大数跨境

ئەجەپ جاھان ھە بۇ...

ئەجەپ جاھان ھە بۇ... aybarawazi
2025-12-27
2
导读:ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەرد


ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 




ئەجەپ جاھان ھە بۇ...


بىر ئەر ئۆينى بېزەپ، ئايالىغا يارىماي بالادا قالدى؛ بىر ئانا ئۈچ بالىسى بىلەن، يامغۇرغا قارىماي تالادا قالدى...


بىر ئايال تېخىچە ئۆيگە قايتمىغان يولدىشىغا تېلېفون قىلىپ، ئۆيگە پۇت دەسسىمەسلىكنى ئېيتىپ ئاۋارە؛ بىر مەزلۇمە يىراقتىكى ۋاپادارىنى سېغىنىپ ئەسلەپ، يۈرەكلىرى  سەكپارە...


بىرى يېڭى ئالغان ئۆيىنىڭ جابدۇقلىرىنى تاللىيالماي باش قېتىپ؛ بىرى كىرىدىغان ئۆيى يوق سرتلاردا يېتىپ...

 

بىرى توينى تۈگىتىپ، كەچلىك زىياپەتكە ئۈستى باشنى باشقىچە يېڭىلاشنىڭ تەييارلىقىدا؛ بىرى ئۈستىدىكى ھەپتىدىن بېرى كىيىلگەن كىيىمنى قانداق ئالماشتۇرۇشنىڭ ھەيرانلىقىدا...


بىرلىرى ماشىنىسىنى يېڭى پاسوندىكىگە ئالماشتۇرغىلى مەخسۇس سېتىش دۇكىنىغا كەلدى؛ بىرلىرى ماشىنىسىنى سېتىپ خىراجەت غەملىگىلى نىمكەش ماشىنا بازىرىغا كىردى...


بىر بالا دادىسىدىن خاپا، دوستىغا ئىچىنى تۆكىۋاتىدۇ؛ بىر بالا دادىسى يىراقتا، پىراق ئوتىدا يۈرىكىنى تۇتىۋاتىدۇ...


پەسىل ئالماشسا كىيىدىغان ئايىقىنىڭ يوقلىقىدىن زارلىغان ئۇ كىشى پۇتىدىكى ئايىقىنى تېخى ئالدىنقى كۈنى ئالغان ئىدى؛ ئىككى قولىدىكى ھاسىنى قويۇپ، كۈلۈپ ئالدىمدا ئولتۇرغان بۇ كىشى پۇتىنىڭ يوقلۇقىنى ئۇنتۇپ قالغان ئىدى...


ئوقۇشنىڭ تەسلىكى، دەرسنىڭ ئېغىرلىقى ئۈستىدە ھال ئېيتىۋاتقان بالىسىنى ئاتىسى تەستە بەزلەۋاتاتتى؛ ئوقۇش ئىستىكى، پۇرسەتنىڭ يوقلۇقىدىن ئامالسىز قالغان قېرىنداشلار بىر بىرى ئۈچۈن ئامال ئىزدەۋاتاتتى...


بىرلىرى تاپقان پۇللىرى، يۇقىرى مائاشى ھەققىدە كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا سۆز قىلدى، ئەمما بىرسىگە بېرىدىغان نەچچە يۈز يۈەن پۇل يېنىدىن چىقمىدى؛بىرلىرى تىنىچقىنە سۆز ئاڭلاپ، تۈگىگەندە ھېچكىمگىمۇ بىلىندۈرمەي چىقىپ كەتتى، ئالدىغا ئۇچرىغان بىر ھاجەتمەن قۇرۇق يانمىدى...


يۇقىرىغا قاراپ پىكىر قىل، تۆۋەنگە قاراپ قانائەت قىل، سەن ئىزدەۋاتقان نەرسە شۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا؛ ھېچكىم دۇنياغا كەلگىنىدىن باشلاپلا توققۇزى تەل تۇغۇلمىغان. بەزىلەر نامرات ئائىلىدە، بەزىلەر باي ئائىلىدە تۇغۇلۇپ قالغان. قانائەت بولمىسا بايمۇ بايلىقىدىن قاقشايدۇ، نامراتمۇ نامراتلىقىدىن قاقشايدۇ. شۇڭا تۇرمۇشىڭىزدا ھەرۋاقىت قانائەت قىلىشنى ئادەت قىلىڭ!

……..…………… 

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيۇڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 


【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0