
تويتىياۋ تورى تەرجىمىسى:
شۇ يەر ۋاقتى 18-مارت، نورۋېگىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نورۋېگىيە باش ۋەزىرى سولبېرگ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر 2-ئايدا گىلودا دەم ئېلىشتا يۇقۇم ئەھۋالىنى باشقۇرۇش-كونترول قىلىش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغان، باش ۋەزىر ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر سولبېرگنىڭ 60 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، ئۇدا ئىككى ئاخشام جەم بولغان، بىللە تاماق يەۋاتقانلار ئوندىن ئاشقان.
« مەن ھەر كۈنى نورۋېگىيە خەلقىگە يۇقۇم ئەھۋالىنى باشقۇرۇش، كونترول قىلىش قائىدىسىنى سۆزلەپ بېرىمەن. لېكىن ئەمەلىيەت شۇكى، مەن تېخى قائىدىگە قارىتا يېتەرلىك تەپسىلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارمىدىم، شۇڭا بىر ئائىلە كىشىلىرى بولۇپ، ئون ئادەمدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلمىدىم، بۇ توغرا ئەمەس. مېنىڭ پەقەت بۇنىڭ ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىغۇم بار.» سولبېرگ شۇنىڭدىن كېيىن ئاۋامدىن كەچۈرۈم سورىدى. نورۋىگىيەنىڭ يۇقۇمنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىدە، شەخسى يىغىلىشتا ئەڭ كۆپ بولغاندا 10 ئادەم بولۇش بەلگىلەنگەن. 