم دىيشىۋالدىكەن بىرلىرىنى

ۋادەرىخ !

ئۆزلىرى ئۈچۈن نىمە (بارلىقى) ئىكەنلىكىنى بىلىشمەيدىكەن

يىراقلارغا كەتمەستە

يېنىدا بارىنى قەدىرلىسە بولمامدىكىنە ؟


ھاياتىم دىيشىدىكەنۇ بىر-بىرىگە تىغ ئۇراركەن

ھايات دىگەن ( ياشاش ) ئەمەسمۇ؟!!

سۆيۈپ ھەم سۆيۈلۈپ

قەلىب ئۆلسە ھەممىنىڭ تۈگەيدىغىنىنى بىلمەمدىكىنە؟

……..…………… 

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيۇڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 


【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0