大数跨境

ئىزتاپ خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى

ئىزتاپ خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى iztapbiz
2016-05-14
4
导读:ئىزتاپ خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى ئەسسالامۇ ئەلەيكۇ

ئىزتاپ خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى 

 



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار 

   ئىزتاپ خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى نامىدىن ھەممىڭلارغا

 ئوتلۇق سالام ، ئالىي ئېھتىرام

بىز ئىزتاپ خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى ئەسلىدىكى

 <<كۈرەش ئېلېكتىرونى>>يېقىنقى 5 يىلدىن بېرى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بىزنى قوللىغان ۋە بىزگە ئىشەنگەن خېرىدارلار ۋە ھەمكارلاشقۇچىلىرىمىزنىڭ كۈچلۈك تەلىپىگە ئاساسەن بىزنىڭ جايلاردىكى خېرىدارلىرىمىز ۋە ھەمكارلاشقۇچىلىرىمىزنى تېخىمۇ ئەتراپلىق ، سىستېمىلىق ، مۇكەممەل مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلىپ ئىزتاپ خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى بولۇپ قۇرۇلدۇق .

   بىز بۇندىن كىيىن دەۋرنىڭ تەلىپىگە ماسلىشالايدىغان ، خېرىدارنىڭ مەنپەئەتى تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولىدىغان سىستېمىلىق سودا چەمبىرىكى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز . گەرچە بىر نەچچە يىلدىن بېرى خېرىدارلارنى رازى قىلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلغان بولساقمۇ ، بەزى ساقلانغىلى بولمايدىغان

 سەۋەبلەر تۈپەيلى سىلەرنى ئوبدان رازى قىلالمىغان بولساق بىز بۇندىن كىيىنكى ئەتراپلىق مۇلازىمەت ، سەمىمىيلىكىمىز ئارقىلىق سىلەردىن ئەپۇ سورايمىز .

   بىز يېڭىچە بولغان سودا ئەندىزىسىنى قوللاندۇق ، يەنى ئەڭ ئاۋۋال ھەر قايسى رايونلاردا بىزنىڭ مۇقىم دۇكان ئاچىدىغان

ئىشەنچلىك ھەمكارلاشقۇچىلىرىمىز ئارقىلىق سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەت نۇقتىسى قۇرۇپ چىقتۇق  ، بۇ ھەمكارلاشقۇچىلار ئۆز

 رايونىدا مال بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىرگە يەنە خېرىدارلار مالنى سېتىۋالغاندىن كىيىن ئۇچرىغان ھەرقانداق مەسىلىلەرگە قارتا سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەتنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ ، خېرىدارلار پەقەت مالنىڭ سۈپىتىدە مەسىلە بارلىقىنى بايقىسا ياكى سۈپەت كاپالىتى ئىچىدە مالدىن مەسىلە چىقسا شەرتسىز قوبۇل قىلىپ ، بىزگە ۋاكالىتەن مەسىلىنى ھەل قىلىپ بېرىدۇ ياكى ئۆزى ھەل قىلالمىسا شىركەتتىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار بىلەن ئالاقىلىشىپ ئەڭ تىز، ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بىلەن خېرىداريولۇققان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ .

   ھازىرقى زاماننىڭ تەلىپىگە ماس بولغان زامانىۋى سودا

 ئۇسۇلىدىن شىركەت توربىكىتىدە بىر تۇتاش بولغان مال باھاسى بىلەن تەمىنلەش ،شىركەت ئۈندىدار سالونىمىزدا بىۋاسىتە مال ئۇچۇرلىرى ۋە باھا ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىش  ، ھەرقايسى جايلاردىن ھەمكارلاشقۇچىلارنى تاللاپ قوبۇل قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەر ئىشلەندى  ، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنى قوللاپ كېلىۋاتقان شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەمكارلاشقۇچىلىرىمىز ۋە خېرىدارلىرىمىزغا تېخىمۇ ئىشەنچلىك ، سىستېمىلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈندۇر .

   ئەمدى شىركەتنىڭ تىجارەت دائىرىسى بولسا ئېلېكتىرون

 مەھسۇلاتلىرى ، يەنى داڭلىق ماركىلىق يانفون ، داڭلىق ماركىلىق خاتىرە كومپيۇتېر ، ئۈستەل كومپيۇتېرى ۋە تاختا كومپيۇتېرلار،  داڭلىق ماركىلىق تېلېۋىزور ، ھەرخىل رەڭلىك رەڭسىز پىرىنتېرلار، ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان ھەر خىل ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار ، رەڭلىك باسمىچىلىق  يەنى ، ھەرخىل ئىسىم كارتىلىرى ، تەشۋىقات ۋاراقچىسى ، ئەزالىق كارتىسى،ئالاھىدە ئەزالىق كارتىسى، ئېلان تاختىسى ، ۋىۋىسكا قاتارلىق باسما ئىشلىرى ، زىيانسىز تەبىئىي بولغان ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ، بالىلار ئويۇنچۇقلىرى ، داڭلىق ماركىلىق كىيىم-كېچەك قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئەڭ مۇۋاپىق باھادا سۈپىتى ئىشەنچلىك ماللار بىلەن تەمىنلەيمىز .

     بىزنىڭ شوئارىمىز ،  ئۈچ تەرەپ تەڭ مەنپەئەتلىنىدىغان

 ئادىل سودا بەرپا قىلىش . (مال ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەت ، بىز ۋە ھەمكارلاشقۇچى ، ئەڭ مۇھىمى خېرىدار  ، خېرىدارنىڭ مەنپەئەتى سۈپەتلىك، ئىشەنچلىك ،ئۆزى رازى بولغۇدەك مالغا ئېرى

شىش )


 


【声明】内容源于网络
0
0
iztapbiz
新疆伊则塔普国际贸易有限公司
内容 8
粉丝 0
iztapbiz 新疆伊则塔普国际贸易有限公司
总阅读14
粉丝0
内容8