ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت
تىلسىز تۇيغۇ
ئادالەت.شار
بىر تۇيغۇلىرىڭ بولىدۇ- بەزىدە، تىلسىز، زۇۋانسىز. بىراق، سېنى تىلىنغان لەختى كەبى قىلۋېتەلەيدىغان!
ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭنىڭ كىملىكىنى ئۇنۇتتۇرۋېتىدىغان...
ھەتتا، قەلبڭ ۋۇجۇدۇڭدا نىمگە ئىنتىلىشىڭ بارلىقىنىمۇ سەزمەس قىلۋېتىدىغان...
خۇددى، ئەقلى ھوشۇنى يوقاتقان مەس بىرىگە ئوخشاش تۇتقان قويغىنىڭنى ئۇقاممايدىغان قىلۋېتىدۇ- بەزىدە...
كۈنلەپ ئولتۇرۇپ نىمنى خيال قىلغىنىڭنىمۇ بىلەلمەي ئۆزۈڭ بىلەن يەنە بىر بومماقچى بولغان ئۆزۈڭ ئارسىدا تېڭىرقاپ يۈرگىنىڭدە، ياراڭغا تۇزدەك سېپىلىدىغان بىر تۇيغۇلىرىڭ بولىدۇ. ئۇنى دىيەلمەيسىەن، ئىپادىلىيەلمەيسەن، ھەتتا، ئۆزۈڭمۇ ئۇ ھەققىدە بايان قىلىشقا ئامالسىز.
ئۇ شۇنداق بىر تىلسىز تۇيغۇ، سېنى ھەم دىلسىز قىلىۋېتەليدىغان تىمسىز تۇيغۇدۇر...
2020.8.19
…………
ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


