大数跨境

مۇۋاپىقىيەتلىك ھاياتنىڭ سىرى نەدە؟

مۇۋاپىقىيەتلىك ھاياتنىڭ سىرى نەدە؟ 瑞乐Real
2020-02-12
1
导读:سىز گرەنت تەتقىقاتى ئاڭلاپ باققانمۇ؟ئىنسانىيەت تارىخىد

سىز گرەنت تەتقىقاتى ئاڭلاپ باققانمۇ؟

ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلىنغان تەتقىقات.

خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتى بۇ تەجىربىگە 75يىل ۋاقىت سەرپ قىلغان.

تەجىربە تېمىسى بولسا قانداق قىلىپ ھاياتىمىزنى غەلبىلىك تاماملاش!

1938-يىلى خارۋاد ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پرافىسورى ئالايى بوك پرافىسورنىڭ ئوتتۇرغا قويۇشى بىلەن بۇ تەجىربە تەتقىقاتى باشلانغان.

بەزى كىشىلەر ھاياتلىقتا خىزمەت، تۇرمۇش ئىشلىرىمۇۋاپىقىيەتلىك بولىدۇ، سالامەتلىكىمۇ ياخشى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ.

يەنە بەزى كىشىلەر بولسا ئەكىسىچە، خىزمەت، تۇرمۇش ئىشلىرىدامەغلۇپ بولىدۇ، سالامەتلىكىدىن مەسىلە چىقىپ بالدۇرلار دۇنيادىن كىتىپ قالىدۇ.بۇنىڭ سەۋەبى نەدە؟ ئەلۋەتتە بۇ يەردىكى ھاياتلىقنى مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملاشنىڭ شەرتى بولسا، بىر ئۆمۈر ئۆز كەسپىدە، تۇرمۇشىدا ياخشى نەتىجىگە ئىرىشىش ھەم قېرىغاندىمۇ تېنى ساغلام، ئىقتىسادى كىرىمى، كىشىلىك ئالاقە مۇناسىۋىتى ياخشى بولۇش قاتارلىقلار...

تەجىربە مۇنداق باشلىنىدۇ:

بىر تۈركۈم بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ كۆزىتىپ،ئۇلارنىڭ بالىلىق، ياشلىق، ئوتتۇرا ياشلىق، قېرىغاندىكى ۋاقىتلىرى كۆزىتىلىدۇ...تەجىربە 78 يىل داۋام قىلىدۇ، 724كىشى تەجىربە ئوبىكتى بولىدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدەخارۋرارد ئۇنۋېرسىتىتنىڭ ئىقتىساسلىق ئوقۇغۇچىلىرى بار، بوستون رايۇنىدىكى نامراتلار مەھەللىسىدىكى بارلىلارمۇ بار، تەجىربىگە  20مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق پۇل سەرپ بولىدۇ...

بۇ تەجىربە جەريانىدا توپلانغان سان-سىفىرلار تولۇق خاتىرلىنىپ ماڭىدۇ، بەزى كىشىلەر خىزمەتتە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرايدۇ، بەزىلىرىتۇرمۇشتا، بەزىلىرى ئوڭۇشسىزلىقتىن كېيىنلا تۈگىشىپ كىتىدۇ، يەنە بەزىلىرى بولسا تېخىمۇ كۈچلىنىپ قايتىدىن باشلايدۇ، بەزى كىشىلەر ئۈزلۈكسىز غەلبە قازىنىدۇ،بەزىلىرى مەغلۇب بولىۋېرىدۇ... بەزى كىشىلەر ساغلام قېرىيدۇ، بەزىلىرى بولسا ياش تۇرۇپلا ئۆلۈپ كىتىدۇ...

75يىل داۋاملاشقان بۇ تەجىربە ۋە نەچچە مىڭلىغان بەتلىك سان سېفېرلار، 20مىليون دوللار مەبلەغ سېلىنغان بۇ تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسى قانداق بولىدىغاندۇ؟

2015-يىلى نۇرغۇن ئادەملەر كۆز تىككەن، تەقەززا بولغان بۇ تەجىربە تەتقىقاتىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

 خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ بۇ تۈرگە مەسئۇل پرافىسورى روبېرت ۋولدىنىر «ياخشى بولغان كىشىلىك مۇناسىۋەت ھاياتلىقنىڭ مۇۋاپىقەتلىك بولۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ ھەم ئادەمنى تېخىمۇساغلام خۇشال قىلىدۇ» دەپ تەجىربە تەتقىقات خىزمىتىنى خۇلاسىلىدى...

نەتىجە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن نۇرغۇن ئادەم كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ تۇرۇپ قالدى، سۈكۈتكە چۆكتى ... ئەجىبا شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت، زىھىن، پۇلسەرپ قىلىنغان تەجىربىنىڭ نەتىجىسى مۇشۇ بىر جۈملە بىلەن خۇلاسىلەندىمۇ؟ مۇشۇنچىلىك ئاددىيمۇ؟

ۋولدىنىر پرافىسور سوزىنى داۋام قىلىپ مۇنداق دېدى:«كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ مۇھىم يىرى سان ئەمەس بەلكى سۈپەت، مۇھەببەت ۋە ئىللىقلىقبىر ئادەمنىڭ تاقابىل تۇرۇش كۈچىنى يۇقۇرى كۆتۈرىدۇ، مۇھەببەت ئىچىدە تۇرغان ئادەم قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ئۆزىگە ئۆزى تەسەللىي بىرىپ ئۆتكۈزۋېتەلەيدۇ،دوستلىرىبىلەن تەر چىققۇچە ھەرىكەت قىلىدۇ ياكى كۆڭۈللۈك پائالىيەتلەر بىلەن ھەم ئائىلىسىۋە دوستلىرىنىڭ مەدەت بىرىشى، كۆيۈنىشى ئاستىدا قىيىن كۈنلەرنى ئۇنتۇيدۇ...

ئەكىسچە مۇھەببەت كەمچىل، يالغۇزلۇقنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم بولسا قىيىن كۈنلەردە ئۆزى يالغۇر ھەممىگە تاقابىل تۇرۇپ بولالماي ھاراق ئىچىدۇ، تاماكا چىكىدۇ، ھەددىدىن زىيادە كۆپ يىمەكلىك يەيدۇ دېگەندەك ئۆزى يالغۇزيارىسىنى داۋالىماقچى بولىدۇ، بۇ بولسا دەل بالدۇر ئۆلۈشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى...

ئەڭ ئاخىردا ۋولدىنىر پرافىسور ماك تۋەيننىڭ مۇنداق بىرسۆزى بىلەن نۇتۇقنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ:

ۋاقىت ئۆتىۋېرىدۇ، ھاياتلىق تولېمۇ قىسقا...

ۋاقتىڭىزنى ئۇرۇش-تالاش، ئەپۇ سوراش، خاپىلىق ۋە ئەيپلەشلەرگە ئىسراپ قىلماڭ...

ۋاقتىڭىزنى سۆيۈشكە ئىشلىتىڭ. ئازراق بولسىمۇ، بىر دەم بولسىمۇ ...

 

 


【声明】内容源于网络
0
0
瑞乐Real
内容 0
粉丝 0
瑞乐Real
总阅读0
粉丝0
内容0