大数跨境

بىراۋدىن رەنجىشكە ئارانلا تۇردىڭلار

بىراۋدىن رەنجىشكە ئارانلا تۇردىڭلار aybarawazi
2026-01-14
1
导读:ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەرد


ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 



نېمە قىلساڭلار بۇلار ئىدى 


«تــىــمــتــاس »



بىراۋدىن  رەنجىشكە  ئارانلا تۇردىڭلار  

ئىچدە بىر ئاغرىق باردۇر

بىر  سېقلىش باردۇر 

بىر  بىئارامچىلىق باردۇر 

بىر پاراكەندىچىلىك باردۇر  دىمدىڭلار 


بىراۋدىن  ئاغرىنىپلا يۈردىڭلار 

لىكىن 

ئۇنىڭمۇ  مېھىرگە  ئىھتىياجى بار ئىدى  

ئۇنىڭمۇ نازۇك قەلبى بار ئىدى  ، يۈركى ئاغرىغانمىدۇ؟

كۆڭلىگە  ھاردۇق  يەتكەنمىدۇ  ؟

كۆڭلىگە كەلگۈدەك  ئىش قىلغاندىمىزمۇ   دىمدىڭلار 


ھەر  قىتىم تۇرمۇش  بىراۋنى   ئۇرغىنىدا   

ئالدىمدا ۋاي ـــ ۋاي  ،  خوش ـــ خوش دىدىڭلار 

ئارقىسدىن   بولسا يايراپ  قاقاقلاپ  كۈلدىڭلار

بىرنى  خاتا قىلغىنىمنى جاھان ئەھلىگە سۆزلىدىڭلار يۇ

لىكىن  

توققۇزنى توغرا قىلغىنىنى  ئۈزۈڭلارغىمۇ  پىچىرلاپ  قويمىدىڭلار 

ئۇمۇ  ئىنسان  خاتالىقتىن  خالى ئەمەس دىمدىڭلار 


ھەممە  نەرسى تەل  ،  كۆڭلى توق دىدىڭلار

لىكىن  

 بىراۋغا  ئالدىراپ باھا بەرمەسلىك دىگەن سۆزنى 

 ئۇشبۇ كىشلەرگە  كەلگەندە  ئۇنۇتتۇڭلار  

ئەسلىدە  

، شۇلارنىڭ   كۆڭلىنىڭ ھەم   پۇچۇق يەرلىرى 

 سۇنۇق يەرلىرى  بار ئىدى

 بۇنى سىلەرگە دىمگەن ئىدى  خالاس 

  ھە  راس 

بۇلارنى  سىلەرگە  دەپ  نىممۇ  قىلار  ھە  

سىلەرنىڭ  نەزرىڭلاردا  توققۇزى  تەل  ئىنسان  ئۇ 

بىراق  

توققۇزى تەل دىگەنلىك 

ئونغا  بىرسى كەم دىگەنلىك ئىدى 

بۇنى  شۇ كىشلەرگە   كەلگەندە يەنە  ئۇنۇتتۇڭلار  


سىلەر  نىملا  قىلساڭلار

  قاغا بالام ئاپئاق  ،  كىرپە بالام يۇمشاق  » دىگەندەك »

سىلەرنىڭلا  توغرا  بولدى 

« خۇددى  «  ئۆردەككە سۇ يۇقمىغاندەكلا  

خاتالىقلىرىڭلارنى  چىرايلىق  قىلىپ  ياپتىڭلار 


ئۈزۈڭلارنىڭ  ھۆرمىتىڭلار  

قەدىر  ــ قىممىتىڭلار  

ئىززەت  ــ ئابرۇيىڭلار  

ئاتالمىش  غۇرۇرىڭلار  تۈپەيلى 

ئۈزۈڭلارنىڭكىنى  راس  قىلدىڭلار 

شۇ  بىراۋنىڭ  سىلەر  سەۋەپلىك 

سىلەرنىڭ  نەپسانىيەتچىلىك  ، شەخسىيەتچىلك 

قىلمىشىڭلار  سەۋەپلىك 

 سەخىلىق بىلەن ئۆز نۇرنى بارچە مەۋجۇداتقا

 چىچۋاتقان  قۇياشتەك ئىللىق  دىلغا  

جاندىن ئۆتكۈدەك مۇزدەك سوغۇق

 سۆزلىرىڭلار بىلەن ئازار بەردىڭلار

يىپى  ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلگەن  كۆز ياشلىرغا 

چولپان يۇلتۇزدەك  چاقناپ تۇردىغان كۆزلەرنىڭ

  نۇرسىز  ، ئىشەنچسىز  ، ئۈمۈدسىز  بىقىشلىرغا  

تۈمەننىڭ دەرياسىدەك ئۆركەشلەپ تۇردىغان

تۇمۇرلاردا جۇش ئۇرۇپ ئىقۋاتقان قاندەك تۇيغۇلارنىڭ

  تىمتاسلىققا بەنىد بۇلشىغا  

  ئەسىرلەپ  ئۇيقۇلارغا غەرىق  بۇلشىغا  سەۋەپ  بولدىڭلار  


« يەنە  تېخى  « مەن  نېمە قىلدىم دېيىشلىرىڭلار بار 

ئېيتىڭلارچۇ  ئىنسانلار 

 يەنە  نېمە  قىلساڭلار  بۇلار ئىدى  ؟

ئۈزۈڭلار  سەۋەپلىك شۇ بىراۋنىڭ 

تۇرمۇشقا  بولغان ئىشەنچىسنى 

ياشاشنىڭ  ئەھمىتىنى  

ھاياتقا  بولغان ئۈمۈدىنى

رىئالىققا بولغان قىزقىشنى 

ئارزۇ  ــ  ئارمان ئىستەكلىرنى 

ئۈزۈڭلارنىڭ  كەلگۈسى  ئۈچۈن قۇربان قىلدىڭلار 

شۇنداق قىلىپ بىر بىغۇبار قەلىب ئىگسىنى

 پۈتۈنلەي   ھالاك قىلدىڭلار

تېخى  قىلچە  ئەيمەنمەستىن  ، خىجىل بولماستىن  

« مەن ھېچنىمە قىلمىدىم دىدىڭلار  »

يەنە  نېمە  قىلساڭلار  بۇلار  ئىدى  ئنسانلار   ؟

……..…………… 

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيۇڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 


【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0