


يېقىندا نۇرغۇن قىزلار گىرىم قىلىشنىڭ توغرا تەرتىپىنى تەپسىلى سۆزلەپ بەرسەڭلار دەپ ئىنكاس قالدۇردى ،تۆۋەندە گىرىمنى تىخىمۇ سۈزۈك چىرايلىق قىلىش تەرتىپىنى سۆزلەپ ئۆتىمىز، ئەمدى قالايمىقان گىرىم قىلمايدىغان بولىسىز!

بۇ ئۇسۇل گىرىمىڭىزنى 100 ھەسسە چىرايلىق چىقىرىدۇ،ئادەتتە بىز بىر ئىش قىلىدىغان بولساق ئالدى بىلەن قۇرال ئىشلىتىمىز ،شۇنىڭغا ئوخشاش چىرايلىق گىرىم ئىگىسىنىڭ گىرىمىنىڭ سىلىق بولۇشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى دەل ئۇنىڭ گىرىم قىلىش قوراللىرىنى توغرا ئىشلەتكىنىدە !

تەگلىك گىرىمنى ئېلىپ ئېيتساق، قول بارماقلىرى بىلەن گىرىم قىلغان ئىزلار ھەقىقەتەن بەكلا روشەن چىقىپ قىلىپ تەگلىك ماينىڭ تېرىگە يىپىشىىش دەرىجىسىمۇ بەك ناچاربولىدۇ . شۇڭا ئالدى بىلەن گىرىم قىلغاندا تەگلىك سۈرۈش ئۈچۈن گىرىم بۇلۇتى ياكى گىرىم چوتكىسىنى توغرا تاللاش كىرەك . لېكىن نۇرغۇن ئاياللار گىرىم چوتكىسىنى قانداق تاللاشنى بىلمەيدۇ، شۇڭا بۈگۈن كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە ئورتاقلىشىپ باقايلى :

ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، گىرىم چوتكىسى ماتېرىيالىغا ئاساسەن سۈنئىي تالالىق چوتكا ۋە تەبىئىي ھايۋان يۇڭى تالالىق چوتكا دەپ ئايرىلىدۇ

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر سىز يېڭى ئۆگەنگۈچى بولسىڭىز، ئالدى بىلەن سۈنئىي يۇڭ چوتكا بىلەن قولىڭىزنى مەشىق قىلدۇرسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر سىز تېخىمۇ تەبىئىي بولغان گىرىم ئۈنۈمىنى قوغلاشماقچى بولسىڭىز، ھايۋانات تۈكى تالالىق گىرىم چوتكىسىنى تاللىسىڭىز بولىدۇ ! قېنى قاراپ باقايلى،ئادەتتە گىرىمچىكلەر گىرىم قىلىش ئۈچۈن قايسى چوتكىلارنى ئىشلىتىدۇ؟

كۆپ ئۇچرايدىغان گىرىم چوتكىللىرىدىن تۈز باشلىق چوتكا، تىلسىمان چوتكا ۋە چىش چوتكىسىمان چوتكىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل چوتكا بار. تۈز باشلىق ئۇپا تەگلىك چوتكا مەن دەسلەپ گىرىم قىلىشنى ئۈگەنگەندە مۇشۇنى ئىشلىتەتتىم ~ ئۇنىڭ گىرىم قىلىش سۈرئىتى تېز، يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە نىسبەتەنمۇ ناھايتى ياخشى مەشغۇلات قىلىدۇ.

تىلسىمان ئۇپا تەگلىك چوتكىسى بۇ تىل شەكىللىك چوتكا ئىنچىكە ھالقىلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا نىسبەتەن قولايلىق بولۇپ، يېنىك ھەم نېپىز بولغان تەگلىك گىرىم ئۈنۈمىنى سىزىپ چىقالايدۇ. لېكىن ئاسان ئىزى چىقىدۇ، بۇنى ئىشلىتىش ئۈچۈن چوقۇم گىرىم قىلىش ماھارىتىڭىز بولۇشى كېرەك.

چىش چوتكىسىمان چوتكا ئۇپا تەگلىكى سۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ . ئۇنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرى ناھايىتى ياخشى ھەم ناھايىتى ئاسانلا نەپىس فارفۇرلۇق مۇسكۇل گىرىم ئۈنۈمىنى ھاسىل قىلالايدۇ. لېكىن چوتكا بېشى سەل زىچ بولۇپ، تازىلىغاندا بىر قەدەر كۈچ سەرپ قىلىسىز

قاش چوتكىسى قاش سىزىش ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم چوتكا، قاشنى سىزغاندا، تولدۇرغاندا شۇنىڭغا تايىنىمىز. بۇ خىل يانتۇ چوتكا بىلەن قاش شەكلىنى ئاسانلا سىزىۋالغىلى بولىدۇ،

ئىككى كۆزىڭىزنى چوڭ كۆرسىتىش ئۈچۈن، كۆز گىرىمى چوتكىسى تېخىمۇ مۇھىم. كۈندىلىك تۇرمۇشقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، قاپاق چوتكىسى ئادەتتە مۇشۇ ئۈچ تاللا بولسىلا بولىدۇ.

چۈنكى، كۆزنىڭ تېرىسى بىر قەدەر نېپىز بولغاچقا، قاپاق چوتكىسىنىڭ ماتېرىيالى ئادەتتە يۇمشاق ھايۋانات تۈكىنىڭ بولسا ئەڭ ياخشى.
رەڭ چوتكىسىNO.1
بىرىنچى قەدەمدە، قاپاققا كەڭ كۆلەمدە رەڭ بېرىمىز ، بۇ چاغدا بىز ياپىلاق تۈكلۈك چوتكا ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ.

ئىنچىكە قاپاق چوتكىسىNO.2
كۆز قۇيرۇقىنى ئايلاندۇرۇشتا ئىشلىتىدىغان ئىنچىكە قاپاق چوتكىسى باشقا چوتكىلارغا نىسبەتەن كىچىك بولۇپ، ئىنچىكە قىلىشقا تىگىشلىك ئورۇنلارغا ئىشلىتىلىدۇ

كۆز قاپىقى ئاستى-ئۈستى قاپاق، كۆز قۇيرۇقىنى قىنىقلاشتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.
NO.3قىنىقلاشتۇرۇش چوتكىسى
گىرىم ئاخىرىدا قاپاق سۇرۇخنى قىنىقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىمىز .

يۈز قىسمىنى تېخىمۇ سىترولۇق قىلماقچى بولغان قىزلار ئادەتتە يەنە قارا يانتۇ تۈكلۈك گىرىم چوتكىسىنى ئىشلەتسە بولىدۇ

بۇ خىل يانتۇ بۇلۇڭلۇق گىرىم چوتكىسىدا سايە چۈشۈرۈپ يۈزنى ئورۇق كۆرسىتىش ئۈچۈن يۈز ئەتىراپىدا ئۇپا بىرىشكە ئىشلىتىلىدۇ،ھەم يۈز كۆرۈنۈشىگە تېخىمۇ ماس كېلىدۇ

ئوڭ-سولغا قېيىپ بوياش ئۇسۇلى.
مەڭز سۆڭىكى، پېشانىسى قاتارلىق ئورۇنلارغا يەلپۈگۈچسىمان چوتكا ئىشلىتىپ يۈزنى نۇرلۇق كۆرسەتسەك بولىدۇ .
لەۋ گىرىمى

ئەڭ ئاخىرىدا بولسا،لەۋ ەىرىم قىلىش بولۇپ ، بۇ قەدەمگە چوقۇم ئەھمىيەت بېرىش كېرەك!

ئالدى بىلەن كالپۇك ئەتىراپىنى سىزىۋىلىپ ، ئاندىن كالپۇكنىڭ شەكلىنى سىزىپ ئەڭ ئاخىرىدا لەۋ رەڭگىنى تولۇقلىسىڭىز بولىدۇ.


