大数跨境

ئەمىن ساغلاملىقى چارچاشنىڭ 10تۈرلۈك

ئەمىن ساغلاملىقى  چارچاشنىڭ 10تۈرلۈك EMINBIZ
2020-12-13
0
导读:چارچاشنىڭ 10 سەۋەبى ۋە ھاردۇق چىقىرىشقا ئالتە يەرلىك ر


ساغلاملىقىڭىزغا ئەمىن بىز ھەمراھ

چارچاشنىڭ 10 سەۋەبى ۋە ھاردۇق چىقىرىشقا ئالتە يەرلىك رىتسىپ!

دائىم چارچاش ھېس قىلىشنىڭ ئون سەۋەبى

1. ئىشخانا مۇھىتىنىڭ قالايمىقان بولىشى 

قالايمىقان ۋە پاكىز بولمىغان مۇھىتتا خەزمەت قىلىش ئۈچۈن ئادەتتىكىدىن بەكراق كۈچەپ دېققىتىنى يىغىشقا توغرا كىلىدۇ.

2. دەم ئېلىش ۋاقتىدىمۇ خىزمەتنى خىيال قىلىش.

خىزمەتكە مۇناسىۋەتلىك بىرەر ئېلخەتنى ئوقۇشتەك ئاددىي ئىشمۇ ئادەمدە جىددىيلىك ۋە بېسىم پەيدا قىلىپ چارچىتىدۇ.

3. ھاراق ئىچىش

ھاراق ئىچكەندە ئۇيقىنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.ئۇيقۇ ئازلىغاندا، سۈپىتى ياخشى بولمىغاندا دېققەتنى يىغىش، فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارلار، ئەستە تۇتۇشلارنىڭ ھەممىسى توسالغۇغا ئۇچراپ ئۇزۇن مەزگىللىك چارچاشقا سەۋەپ بولىدۇ.

4. كارىۋاتقا چىقىپ بولغاندىن كىيىنمۇ كومپىيوتىر، تېلىفۇن، پەد لەرنى ئىشلىتىش.

يۇقىرقىلاردىن تارقىغان نۇر مڭىنىڭ نورمال ھەركىتى ۋە ھورمۇنلار تەڭپۇڭلىقىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. تەتقىقاتچىلار كەچ سائەت 21 دىن كىيىنمۇ تېلىفۇن، كومپىيوتىر ئىشلەتكەندە ئىككىنچى كۈنى دېققەتنى يىغىشنى تەسلەشتۈرىدىغانلىقى، كىشىنى چارچىتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

5. كوفاىئىننى كۆپ ئىستىمال قىلىش

گەرچە قەھۋە ياخشى ئىچىملىك دىيىلسىمۇ بىراق كۆپ ئىچكەندە تەركىبىدىكى كافېئىننىڭ تەسىرىدە كىشىنى ئەكسىچە چارچىتىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قۇيۇلىۋاتىدۇ.

6. ھەپتە ئاخىرى تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش، ئادەتتىكىدىن كۆپ ئۇخلاش

ئادەتتەكى ئۇخلاش، تۇرمۇش ۋاقىتلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى فىزىئولوگىيىلىك توسالغۇلار بىلەن ئىنىرگىيەنىڭ خورىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

7. ھەممە ئادەمگە، ھەممە ئىشقا خوش-خوش دەپ ماقۇللۇق بىلدۈرۈش

بارلىق تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىپ ئائىلىسى، دوسىتلىرى، خىزمەتداشلىرى قاتارلىق ھەممەيلەننى خوش قىلىش بەلكىم بىر ئادەمنىڭ ئېسىل ئادەم ئاتىلىشىغا سەۋەپ بولۇپ، شۆھرەتپەرەسلىكنى قاندۇرىشى مۇمكىن. ۋەھالەنكى، بۇ خىلدىكى كىشىلەر روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن قاتتىق چارچايدۇ، كەيپىياتى بۇزۇلۇپ خۇيى سەتلىشىپ كېتىشىمۇ مۇمكىن.

8. سۇ ئىچىشنى ئۇنتۇپ قېلىش

كۈندە ئارانلا بىر ئىستاكان سۇ ئىچىپ قويۇش ئېنىقلا چارچاشقا سەۋەپ بولىدۇ. ئادەتتە تەشەببۇس قىلىنىدىغان سۇ چاي، قەھۋەلەرنى كۆرسىتىدۇبەدەننىڭ سۇسىزلىنىشى نېرۋا سېستىمىسىغا تەسى كۆرسىتىدۇ. سۇسىزلىنىش ئۇنۇتقاقلىق، دېققىتىنى يىغالماسلىق، چارچاشنى پەيدا قىلىدۇ. 

كۈندە بىر لىتىردىن بىر يېرىم لىتىرغىچە سۇ ئىچىڭ. تاماقنى يەپ بولغاندىن كىيىن كۆپ سۇ ئىچىۋالماڭ. ئۇسسىمىسىڭىزمۇ سۇ ئىچىڭ.

9. تۆمۈر كەمچىللىك

تۆمۈر كەمچىللىكنىڭ شۇنداقلا تۆمۈر كەمچىل مەنبەلىك قان ئازلىق ئالامىتىنىڭ بىر چوڭ ئىپادىسى چارچاش. يۇقىرى كالورىيلىق، مايلىق، تاتلىق ئوزۇقلىنىش، ئەخلەت يىمەكلىكلەرنىمۇ كۆپ يىيىشمۇ ئادەمنى چارچىتىپ تېرىنى سەتلەشتۈرىدۇ.

 سەرخىل ئوزۇقلىنىش ئارقىلىق تۆمۈر تۇلۇقلاش:

يېشىل يۇپۇرماقلىق كۆكتاتلارنى، چىلان، قىزىل گۆشلەر، مېغىزلارنى مۇۋاپىق يىيىش.

10. ھەرىكەتسىزلىك

ئەگەر چارچاپلا تۇرسىڭىز ئۇنداقتا سىز ھەرىكەت قىلمايدىكەنسىز. ھەرىكەت قىلغان كۈننىڭ ئەتىسى ئۆزىنى روھلۇق، خوشال ھېس قىلغىلى بولىدۇ. تەنتەربىيە زالىغا بېرىشنى خالىمىساق يول ماڭساقمۇ، ۋېلسىوىت مىنسەكمۇ، يەڭگىل يۈگۈرسەكمۇ بولىدۇ.

ھاردۇق چىقىرىشقا ئالتە يەرلىك رېتسىپ 

1. مۇش بىلەن ھاردۇق چىقىرىش

مۇشتۇمنى چىڭ تۇگۈپ، ئۇنىي قۇلاقنىڭ يان ئارقا تەرىپىگە، بويۇننىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا يېقىن باش سۈڭىكىگە قويۇپ، كۆزنى يۇمۇپ، باشنى ئارقىغا قىلسا، ھاردۇق چىقىدۇ.

2. بارماق بىلەن ھاردۇق چىقىرىش

باش قېيىپ، كۆز تورلاشقاندا، بارماق ئۇچى بىلەن باشنى يىنىك چەكسە، ھاردۇق چىقىرىدۇ. ئالدى بىلەن باش چوققىسى چىكىلىدۇ، ئاندىن ئوڭ سول تەپسىلىي چىكىلىدۇ.

3. تاش ئارقىلىق ھاردۇق چىقىرىش

بىر دانە سىلىق تاشنى ئىسسىق سۇغا سېلىپ، تاش ئىسسىغاندا، تاشنى مۆرە ۋە بويۇنغا ئاستا ئاستا سىيرىپ بەرسە، مۆرە ۋە بويۇن قىسمىغا ئىسسىق ئۆتۈپ، ھارغىنلىق يۇقايدۇ.

4. قول ئارقىلىق ھاردۇق چىقىرىش

باش قېيىش، روھسىزلىنىش كۆرۈلگەندە قول بىلەن پۇت قول ئۇچىدىن باشلاپ يۈرەككىچە 10 قېتىم ئىشقىلىسا روھنى ئۇرغۇتۇپ ھاردۇق چىقىرىدۇ.

5. يالپۇز بىلەن مىڭىنى سەگىتىش

تۇمۇز ئىسسىقتا ئادەمنىڭ بېشى قايىدۇ. بۇ ۋاقىتتا يالپۇز يېغى ياكى غۈولىنى سۈرۈپ بەرسە، ۋاقىتلىق سالقىنداش مەقسىتىگە يەتكىلى بولۇشتىن باشقا، يەنە يالپۇزنىڭ خۇش ھىدىدىن ئادەم سالقىنداپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ ھەم ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلايدۇ.

6. يىرىك تۇز بىلەن روھنى ئۇرغۇتۇش

چارچاپ كەتكەندە 3-2 قوشۇق دېڭىز تۇزى ياكى تاش تۇزنى 3-4 تېمىم ساپ ياغ بىلەن قوشۇپ داسقا قۇيۇپ ئىلمان سۇدا ئېرىتىپ، ئىككى پۇتىنى چىلىسا، ھاردۇق چىقىرىپ، پۈتۈن بەدەننى ئارام ئالدۇرىدۇ.





【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 307
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读282
粉丝0
内容307