|| ئۈنچە گۈل
ئۈنچە گۈل بولسا شىنجاڭ بازىرىغا يىڭىدىن كىرگەن ناھايىتى كۆركەم گۈل بولۇپ، نۆۋەتتە شىنجاڭ بازىرىدا ئۈنچە گۈلنى گۈلپەرۋىش سالونىمىزدىن باشقا يەردىن تاپقىلى بولمايدۇ. ئۈنچە گۈلنىڭ ساخلىرى ئىنتايىن زىچ، گۈلى چوڭ، كۆركەم، رەڭلىرى سەرخىل، سورتى ئىسىل، ماسلىشىشچانلىقى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، شۇڭا ئادەتتە ئۈنچە گۈلنى گۈللۈكتە باققاندىن باشقا يەنە تەشتەككە كۆچۈرۈپمۇ باققىلى بولىدۇ. ئۈنچە گۈل سايە ۋە نەم مۇھىتنى ياخشى كۆرىدىغان بولغاچقا ئادەتتە ياز پەسلىدە ئۆي ئىچىدە بېقىشقا ئىنتايىن ماس كىلىدۇ، قىش كۈز پەسىللىرىدە بولسا پارنىك مۇھىتىدا بېقىپ يازغا چىققاندا نورمال مۇھىتقا يۆتكىگەندە ئۈنچە گۈلنىڭ تەڭداشسىز گۈزەللىكىدىن ھوزۇرلانغىلى بولىدۇ.
❀ ئۈنچە گۈلنىڭ ناھايىتى كۆركەم بولغان رەڭلىرى، شارسىمان ئېچىلىدىغان گۈلى، گۈزەل ئوماق ھالىتى ئادەمگە «ياز پەسلىدە كىچە ئاسمىنىدا چاقنىغان توپ توپ يۇلتۇزلار» دە تۇيغۇ بېرىدۇ.
❀ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈنچە گۈل باش باھاردىن باشلاپ تاكى كۈز پەسلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئېچىلىپ توختىمايدۇ، مەيلى ئۇنىڭ پۈتۈن بىر ياز توختىماي ئېچىلىدىغان ئالاھىدىلىكى بولسۇن، ياكى گۈزەللىك دەرىجىسى، گۈل ئېچىلىش ئىپادىسى جەھەتتىن بولسۇن، ئۈنچە گۈل ئۆزىنىڭ «ياز پەسلىدىكى گۈل شاھى» دىگەن شان شەرىپىگە لايىق بولۇپ كەلدى.

تۆۋەندە بىز «ياز پەسلىدىكى گۈل شاھى» دەپ ئاتىلىدىغان ئۈنچە گۈلنىڭ ئەمەلىي كۆرۈنۈشلىرىدىن ھوزۇرلىنىپ چىقايلى! (ئەسكەرتىش: تۆۋەندىكى سۈرەتلەرنىڭ ھەممىسى شىنجاڭ گۈلخۇمارلار گۈللۈكىدىن ئەمەلىي تارتىلغان سۈرەتلەر، قىلچىلىكمۇ ساختىلىق ئىشلىتىلمىگەن)















ئۈنچە گۈل




