大数跨境

ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻳﯜﻛﺴﻪﻟﺪﯛﺭﯛﺷﺘﯩﻜﻰ ﺑﻪﺵ ﺧﯩﻞ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﺩﻩﺕ

ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻳﯜﻛﺴﻪﻟﺪﯛﺭﯛﺷﺘﯩﻜﻰ ﺑﻪﺵ ﺧﯩﻞ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﺩﻩﺕ aybarawazi
2026-03-24
2
导读:ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەرد


ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 

 









ﺋﯜﻧﺪﯨﺪﺍﺭ ﺳﺎﻟﻮﻧﻰ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ، ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﻯ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ

ﺋﯧﻨﯩﻖ ﻧﯩﺸﺎﻥ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﺶ

ﺋﯧﻨﯩﻖ ﻧﯩﺸﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﺘﯩﺪﯗ. ﮪﻪﺭﻛﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﻧﯩﺸﺎﻧﻨﻰ ﭼﯚﺭﯨﺪﻩﭖ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﺪﯗﺭﯨﻤﯩﺰ، ﺩﺍﺩﯨﻞ ﺋﺎﻟﻐﺎ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﻪﻳﻤﯩﺰ، ﺑﯘ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﯩﻘﯩﻴﻪﺕ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.

ﭼﻮﯓ ﺋﺎﺭﺯﯗﻧﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻧﯩﺸﺎﻧﻐﺎ ﺑﯚﻟﯜﭖ، ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ، ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ، ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰ، ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﻗﺴﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ، ﺋﻪﭘﻠﻪﭖ-ﺳﻪﭘﻠﻪﭖ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﯞﻩﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺑﯘ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.

ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﻣﻪﺷﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ

ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺵ، ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯩﻨﺎﻕ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﻱ-ﭘﯩﻜﺮﻯ ﯞﻩ ﮪﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ، ﺋﻮﭼﯘﻕ-ﻳﻮﺭﯗﻕ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺵ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﻰ.

ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﮔﻪﭖ-ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻛﯚﯕﯜﻝ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ، ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﮪﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺵ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺭﺍﯞﺍﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺸﯩﺪﯗ.

ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﺋﯩﺰﭼﯩﻠﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ

ﺑﯩﭙﺎﻳﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺩﯦﯖﯩﺰﯨﺪﺍ، ﺳﯩﺰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﮪﺎﻳﺎﺗﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻪﻳﺴﯩﺰ، ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻪﻳﺴﯩﺰ، ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺗﯘﻳﻐﯘﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻪﻳﺴﯩﺰ. ﺑﯘﻻﺭ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﺯ-ﺋﺎﺯﺩﯨﻦ ﺋﻮﺯﯗﻗﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﭗ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺩﺍﻧﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.

ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘﺧﻼﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺑﯩﺮﺩﻩﻡ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﻛﯚﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﮪﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺳﯩﯖﯩﺰ، ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﭗ-ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﻟﻪﭖ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻳﺴﯩﺰ.

ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﺵ

ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺑﺎﺭ: ﺑﯩﺮﻯ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ، ﮪﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ.

ﮪﺎﻳﺎﺕ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﯘ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯜﺯﯛﻛﺴﯩﺰ ﺋﺎﻟﻐﺎ ﺑﯧﺴﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻣﻮﮪﺘﺎﺝ. ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﮪﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﻛﯜﭺ ﯞﻩ ﺋﻪﻗﯩﻞ-ﭘﺎﺭﺍﺳﻪﺗﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻼ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺧﯩﺮﯨﺴﻘﺎ ﺗﺎﻗﺎﺑﯩﻞ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ ﯞﻩ ﺋﺎﺳﺎﺳﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

ﻳﺎﺧﺸﻰ ﮪﺎﻟﻪﺗﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ

ﮪﺎﻳﺎﺕ ﻳﯜﺯ ﻣﯧﺘﯩﺮﻏﺎ ﻳﯜﮔﯜﺭﯛﺵ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻣﺎﺭﺍﻓﻮﻧﭽﻪ ﻳﯜﮔﯜﺭﯛﺵ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻳﻮﻟﯘﻗﯘﺷﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻴﻨﻪﺯﻩﺭ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﯧﻴﯩﺸﯩﯖﯩﺰ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯘﺧﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﮪﺎﻟﻪﺕ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﺯﯗﻳﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﻏﻠﯩﺸﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ.

ﻳﺎﺧﺸﻰ ﮪﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﺋﯘﺧﻼﭖ، ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﻗﻮﭘﯘﺵ، ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﯞﻩ ﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ، ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﯞﻩ ﺭﻭﮪﯩﻲ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻼ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﯚﺳﯜﭖ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯜﺯﯛﻛﺴﯩﺰ ﻛﯜﭺ ﺗﻮﭘﻠﯩﻐﯩﻠﻰ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺧﯘﺷﺎﻝ-ﺧﯘﺭﺍﻡ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

……..…………… 

ئاستىدىكىگە چىرىپ قۇيۇڭ


سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 


【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0