مۇنداق بىر يۇمۇرنى ئاڭلىغان بولۇشىڭىز مۈمكىن
قەدىمدە ئىككى ئادەم كىچىك بىر مەسىلىنى تالىشىپ ئۇرۇشۇپكىتىدۇ.
مەسىلە 8گە3نى كۆپەيتسە قانچە مەسىلىسى، بىرسى 24دېسەيەنە 21 دەپ تالىشىپ ئۇرۇشۇپ كېتىدۇ. ئاخىردا يامۇلغا بىرىپ ماسىلىنى ئايرىماقچى بولىشىدۇ، يامۇل بىگى 21دېگەن كىشىنى قويىۋىتىپ 24دېگەن كىشىنى 20دەررە ئۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ.
تاياقتىن كىيىن ئۇ كىشى ئەلەمگە چىدىماي يامۇل بىگىدىن سورايدۇ، مېنىڭ توغرا تۇرسا مەن نېمىشقا تاياق يەيمەن دەپ، يامۇل بىگى سېنىڭ تاياق يىيىشىڭ 8گە 3نى كۆپەيتەلمەيدىغان نادان بىرى بىلەن گەپ تالاشقىنىڭ ئۈچۈندۇردەيدۇ.
تۇرمۇشتا بىز دائىم 20دەررە يىگەن شۇ كىشىدەك ئىشلارغا دۈچ كىلىمىز، ناھايتى تايىنى يوق ئىش ۋە نادان كىشىلەر بىلەن تالىشىپ باقىمىز.
دۇنياغا داڭلىق فېستىنىر قائىدىسىدە دۇنيادىكى 90%مەسىلىنى ئادەم ھەل قىلالايدۇ ياكى ئالدىنى ئالالايدۇ، قالغان 10%مەسىلىگە ئامال يوق دېگەن.
فېستىنىر مۇنداق بىر مىسال ئالىدۇ، بىر كىشى ئەتتىگەن ئورنىدىن تۇرۇپ يۈز يۇيىدىغاندا قول سائىتىنى سۇخانىدا قويۇپ قويىدۇ ئايالى بۇنى كۆرۈپ سائەتكە سۇ كىرىپ كەتمىسۇن دەپ تاماق ئۈستىلىنى ئۈستىگە قويۇپ قويىدۇ، ئوغلى بولكىنى ئالغاندا ئىھتىياتسىزلىقتىن سائەت يەرگە چۈشۈپ چىقىلىپ كىتىدۇ.
ئەرنىڭ قىممەت پۇللۇق سائەتكە ئىچى ئاغرىپ ئايالىنى ۋە بالىسىنى تازا تىللايدۇ. جىدەل بارغانسىرى چوڭىيىپ ئاخىردا ئەر ئىشىكنى قاتتىق ياپقىنىچە ئىشقا كىتىدۇ.
ئەر ئىشخانىغا باراي دېگەندە خىزمەت سومكىسىنى ئۇنتۇپقالغىنىنى ھىس قىلىپ كەينىگە قايتىپ كىلىپ سومكىنى ئالماقچى بولىدۇ لېكىن ئايالى ئىشقا، ئوغلى مەكتەپكە كەتكەن، ئۇنىڭ ئاچقۇچى ئۆيدە قالغان ئىدى.
ئۇ ئايالىغا تېلفۇن قىلىپ چاقىرىدۇ، ئايالى ئالدىراش كەلگۈچە يولدا يەنە بىر مىۋە ساتىدىغان كىشىنىڭ ھارۋىسىنى سوقۇپ قويۇپ بىر مۇنچە پۇل تۆلەيدۇ. ئەر-ئايال ئىككىلىسى ئىشقا كىچىكىپ تەنقىد ئاڭلايدۇ.
كەيپىياتنىڭ ناچار بولشى بىلەن ئەر ئىشتىن چۈشۈشكە يېقىن تېخى خىزمەتدىشى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالىدۇ.
بۇ كۈن ئوغلىنىڭ مەكتەپتە ئىمتىھانى بار بولۇپ كەيپىيات ناچار بالا ئىمتىھاننىمۇ ياخشى بىرەلمەيدۇ.
بۇ يەردە سائەتنىڭ چېقىلىشى دەل ئادەم كونترول قىلغىلى بولمايدىغان 10% مەسىلە دائىرىسىدە.
قالغان ئىشلار بولسا ئادەم كونترول قىلغىلى ۋە ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان 90%مەسىلىنىڭ ئىچىدە.
ئەمەليەتتە تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئاۋارىچىلىق ۋە كۆڭۈلسىزلىكلەردىن ساقلانغىلى بولىدۇ. سىز قانچە ئۇششاق ئىشلارغا ئېسىلىپ ئاۋارەبولغانسىرى ئىش تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ تېخىمۇ ناچار بولۇپ كېتىدۇ.
يىجىوتيەن ئەپەندىم ھاياتىڭىزغا خاتا يولغا مېڭىپ قالغان بولسىڭىز توختىۋالغىنىڭىزنىڭ ئۆزى ئىلگىرلەش دېگەن.
تۇرمۇشىڭىزدا ياخشى بولمىغان ئىشلار يۈز بەرگەن بولسائۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى ئىزدىسىڭىز بولىدۇ لېكىن شۇ ئىش سەۋەبلىك ناچاركەيپىياتتا ئىش قىلسىڭىز ئىشىڭىز تېخىمۇ ناچار بولۇپ كىتىدۇ.
تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن ئىشلاردا 8نى 3كە كۆپەيتىپ 21قىلىدىغانلار بىلەن تالىشىپ ئىشىڭىزنى، كەيپىياتىڭىزنى ناچار قىلامسىز ياكى ئۇششاقئىشلار، پەس ئادەملەر بىلەن ئېتىشماي ئۆزىڭىزگە ئەھمىيەتلىك ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنامسىز، تاللاش ھوقۇقى ئەلۋەتتە سىزنىڭ قولىڭىزدا.

