2016 - يىلى قىش كېيىنرەك كىرگەچكە ، كېۋەز تىرىپىسىقىشتىن بىخەتەر ئۆتۈپ ، 2017 - يىلى كېۋەز تىرىپىسى خەۋپى ئاسان يۈز بېرىدۇ .كېۋەز تىرىپىسى زىيىنى ئېغىر بولغاندا ھوسۇل ئالالماسلىق ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپچىقىرىدۇ ، بۇنىڭغا پاختىكار يۈكسەكئەھمىيەت بېرىشى كېرەك .
1 - زىيانلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى
پەللە يوپۇرماق مەزگىلى ، كېۋەز تېرىپىس قۇرتى مەركەزلىك ھالدا كېۋەز تۈپلىرىنىڭ يۇمران بېشىۋە يۈرەكسىمان يوپۇرماقلىق ئورنىدىن شىرنىسىنى سۈمۈرۋېلىپ ، ئۆسۈش نۇقتىسىنىزىيانغا ئۇچىراتقاچقا يىڭى نوتىلار ئۆسۈپ چىقالماي ، باشسىز كېۋەزنى شەكىللەندۈردۇ،ئاخىرىدا ئۆسەلمەسلىك سەۋەبىدىن ئۆلۈپكېتىدۇ . 2 ~ 3 يوپۇرماق مەزگىلى ، كېۋەز تۈپىنىڭ ئۆسۈش نۇقتىسى زىيانغا ئۇچراپنورمال ئۆسەلمەيدۇ ، يوپۇرماق قولتۇقچىسىدىن 3 ~ 5 تالغىچە يېڭى نوتا داۋامىدا ئۆسۈپ چىقىپ ، كۆپباشلىق پاختىنى شەكىللەندۈردۇ.

باشسىز كېۋەز

كۆپباشلىق پاختا
2- كېۋەز تىرىپسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى
1 . ئۇرۇقنى دورىلاش ، بۇ خىل ئۇسۇل ئاددىي ئۈنۈملۈك.
2 . مايسا % 50 چىققاندىن كېيىن ، توغرا قىر ، ئېتىز بېشى , ئېرىق بويى قاتارلىقنوقتىلارغا دورا چېچىپ ئالدىنى ئېلىش كېرەك .
3. پات - پات بېرىپ كېۋەزلەرنى كۆزىتىش ، 4-ئاينىڭ ئاخىرى 5- ئاينىڭ باشلىرىدا ، مايسا مەزگىلىدە بايقالغان باشسىز پاختا ( باشسىزتۈپ نىسبىتى % 3 )بولسا ، 2000 ھەسسىلەنگەن % 25 لىك بىچۇڭلىن پاراشوك دورىسىنى ياكى 2500 ھەسسىلەنگەن % 5 دىڭچوڭمىنىڭ پاراشوكىنى تاللاپ پۈركۈش كېرەك .
4 . زىيانغا ئۇچىراش بىر قەدەر ئېغىر بولغان يەرلەرنى چاتىغاندىن كېيىن كۇلتىۋاتسىيە قىلىپ ئوت يوقىتىش، كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشاراتلارنى ۋاقتىدا ئالدىنى باشقا پۈركۈپ بېرىلىدىغانئوغۇتلارنى 2 - 3 قېتىم ئىشلىتىش، ياكى 5 ~ 7 كۈن بۇرۇن سوغىرىش، ھەر مۇ يەرگە kg3 ئورىيانى تېمىتىپ بېرىپ، جانسسىز ئۇششاق شاخلارنىڭتېز ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.
دېھقانچىلىق دورىسىنىئىشلەتكەندە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار :
1. دورا چوقۇم « ئۈچ گۇۋاھنامە»، يەنى دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ، دېھقانچىلىق دورىلىرى ئۆلچىمىۋە دېھقانچىلىق دورىسى تىزىملاش گۇۋاھنامىسى . بولىشى كېرەك.


2. دېھقانچىلىق دورىلىرىغا بەلگە قويۇپ « پاختا »غا ئىشلىتىلدۇ دەپ ئەسكەرتىپقويۇشى كېرەك .
3 . دېھقانچىلىق دورىسى چېچىشتىن بۇرۇن ، كىيىم ۋە ئىشتان كىيىۋېلىش ۋەماسكا تاقاش كېرەك ، پۈركۈپ بولغاندىن كېيىن دەرھال كىيىم _ كېچىكى يەڭگۈشلەش ، ھەمدەئالماشتۇرغان كىيىمنى سوپۇن بىلەن يۇيۇش كېرەك ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قول يۇيۇش، يـۈز يـۇيۇش , شارائىت بولسا ئەڭ ياخشىسى مۇنچىغا چۈشۈپ ، دېھقانچىلىق دورىسىنىڭبىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىش كېرەك .
4. ئىشلىتىپ بولغان دېھقانچىلىق دورىسى قۇتىلىرى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش، مەركەزلەشتۈرۈپ كۆمۈش ياكى ئوت بىلەن كۆيدۈرۋېتىش لازىم.

