大数跨境

تەنتەربىيە ساھاسىدىكى ئەڭ يۇقىرى مۇئاش

تەنتەربىيە ساھاسىدىكى ئەڭ يۇقىرى مۇئاش EMINBIZ
2021-04-04
0


بۇ مەزمۇن قانۇن ياردەمچىسى سالونىدىن ئېلىندى

ئىسپانىيە « دۇنيا گېزىتى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، مېسسى 2017-يىلى 11-ئايدا بارسېلونا بىلەن ئىمزالىغان توختامغا ئاساسەن، ئارگېنتىنالىق بۇ چولپان تۆت يىل ئىچىدە بۇ غايەت زور كىرىمگە ئېرىشكەن، ئۇنىڭ بۇ توختامى دۇنيا تەنتەربىيە تارىخىدىكى« ئەڭ قىممەت توختام» غا ئايلانغان.

بۇ 500مىليون ياۋرو، بېيجىڭ گېزىتى ئابونتلار تېرمىنالى مۇخبىرىنىڭ تەكشۈرۈپ بايقىشىچە، ئەڭ يېڭى پېرېۋوت نىسبىتىگە ئاساسلانغاندا، بۇ پۇل تەخمىنەن 4مىليارد 330مىليون يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ ئىكەن.

31-يانۋار« دۇنيا گېزىتى» نىڭ باش بېتىگە بېسىلغان بۇ تەكشۈرۈش ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: مېسسى بىلەن بارسېلونا كۇلۇبى 2017-يىلى 25-نويابىر ھەر بىر مۇسابىقە پەسلىدە ئومۇمىي كىرىمى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 138 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغان تۇراقسىز توختام ئىمزالىدى، بۇ توختام 2021-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە توشىدۇ. خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ توختام ئىككى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، بىرى توختام ئۇزارتىش مۇكاپاتى بولۇپ، قىممىتى 115225 مىڭ ياۋرو ئىكەن، بۇ پۇل توختام ئىمزالانغاندىن كېيىن مېسسىغا تۆلەپ بولۇنغان. يەنە بىرى بولسا ساداقەت مۇكاپاتى بولۇپ، ئومۇمىي سوممىسى 77929000 ياۋرو، بۇ مۇكاپات پۇلنى مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق مېسسىغا بېرىدىكەن. « دۇنيا گېزىتى» نىڭ كۆرسىتىشىچە، مېسسىنىڭ تۆت يىللىق باجدىن بۇرۇنقى ئومۇمىي كىرىمى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 555237619 ياۋروغا يېتىدىكەن، بۇ مۇقىم كىرىم، سۈرەت ھوقۇقى كىرىمى، ئاشكارىلانمىغان بىر قاتار مۇكاپات پۇلى ماددىلىرى، ياردەم پۇلى، لەيلىمە مۇكاپات، توختام ئۇزارتىش مۇكاپاتى ۋە ساداقەتمەنلىك مۇكاپاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. مېسسىنىڭ تولۇق سوممىلىق لەيلىمە مۇكاپاتنى ئېلىش ئالالماسلىقى، ئۇنىڭ شەخسىي سانلىق مەلۇماتى، شەخسىي مۇكاپات تۈرى ۋە بارسېلونانىڭ نەتىجىسى قاتارلىقلارغا باغلىق. « دۇنيا گېزىتى» مۇنداق دەپ يازدى: « گەرچە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بارسېلونا كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولمىسىمۇ، بولۇپمۇ چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە نەتىجىسى ناچار بولسىمۇ، لېكىن مېسسى ئاللىقاچان توختامدىكى% 92 مائاشنى ئالدى. » دېدى.

كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بۇ رەقەم  ۋە« ئېقىم مىقدارى چولپىنى» بولغان بۇ« ئۆتكۈر ماتېرىيال» بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى كەچتە تۇيۇقسىز ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، دەرھال ھەرقايسى چوڭ تاراتقۇلارنىڭ تەنتەربىيە ئاخبارات بۆلىكىدە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىدى ھەم ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا توپ مەستانىلىرىنىڭ سۆز تېمىسىغا ئايلاندى −« ئوتتۇرىچە ھېسابلىغاندا، مېسسىنىڭ كۈنلۈك مائاشى بېيجىڭدىن بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋالالايدۇ! » « مېسسى تارىختىكى ئەڭ ياخشى» ،« ئۇ بۇ مائاشقا لايىق. » « مېسسىنىڭ غايەت زور ئىش ھەققىنى بارسىلوناغا ئارتىپ قويدى، ئۇ بارسېلونانى« ۋەيران قىلدى» » « مېسسى بەك ئاچكۆز ئىكەن! » « بۇنداق بولغاندا ئىپادىسى قانچە پۇلغا يارايدۇ؟ » دىيىشتى.

مېسسى ئىلگىرى ئالتە قېتىم« ئالتۇن توپ مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن.

بۇ مۇلاھىزىلەر ئاشكارىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مېسسى ۋە بارسېلونا تەرەپ« دۇنيا گېزىتى» نى ئەرز قىلىدىغانلىقىنى، بۇ خەۋەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان زىياننى سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى. ئىسپانىيە« ماركا گېزىتى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، « دۇنيا گېزىتى» دىن باشقا، مېسسى يەنە بەش نەپەر توختام ئەھۋالىنى كىشىلەر ئۈستىدىن ئەرز قىلىدىكەن. ئىسپانىيە« Esport3» تور بېكىتىنىڭ مېسسىنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ دېيىشىچە، ئارگېنتىنا پۇتبول چولپىنى بۇ ئىشتىن ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەنگەن، ئۇ بۇ قېتىمقى خەۋەرنى ئاشكارىلىغان ئادەمنىڭ بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ ئىچكى قىسمىدىن كەلگەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن.

بىراق، مەيلى بارسېلونا ياكى مېسسى بولسۇن، ھەممىسى« دۇنيا گېزىتى» نىڭ ئاشكارىلىشىنىڭ راسلىقىنى بىۋاسىتە ئىنكار قىلمىدى، بۇ مەلۇم دەرىجىدە شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، بەلكىم دۇنيا تەنتەربىيە تارىخىدىكى بۇ ئەڭ قىممەتلىك توختام ھەقىقىي مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن.


【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 0
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读0
粉丝0
内容0