ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت
مۇزقەلەم ــــ
گۈزەل چىرايى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس
قاملاشقان بوي-بەستى بولغىنىدىنمۇ ئەمەس.
پۇزۇر كىيىۋالغان كىيىمى
چېچىۋالغان ئەتىرى ئۈچۈن تېخىمۇ ئەمەس.
كاتتا داچىرىلىرى، قەۋەت بىنا ئۆيلىرى ئۈچۈن ئەمەس.
مۇقىم خىزمىتى بولغانلىقى ئۈچۈن، ھەتتا ھەممە كىشى ياقتۇرىدىغان مىجەزى بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ ئەمەس
گىرىمسىز چىرايىنى
رىمۇنۇتخانىدىن چىققان ھالدىكى ماي يۇقى يۈزلىرىنى
ئۆيى ئالدىنى سۈپۈرگىلى چىققان ھالىتىنى،
خامان تەپكەندىن كىيىنكى بەدىنىدىن تاراۋاتقان نەم توپىنىڭ ھىدىنى،
ھەممە كىشى چەتكە قاقىدىغان بىر خۇيىنى ياخشى كۆرۈپ قالىسەن
ئۆزۈڭمۇ سەزمەيسەن
ھىكايىلەردە ئىيتىلغان كەبى، بىر كۆزى كۆرمەيدىغان قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئۇنىڭغا
دۇنيادىكى ھەممە قىزلانىڭ بىر كۆزى ئارتۇقتەك بىلىنگىنىدەك
شۇنداق بىر ياخشى كۆرۈشلەر ھاياتىڭغا كەلگىنىدە
توسۇيمەن دەپمۇ توسۇپ قالالمايسەن
كىنولاردا سۆزلەنگىنىنى يالغان دىگەن ئىغىزىڭغا نەچچىنى سالىسەن
قەلەندەرنى ياخشى كۆرۈپ قالغان مەلىكىدەك
يۈزى كۆيۈك قىز ئۈچۈن نۇرغۇن گۈزەللەرنى رەت قىلغان كىلىشكەن يىگىتتەك…
سەۋدايى بولىدۇ ياخشى كۆرۈش دىگەن
جىددى ھەم تۇيۇقسىز
ياخشى-يامان، سەت-چىرايلىق
باي-نامرات، يىراق-يىقىن، چوڭ-كىچىك دەپ ئايرىپ ئولتۇرىشىڭغا پۇرسەت بەرمەيدۇ.
شۇنداق شەخسىيەتچى بولىدۇ ياخشى كۆرۈش
ياخشى كۆرىدۇ ئەمما
كۆزى بولمايدۇ ياخشى كۆرۈشنىڭ.
ھىچقانداق كەمچىللىكلىرىنى كۆرمەس بولۇپ قالىدىغانلىقى كەبى
شۇنداق سەۋدايى بولدىكەن ياخشى كۆرۈش دىگەن.
قارىغۇلارچە
ساراڭلارچە
…………
ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


