大数跨境

ھەركىم سىزدەك ياشىسا دەيمەن ئابدىرشىت ئىمىن پاتەم بەكرىگە ئاتاپ

ھەركىم سىزدەك ياشىسا دەيمەن ئابدىرشىت ئىمىن پاتەم بەكرىگە ئاتاپ aybarawazi
2025-12-28
2
导读:ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەرد


ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 



ھەركىم سىزدەك ياشىسا دەيمەن

ئابدىرشىت ئىمىن

(پاتەم بەكرىگە ئاتاپ)


 شائىرە دەپ نامنى ئالدىڭىز .

 ياشانغاندا ھارماي يازدىڭىز .

 كەزگەچ سانسىز تاغ دەريانى .

 گۈزەللىكتىن ئىلھام قازدىڭىز .


 تېپىپ خۇشال ياشاش ، يولىنى .

  چىڭ تۇتتىڭىز دوستلار ، قولىنى .

 ئىناقلىقنى تەكىتلەپ ، ھامان .

 كەڭ يايدىڭىز ، دوستلۇق تورىنى .


 تەشكىللەشكە ماھىر ئىكەنسىز .

 ئەمىليەتنى يازىدىكەنسىز

 ئىقتىدار ھەم بولغاچ پەزىلەت

 دوستلار قەلبىگە ياقىدىكەنسىز .


 ساياھەتنى قىلدىڭىز ، ھارماي .

 گۈزەللىككە قەلبىڭىز قانماي .

 ئۇسسۇل ئويناپ ، ناخشا ياڭرىتىپ .

 بىر كۈننىمۇ مەنىسىز قويماي .


 دوستلىرىڭىز شۇنچە كۆپ ئىكەن .

 ھەر يۇرتلارغا چېچىلغان ئىكەن .

 بارچە گۈزەل دوستلىرىڭىزغا .

 بەخت ئىشىكى ئېچىلغان ئىكەن .


 چىن كۆڭلۈمدىن سىزگە قايىلمەن .

 ھەركىم سىزدەك ياشىسا دەيمەن .

 تارىخ بېتىدە قالسۇن ، نامىڭىز .

 توغراق كەبى ئۆمۈر تىلەيمەن .

2025-يىلى9-ئاينىڭ 4-كۇنى


ئۇرۇمچى

 ئاپتور ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سەنەت مەكتەپنىڭ پېنسىيە نۇرى .

……..…………… 

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيۇڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k