大数跨境

چامغۇر شەربىتى ياساشنى ئۈگۈنۋېلىڭ

چامغۇر شەربىتى ياساشنى ئۈگۈنۋېلىڭ EMINBIZ
2021-10-16
1





چامغۇر شەربىتى ياساش ئۇسۇلى:

ماتىريالى:

چامغۇر 1 كىلوگىرام.

بادام مېغىزى 50 گىرام.

شېكەر 450 گىرام.

خەشخاش 20 گىرام.

چۈچۈكبۇيا يىلتىزى 20 گىرام.

مەرزەنجۇش 20 گىرام.


تەييارلاش ئۇسۇلى:

چامغۇرنى پاكىز يۇيۇپ توغراپ، قالغان دورىلارنى چالا سوقۇپ، بادام مېغىزىدىن باشقا دورىلارنى ئۈچ لىتىر سۇغا سېلىپ قاينىتىپ، يېرىمى قالغاندا تىرپىلىرنى سۈزىۋىتىپ، سۈيىگە شېكەر قۇشۇپ قىيام قىلىپ، ئۈستىگە بادام مېغىزىنى قۇشۇپ تەييارلىنىدۇ.

تەبىئىيتى: قۇرۇق ئىسسىق

خۇسۇسىيتى:

كاناي ۋە ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەش، بەلغەم بوشىتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، يۆتەل پەسەيتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، ھاسىراشنى توختىتىش.

ئىشلىتىلدىغان كېسەللىكلەر:


ئۆپكە توبېركۇليۇزى، ئۆپكە ياللۇغى، كاناي ياللۇغى، زىققە كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:

كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن ئىستىمال قىلىدۇ. 


【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 0
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读0
粉丝0
内容0