大数跨境

ھوللىۋودتىكى مەخپىيەتلىك، شارۇلخاننىڭ سىرلىق ھاياتى

ھوللىۋودتىكى مەخپىيەتلىك، شارۇلخاننىڭ سىرلىق ھاياتى EMINBIZ
2020-12-06
1



ھىندىستان چولپانلىرىدىن كىم بىزگە بالىلىق چاغلىرىمىزنى ئەسلىتىدۇ دېيىلسە سىز كىمنى تىلغا ئالىسىز؟
ئەلۋەتتە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئاشۋارىيا، كاجول، شاھرۇھخان، ئانۇشكا،سالماڭخان....قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىشى مۇمكىن.

ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھازىرقى زاماندىكى داڭلىق ھىندىستان چولپانلىرى، شۇنداقلا ھىندىستان كىنوچىلىقىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك شەخسلەر.
بۈگۈن بىز شۇ بالىلىقىمىزغا ئەسلىمە بولغان ئاشۇ شاھروھخاننىڭ ھاياتى توغۇرلۇق سۆزلەپ ئۆتەيلى

ئۇ سەنئەت ساھەسىگە قەدەم باسقان 30 نەچچە يىلدا، بوللىۋود فىلىمىدىن 80 نەچچىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ھىندىستاننىڭ 14 تۈرلۈك ئوسكار مۇكاپاتى ۋە دۆلەت ھۆكۈمىتى تارقاتقان نىلوپەر ئوردېنىغا ئېرىشىپلا قالماي، يەنە 2010-يىلى ئامېرىكىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق« دەۋر» ژۇرنىلى تەرىپىدىن« دۇنيادىكى تەسىر كۈچى ئەڭ زور كىشى» دەپ باھالىنىپ، « 13-ئورۇنغا ئۆتتى.
 
بۇلتۇر 53 ياشلىق ئۇ بىر سەكرەپلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان خەلقئارالىق چولپانغا ئايلاندى، بىرىنچى بولغىنى ئامېرىكىلىق ئارتىس جىن كارداشىيان(ئۆسەك سۆزلىرى ئەڭ كۆپ ئايال دىگەن نامى بار)

شاھرۇھ خاننى ھىندىستان كىنو ساھەسىدىكى ئىسمى جىسمىغا لايىق« بوللىۋود پادىشاھى» دېيىشكە بولىدۇ.
1965-يىلى شاھرۇھ خان يېڭى دېھلىدا دۇنياغا كەلگەن. دادىسى  بەستلىك، مۇلايىم ۋە بىلىملىك كىشى ئىدى. ئۇ ئالتە دۆلەت تىلىنى پىششىق بىلىپلا قالماستىن، يەنە ئەدەبىيات ماگىستىرى ۋە قانۇن باكلاۋۇرى قاتارلىق قوش ئۇنۋانغا ئىگە ئىدى.
 


ئانىسى ھىندىستاندىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى ئالىي مائارىپ تەربىيىسى ئالغان ئايال بولۇپ، يالې ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. شاھرۇھ خاننىڭ يەنە ئۆزىدىن ئالتە ياش چوڭ بىر ئاچىسى بار بولۇپ، پىسخولوگىيە ماگىستىرى ئىدى، ئۇ ئىلگىرى ھىندىستان دۆلەت ئاتىسى گەندىنىڭ خاتىرە سارىيىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن.
ياشلىق مەزگىلىدە، شاھرۇھ خان ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقتىدا قىلىچۋازلىق ۋە تىياتىرغا مەپتۇن بولۇپ قالغان ھەمدە قىلىچۋازلىقنى ئۆزىنىڭ ئارزۇسى دەپ قاراپ، 15 ياشقا كىرگەن يىلى قىلىچۋازلىقنىڭ ئومۇمىي چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.
بۇ ئەسلىدە بىر كۆڭۈللۈك ئائىلە بولۇشى كېرەك ئىدى، لېكىن بەختكە قارشى كەينى-كەينىدىن يېتىپ كەلدى.


ئۇزاق ئۆتمەي، تۈۋرۈكنىڭ تۈۋرۈكى بولغان دادىسىنىڭ راك كېسىلى بارلىقى تەكشۈرۈپ چىقىلدى. دادىسى بىلەن شاھرۇھ خان ۋە ئاچىسىنىڭ بارلىق چىقىمى ئانىسىغا يۈكلەندى. 
16 ياشقا كىرگەن يىلى بىر كۈنى كېچىسى، دادىسى ئاخىرى راك كېسىلى ئالدىدا يىقىلدى. شۇ كۈنى كەچتىن باشلاپ، شاھرۇھ خان بىر كېچىدىلا چوڭ بولغاندەك قىلاتتى.
 
ئۇ ئاشۇ تۇتامى يوق« ئارزۇ» لەرنى خىيال قىلمايدىغان بولدى، ئۇ ئۆزى ئىزچىل ياخشى كۆرۈپ كېلىۋاتقان قىلىچۋازلىق ھەرىكىتى ۋە تىياتىر ئويۇنىدىن ۋاز كېچىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىتاب ئوقۇدى ۋە خىزمەت قىلدى، بۇ ئارقىلىق ئانىسىنىڭ تۇرمۇش بېسىمىنى يېنىكلەتتى.
 
شاھرۇھ خان Hansraj College قا قوبۇل قىلىنىپ، ئىقتىساد ئىلمى بويىچە باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان. لېكىن، يەنە شۇ يىلى راك كېسىلى بۇ ئائىلىگە يەنە قەدەم تەشرىپ قىلدى.
شاھرۇھ خان پەقەت ئاچىسى بىلەنلا قالدى.
 ھاياتنىڭ ئەگرى توقايلىقى، شاھرۇھ خانغا كىشىلىك ھاياتنىڭ« دەل ۋاقتىدا كۆڭۈل ئېچىش» نىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندۈردى. شۇڭا ئۇ بۇ يىلى ئاممىۋى تارقىتىش ۋاستىلىرىنىڭ ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى داۋاملىق ئۆگىنىشتىن ۋاز كېچىپ، قەتئىيلىك بىلەن بوللىۋودقا يۆتكىلىپ سەنئەت ھاياتىنى باشلىغان.  

لېكىن، ھىندىستان ئەسلىدە دەرىجە تۈزۈمى قاتتىق بولغان دۆلەت ئىدى. بولۇپمۇ ئابرۇي ۋە پۇل بوللىۋودتا جەمەت مونوپولىيە ھادىسىسى تېخىمۇ ئېغىر بولغان. ھىندىستاندا مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئارتىسلار ئەمەلىيەتتە N -جەمەتىنىڭ دەۋرىگە تەۋە. ئائىلە ئەھۋالى ئادەتتىكىچە بولغان ئارتىسلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھېچقانداق قەد كۆتۈرۈش پۇرسىتى بولمايدۇ.
لىكىن 27 ياشلىق شاھرۇھ خان ھىندىستان تارىخىدىكى بىر مۆجىزە بولۇپ قالدى.
2
80-يىللارنىڭ ئاخىرىدىكى ھىندىستان كىنو سەھنىسىدىكى ئاساسلىق ئېقىملار ئەزىمەت، ھەققانىيەتچىلەر ئارىسىدىكى كۈچ سىنىشىش ۋە ئاشۇ خىل قۇچاقلاشما ئېلىشىش بولۇپ، بۇ مەزگىلدىكى ۋەكىللىك شەخسلەر ئامىت باچاڭلار ئىدى.
بەلكىم ئەينى چاغدىكى ھىندىستان تاماشىبىنلىرى بۇ خىل فىلىمگە نىسبەتەن گۈزەللىكتىن زوقلىنىپ چارچىغان بولۇشى مۇمكىن.
ئەمما بۇ يىلى كۆپ يىل ھەپىلەشكەن شاھرۇھ خان تۇنجى كىنوسى« ئەسەبىيلىك» نى قوبۇل قىلدى، فىلىمدە شاھرۇھ خان سىپايە، بىلىملىك، رومانتىك ياش بولغاچقا، قوشۇمچە رول ئالغان بولسىمۇ، كىشىنىڭ كۆزىنى چاقنىتىپ، بىردىنلا داڭ چىقارغان.

ھەمدە Filmfare ئەڭ ياخشى يىللىق يېڭى شەخس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
 1995-يىلى، شاھرۇھ خان كاجول بىلەن بىرلىكتە مۇھەببەت كومېدىيەسى 勇夺芳心 فىلىمىدە رول ئالغان. بۇ ئەركىن مۇھەببەتنى مەدھىيەلەش ھەم ئەنئەنىۋى قىممەت قارىشىغا تەڭ ئېتىبار بېرىش ئارقىلىق كىنو فىلىم ساھەسىنى زىلزىلگە كەلتۈرگەن.
 
ئەينى يىلى بۇ فىلىم پۈتۈن دۇنيادىكى 1 مىليارد رۇپىيە بېلەت كىرىمى يارىتىپلا قالماي، يەنە ئۇدا قويۇلۇش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن كىنو دۇنيا رېكورتىنى يارىتىپ، ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ كىلاسسىك ھىندىستان مۇھەببەت فىلىملىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.
 
بۇ فىلىم ئارقىلىق شاھرۇھ خان بىردىنلا ھىندىستاندىكى« يېڭى ھىندىستانلىق ياخشى ئەر» گە ئايلاندى، سانسىزلىغان ئەرلەرنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى بولغان، قىزلار چۇقىنىدىغان ياتلىق بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئەرگە ئايلانغان.


شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، شاھرۇھ خان ھىندىستاننىڭ ناخشا-ئۇسسۇلنى ئاساس قىلغان تىياتىر دەۋرىنى ئېچىپ فىلىم دەۋرىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەن.
كېيىنكى بىر نەچچە يىلدا، ئۇ غەلىبىسېرى قوغلاپ زەربە بېرىپ نۇرغۇن مۇھەببەت فىلىملىرىدە رول ئالغان، مەسىلەن: ھىندىستاندىكى ھايات-ماماتلىق مۇھەببەت» ، « مۇھەببەتنىڭ چېگراسى يوق» دېگەندەك فىلىملەرنىڭ ھەممىسى ھىندىستان كىنو مۇنبىرىدە ئىنتايىن كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان.
شۇنىڭدىن ئېتىبارەن شاھرۇھ خانمۇ ھىندىستاندىكى مۇكەممەل ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى بولۇپ، « Jade» قاتارلىق داڭلىق ژۇرناللار تەرىپىدىن« ئاسىيادىكى ئەڭ جەلپكار ئەر» بولۇپ باھالانغان تۇنجى كىشى بولۇپ قالغان.

بۇ خىل ئەھۋال كىنو-تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنىڭ بىر خىل دولقۇنى بولۇپ قالدى. نۇرغۇن ھىندىستان كىنولىرىدا« مەن سېنىڭ شاھرۇھ خېنىڭ   « ئاھ! شاھرۇھ خان …» ، « شاھرۇھ خاننى ئىزدەمسىز؟ «قاتارلىقلار.

شاھرۇھ خان نېمىشقا بۇنچە تۇنىلالىدى؟
چۈنكى ئۇنىڭدا خەلق ياقتۇرىدىغان كەسپ ئىدىيىسى بار
» مەن كىنولىرىمدا ھىندىستاندىكى نامراتلار ياكى يىلانلارنى ئېلىپ سېتىش ئىشلىرىنى ئىشلەشنى خالىمايمەن، مەن ھىندىستاندىكى ياخشى تەربىيەلەنگەن ئوتتۇرا ھال ئائىلىلەرنىڭ قىياپىتىنى نامايان قىلىمەن، مەن ئۇلارغا ھىندىستاننىڭ ئەقىل-پاراسەت، بايلىق، بەخت، رەڭگارەڭ مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە تېگىشلىك ھۆرمەت قاتارلىقلارنى ئېيتىمەن» دېدى.
 
چۈنكى شاھرۇھ خاننىڭ كىنو ئىدىيەسى بوللىۋودنىڭ شادلىق مېلودىيەسى بىلەن بىردەك بولۇپ، كامالەتكە يەتكەن رول ئېلىش ماھارىتىنى ماسلاشتۇرغان.
ئۇنى مەيلى« جاسارەت بىلەن كۆڭلىنى ئېلىش» فىلىمىدىكى شوخ لۈكچەكلەر بولسۇن، مەيلى« ئاشۇكا» فىلىمىدىكى تەڭداشسىز پادىشاھ بولسۇن، ياكى« مېنىڭ ئىسمىم خان» دىكى ساپ« كۈلبە» بولسۇن، ئۇ ئايال باش پېرسوناژنىڭ ھېسسىياتىنى ئىخلاس بىلەن قولغا كەلتۈرۈپ، ئاياللارغا تولۇق ھۆرمەت بىلدۈرەتتى.
 


ئۇ ئەر-ئايال ئىككى تەرەپنىڭ كۆرۈش نۇقتىسىنى ئوخشاش ئورۇنغا قويدى.
مۇھەببەت فىلىملىرىدىن باشقا، شاھرۇھ خان يەنە نۇرغۇن فىلىملەردە رول ئالغان. مەسىلەن ھەددىدىن زىيادە چولپان قوغلىشىشقا قارشى تۇرىدۇ، ئەقلىيلىكنى تەرغىپ قىلىدۇ،بۇلار دەۋرنىڭ ئېستېتىك مەزمۇنىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئەسەرلەردۇر.
2014 ـ يىلى شاھرۇھ خان 30 قېتىم نامزاتلىققا كۆرسىتىلىپ، 14-قېتىملىق ھىندىستان ئوسكار مۇكاپاتى نىڭ Filmware Awards مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، ھىندىستاندىكى بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن قېتىم سانى ئەڭ كۆپ ئارتىس بولۇپ قالدى.
 

» سەككىز نەپەر» ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر ئارتىس« مۇكاپات لوڭقىسى رېكورتىنى ساقلىغۇچى» ھىندىستان« تىراگېدىيە پادىشاھى» دەپ نام ئالغان « بوللىۋود پادىشاھى» بولۇشقا مۇناسىپ.
كىنو تارىخىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەردىن باشقا، ئۇنىڭ سودا جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىمۇ بىر قارا تۇلپاردۇر.
 
پېپسى كولا، تەي گېخاۋيا قاتارلىق دۇنياۋى داڭلىق ماركىلارنىڭ ۋەكىلى بولغاندىن سىرت، يەنە ھىندىستان پالاق توپ كالكۇتتا چەۋەندازلىرى كوماندىسىغا پاي قوشقان... بۇ ئىشلار شاھرۇھ خاننى دۇنيادىكى ئەڭ باي چولپانلارنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردى.
 
ھالبۇكى، مانا مۇشۇنداق« كېلىشكەن ھەم پۇلدار» ئەرنىڭ ھېسسىيات تۇرمۇشى ئىنتايىن ئاددىي بولىدۇ.  

1991- يىلى شاھرۇھ خاننىڭ ئەڭ قاراڭغۇلۇقى، شۇنداقلا ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر يىل بولۇپ، راك كېسىلى بىلەن قايتا ئۇچرىشىپ، ئانىسى بىلەن دادىسىغا ئوخشاش ئالەمدىن ئۆتتى.
 
ئۇنىڭ ئۈستىگە ماگىستىرلىقنىڭ بىلىم ئاشۇرۇشى ئۈزۈلۈپ قالغاچقا، جەمەت مونوپوللىقى گىرەلىشىپ كەتكەن بوللىۋود كىنو-تېلېۋىزىيە ساھەسىگە كىرگەن. يەنە قىز دوستىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىگە قارشى تۇرغان.
 
ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى، ھېسسىياتىنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىشى، كەسىپنىڭ گاڭگىرىشى ئۇنى بىردىنلا چۇڭقۇر ھاڭغا ئىتتىرىلگەندەك بولغان.
لىكىن ئۇلارنىڭ ساپ مۇھەببىتى ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەپ، قىز دوستى ئاتا-ئانىسىنىڭ قارشى تۇرىشىغىمۇ قارىماي شاھرۇھخانغا ياتلىق بولۇپ ئۇنى بۇ قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلۇپ چىقىشىغا ياردەمدە بولغان.
ئىككىيلەن 1991-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى توي قىلغان ھەمدە ھىندىستاننىڭ بومبايغا كۆچۈپ كەلگەن.
 
شاھرۇھ خان بىلەن ئايالى گاۋلىنىڭ بىر ئوغۇل، ئىككى قىزى بار. چوڭ ئوغلى 1997-يىلى تۇغۇلغان، 2-قىزى سۇخانا 2000-يىلى، 3-قىزى ئىبرام ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇپ 2013-يىلى تۇغۇلغان.
 
بالىلىق بولغاندىن كېيىن شاھرۇھ خان ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئائىلە ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقىئىدى.
 
شۇڭا ئۇ رول ئالغان بۇ 30 نەچچە يىلدا ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولغان، ئەمما ھېچقانداق پىتنە-ئىغۋا تارقالمىغان.
 
شاھرۇھ خان ھىندىستاننىڭ 20 نەچچە يىلدىن بۇيان ئۆزگەرمىگەن ھىندىستاننىڭ بىردىنبىر ۋەكىلى، دۇنيانىڭ ھىندىستاننى تونۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋاسىتە بولۇپ قالغان. 


【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 0
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读0
粉丝0
内容0