4- ئاينىڭ 14كۈنى كورلا ، لوپنۇر ناھىيىسى قاتارلىق رايونلاردا قاتتىق يامغۇريېغىپ كەتتى ، بۇ تېرىلىپ بولغان كېۋەزلەرگە زور تەسىر كۆرسەتكەن ، نۇرغۇندېھقانلار دەرھال ئادەم كۈچى ئارقىلىق توپىنى بوشىتىشتى ، مايسا ۋە ئورۇقنى تولۇقلاپتېرىشتى ، بەزى يەرلەرنى بولسا بىۋاستە قايتا تېرىش كېرەك . بۇ كەڭ پاختىكارلارغازور ئەمگەك سېلىنمىسى ۋە ئىقتىسادىي زىيان ئېلىپ كەلدى .
بۇ خىل زىياننىڭ يۈز بېرىشى ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ئازايتىش ئامالى بارمۇ ؟

كاڭتېنەي شىركىتى 3 - ئايدىكى 1 - قارارلىق دېھقانلارنى تەربىيەلەش ۋاقىتتا ، قوش يوپۇقيېپىش تېخنىكىسىنى تىلغا ئالغان . قوش يوپۇق يېپىش : يوپۇق – تۆشۈك تېشىش - تېرىش- قايتا يوپۇق يېپىش ، مايسا ئۆنۈش شارائىتىغا يەتكەن ( ئۈنۈش نىسبىتى %60 — % 70) دە ئۈستىدىكى بىر قەۋەت يوپۇقئېلىۋىتىلدۇ . نۆۋەتتە لوپنۇر ناھىيىسى پاختىكارلار كەڭ كۆلەملىك قوللانغىنى يالاڭيوپۇقنىڭ ، يەنى يوپۇق - تۆشۈك تېشىش- تېرىش - توپا ، لېكىن بوران چىقىپ ، يامغۇرقاتارلىق ھاۋايىدا پاختا ئۈنۈش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ ، ھەتتا ئۇرۇق ۋەمايسا ئۈنۈپ چىقالماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
قوش قەۋەت يوپۇقنىڭ ئەۋزەللىكى :
1.تېرىش ۋاقتى مۇۋاپىق بۇرۇن بولۇش،بىڭتۇەن 2- شىسى قوش يوپۇق يېپىپ تېرىش ئادەتتە3-ئاينىڭ28-كۈنىدىن4-ئاينىڭ 5- كۈنىگىچە تېرىلىپ بولىدۇ.
2. «قوش يوپۇقنىڭ ئىسسىقلىق ساقلاش » ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ ، 5 سانتىمىتىرچوڭقۇرلۇقتىكى تۇپراق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى يالاڭ يوپۇققا قارغاندا 1-2تېمپىراتۇرا يوقىرى ، ئەتىيازدا ھاۋانىڭ ئۆزگىرشىنى ، باھاردىكى سوغۇق ھاۋاتەسىرىدىن كېۋەز ئالا چىقىپ قېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىدۇ.
3.خەتەرگە تاقابىل تۇرۇشچانلىقى كۈچلۈك. قوشيوپۇق يېپىش تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق، يامغۇرلۇق، بورانلىق، قىرو ئۈششۈكى،شورلىشىش قاتارلىقلارغا زوردەرىجىدە تاقابىل تۇرۇپ، زىيانلىق ئامىللارنىڭ كېۋەز مايسىسىنىڭ ئۈنۈپ چىقىشىغا ،ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىشىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈردۇ؛
4. كېۋەزنىڭ يىلتىزى چېرىش كېسىلى ۋە تىك قۇرۇش كېسىلى پەيدا بولۇش نىسبىتى ئازلىتىدۇ، مايسىلىرىنىڭ تۇلۇق،تەكشى،ساغلام بولۇشغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ ;
5 ، قوش يوپۇقنىڭ مەھسۇلات ئاشۇرۇش ئۈنۈمى بار ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. تولۇقلاپ تېرىش ياكى تەكرار تېرىش ، پەقەت تەننەرخىنى يوقۇرىلىتىپلا قالماستىن ،ئۇنىڭدىن باشقا مەھسۇلات مىقدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ناھايىتى قىيىن .
تەننەرخ سېلىشتۇرمىسى :
1. قوش قات يوپۇق ياپقاندا يالاڭ قاتيوپۇق ياپقانغا قارغاندا ئادەتتە ھەر مو تېرىشھەققى 5 يۈەن ، سۇلياۋ يوپۇق ھەققى 50 يۈەن كۆپ ، جەمئىي ھەر مو يەرنىڭ چىقىمى 55يۈەن كۆپ .
2. تولۇقلاپ تېرىش ھەتتا قايتا تېرىش ،ئۇرۇق ، تېمىتىپ سۇغىرىش تاسمىسى، سۇلياۋ يوپۇق ۋە تېرىش تەننەرخىنى ھېسابلىغاندا تەخمىنەن ھەر مو يەر 50 -310 يۈەن (ئادەم كۈچىتەننەرخىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ ) .
بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى , قوش قات يوپۇق ياپقاندا ، گەرچە ئالدىنقىباسقۇچلۇق تەننەرخ ئېشىپ كەتسىمۇ ، ھەمدە بەلگىلىك تېخنىكا تەلەپ قىلسىمۇ، لېكىنئۇنىڭ خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ۋە مەھسۇلات ئاشۇرۇش ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى . بىڭتۈەنىڭقوش يوپۇق تېخنىكىسى خېلىلا پىشىپ يېتىلگەن ھەمدە كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلۋاتىدۇ ،ھەرقايسى پاختىكارلارنىڭ كىلەر يىللىق تېرىقچىلىققا قوش يوپۇق تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ، خەۋپ - خەتەرنى ئازايتىپ، كىرىمنى كۆپەيتىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز

