大数跨境

ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﻠﯩﻚ ﺑﯧﻐﯩﺸﻠﯩﻴﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯛﯓ

ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﻠﯩﻚ ﺑﯧﻐﯩﺸﻠﯩﻴﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯛﯓ aybarawazi
2026-02-13
2
导读:ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەرد


ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 

 







ﺋﯜﻧﺪﯨﺪﺍﺭ ﺳﺎﻟﻮﻧﻰ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ، ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﻯ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ:

ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ، ﻳﻮﻟﺪﯨﺸﻰ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﯧﮕﯜﺯﺩﻯ، ﺩﻭﺭﺍ ﺋﯩﭽﻜﯜﺯﺩﻯ، ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﻳﻮﻟﺪﯨﺸﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﻳﯩﻐﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻳﺎﻝ: «ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮪﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻣﻤﯘ ﻳﯩﻐﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰ ﻣﯧﻨﻰ ﻳﯩﻐﻼﺗﺘﻰ» ﺩﯦﺪﻯ.

ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﮪﺎﻳﺎﺕ ﺩﻩﻝ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ، ﺋﺎﺩﻩﻡ ﮪﯧﭽﻘﺎﭼﺎﻥ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﯞﻩ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﺵ ﺗﯚﻛﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮﺍﯞﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺴﺎ ﻳﺎﺵ ﺗﯚﻛﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﻠﯩﻚ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯘ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﮪﻪﺑﺒﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ ﺋﯧﻘﯩﻨﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻨﯩﯔ ﮪﻪﺭﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﮪﺎﻟﻘﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺳﯩﯖﺪﯛﺭﯛﭖ، ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺋﻮﺯﯗﻗﻼﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ؛ ﺋﯘ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﮪﻪﺑﺒﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﯘﻳﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ، ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﮪﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻨﻰ ﻳﻮﺭﯗﺗﯘﭖ، ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺋﯩﻠﻠﯩﻘﻠﯩﻖ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ؛ ﺋﯘ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﮪﻪﺑﺒﯩﺘﯩﻨﻰ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻧﻪﻗﯩﺸﻜﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻨﯩﯔ ﮪﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺑﯘﻟﯘﯓ-ﭘﯘﭼﻘﺎﻗﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺯﯨﻨﻨﻪﺗﻠﻪﭖ، ﺳﯩﺰﮔﻪ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.

ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﮔﻪﭖ ﺑﺎﺭ: «ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺷﯘﻧﻰ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﯨﺪﯗﻛﻰ، ﺋﺎﺩﺩﯨﻴﻠﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﮪﻪﻣﺮﺍﮪ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻼ ﺋﯘ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﯖﯩﺰ ﮪﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.» ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﻠﯩﻜﻰ ﺑﺎﺭ، ﺋﺎﺳﺘﺎ-ﺋﺎﺳﺘﺎ ﻛﯜﻥ ﭘﯧﺘﯩﭗ، ﮪﺎﯞﺍ ﺳﻮﯞﯗﭖ ﻛﻪﺗﺴﯩﻤﯘ ﮪﯧﭽﻨﯧﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﯨﻤﻪﻳﺴﯩﺰ، ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﯩﺰﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﺍﻻﻳﺴﯩﺰ. ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﻠﯩﻜﻰ ﺑﺎﺭ، ﺑﯩﻜﺎﺭ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺳﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﮔﯜﻟﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﻮﺭﻩﻛﻠﻪﭖ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﮪﻮﺯﯗﺭﻟﯩﻨﯩﭗ، ﮔﯜﻟﻨﯩﯔ ﺧﯘﺵ ﮪﯩﺪﯨﻨﻰ ﺳﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮪﻪﻣﺒﻪﮪﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﮪﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﯩﺪﻩ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺗﻮﻕ ﺗﯘﺗﯩﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﺴﯩﻤﯘ ﻣﯘﮪﻪﺑﺒﻪﺗﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﻠﯩﻘﻠﯩﻘﻨﻰ ﮪﯧﺲ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯗ.

ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﮪﻪﺭﺑﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯜﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﻠﯩﻚ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯚﺗﯜﺷﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.

……..…………… 

ئاستىدىكىگە چىرىپ قۇيۇڭ



سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 


【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k