
MateX2 خۇاۋېينىڭ ھازىرقى ئەڭ يۇقىرى تىپى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سېتىلغان ۋاقىتتا خۇاۋېي تەرەپنىڭ قويغان باھاسى 17999 يۈەن (256G) ، 18999 يۈەن (512G) بولغان. ئەمما 3 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ساراڭلارچە تالىشىشىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئىككى خىل نۇسخىدىكى يانفوننىڭ باھاسى ھەش-پەش دېگۈچە 29 مىڭ يۈەن ۋە 40 مىڭ يۈەنگە كۆتۈرۈلگەن.

ھەر دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە كۈنلىرى خۇاۋېي MateX2 يانفونىنى ساتقاندا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى سودىگەرلەر باش چۆكۈرۈپ يانفون تالاشماقتا. خۇاۋېي MateX2 نىڭ يۇقىرى ئۆرلىگەن باھاسىنى زادى نېمە كەلتۈرۈپ چىقارغان؟

ئەمەلىيەتتە خۇاۋېي MateX2 سېتىلىشتىن بۇرۇن، سودىگەرلەر قەستەن يۇقىرى باھادا سېتىش كەيپىياتىنى ياراتتى، بەزى سودىگەرلەر ھەتتا دوستلار چەمبىرىكىدە خۇاۋېي MateX2 نى يىغىۋالدى ھەمدە سېتىۋالغۇچىلارنى 5000 يۈەندىن ئارتۇق پايدىغا ئېرىشتۈردى.
شۇڭا خۇاۋېي MateX2 سېتىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ باھاسى يەنە بىر قېتىم ئۆرلىدى، قولدىن قولغا ئۆتكۈزۈش سۇپىلىرىدا باھاسى 30 مىڭ يۈەندىن 40 مىڭ يۈەنگىچە بولدى. گەرچە سودىگەر شۇنچە يۇقىرى باھا بەرگەن بولسىمۇ، ھەقىقەتەن بىر ئادەم سودىگەردىن سېتىۋالماقچى بولغاندا، سودىگەر نەق مالنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈردى.

مۇخبىر بىر قىسىم ئېلېكتىرون شەھەرچىلىرىنى يوشۇرۇن زىيارەت قىلغاندا، خۇاۋېي MateX2 نىڭ مال مەنبەسى بارلىقىنى ئېنىق ئېيتسىلا، سودىگەر دەرھال ئۇنى قىزغىن قارشى ئالدى ھەم باھا قاتارلىق ياخشى مەسلىھەتلىشىدىغانلىقىنى قايتا-قايتا بىلدۈردى. ناھايىتى ئېنىقكى، ھازىر سېتىش سودىگەرلىرى خۇاۋېي MateX2 نىڭ ئاساسىي قوشۇنىغا ئايلاندى، بىر تەرەپتىن ئۇلار توردا خۇاۋېي MateX2 يانفونىنى دەل ۋاقتىدا تالىشىپ سېتىۋالسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلار يەنە ھەر خىل تور سىرتىدىكى مال مەنبەسىنى ئىزدەۋاتىدۇ.

بىر قىسىم سودىگەرلەر گەرچە خۇاۋېي MateX2 نىڭ قىزىق نۇقتا دەرىجىسىنىڭ ئىزچىل داۋاملاشمايدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ھەر ھەپتىدە تالىشىپ سېتىۋىلىشقا قاتناشماقتا. سودىگەرلەر يەنىلا ئۆزىنىڭ پۇل تېپىش مەقسىتىنى قىلچە يوشۇرمىدى.

خۇاۋېي MateX2 قىزغىنلىقى يۇقىرى بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە باشقا مۇلازىمەتلەرمۇ بارلىققا كەلدى، مەسىلەن، تالىشىپ سېتىۋېلىش مۇلازىمىتى. تالىشىپ سېتىۋېلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 5000 يۈەن رەسمىيەت ھەققى تۆلەيدۇ، تالىشىپ ئالالمىغان تەقدىردىمۇ 800 يۈەن ئوخشاش بولمىغان ھەق تۆلەيدۇ.

02
خۇاۋېي MateX2 نېمىشقا بۇنچە قىممەت؟
خۇاۋېي MateX2 بۈگۈنكى كۈندە باھادا بۇنداق يۇقىرى ئۆرلەش نىسبىتىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن چىلىن ئۆزىكىنىڭ كەمچىل بولۇشى ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى چوڭ مۇناسىۋەت بار. چىلىن ئۆزىكى توغرىسىدىكى بۇ ئىش كۆپچىلىككىمۇ ناھايىتى ئېنىق، چۈنكى ئامېرىكا ئارىدا قىيىنچىلىق تۇغدۇرغاچقا، ھازىر تەيجى توكى خۇاۋېينىڭ چىلىن ئۆزىكى ئىشلەپچىقىرىشىغا ياردەم قىلالمايدىغان بولۇپ قالدى.

دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆزەك شىركەتلىرىنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسى خۇاۋېينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆزەككە بولغان تەلىپىنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ. تېگى ـ تەكتىدىن ئېيتقاندا، چىلىن 9000 ئۆزىكى ھازىر بىر تالدىن بىر تالدىن ئاز ئىشلىتىۋاتىدۇ، مانا بۇ سودىگەرلەر يۇقىرى ئۆرلىگەن باھانى ساقلاپ قالغان غەيرەتتۇر.

يۈچېڭدۇڭ نۆۋەتتە خۇاۋېينىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى، كېيىن ئىستېمالچىلارنىڭ ھەممىسى نورمال باھادا خۇاۋېي MateX2 نى سېتىۋالالايدىغانلىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلىدى. ئەمما خۇاۋېي MateX2 نىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى مال چىقىرىش مىقدارى پەقەت 200 مىڭ دانە بولۇپ، ئىستېمالچىلارغا يېتەرلىك ئىشەنچ ئاتا قىلالمايدۇ. ھازىر خۇاۋېينىڭ مال چىقىرىش مىقدارىدا ھەقىقەتەن ئاز بولمىغان مەسىلە بارلىقىنى ئىسپاتلىغاندەك.

03
خۇاۋېينىڭ ئىزچىل يولغا قويغان top سودا تۈزۈمىدىن چاتاق چىقتى
خۇاۋېينىڭ ئىزچىل يولغا قويغان top سودا تۈزۈمى دىگەن نىمە؟ يەنى خۇاۋېي شىركىتىنىڭ چوڭ سودىگەرلىرى كۆپ ھاللاردا مال مەنبەسىنى تېز سۈرئەتتە ئالالايدۇ، ئەمما ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى سودىگەرلەر بولسا باھا قوشقاندىلا ئاندىن مال مەنبەسىگە ئېرىشەلەيدۇ. نۇرغۇن خۇاۋېي سودىگەرلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە خۇاۋېي MateX2 نىڭ دۇكان باھاسى ئومۇميۈزلۈك 29 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ئىكەن.
خۇاۋېي MateX2 نىڭ بۈگۈنكى كۈندە مال كىرگۈزۈش يوللىرى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ، ئەمما بەزى مال كىرگۈزۈش يوللىرى سودىگەرلەردىن ئەقلىي ئېكران قاتارلىق نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىستېمالچىلار خۇاۋېي MateX2 نى سېتىۋالغاندا ھەمىشە بەزى زاپچاسلارنى بىرلىكتە سېتىۋالدى. ئۇنداقتا يۇقىرى باھادىكى خۇاۋېي MateX2 نى راستىنلا باشقىلار سېتىۋېلىپ ئىشلىتەمدۇ؟

بۈگۈنكى كۈندە «ماۋتەي يان تېلېفونى» بولغان خۇاۋېي MateX2 پەقەت ئالاقىلىشىش ئىقتىدارىغا ئىگە يان تېلېفون بولۇپلا قالماي، قىممەت باھالىق نەرسە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي ئالاقە خاسلىقى، يەنى ئاتالمىش ئىجتىمائىي ئالاقە ئىسىم كارتىسى بېرىلدى. خۇددى سودىگەرلەر ئېيتقاندەك: « خۇاۋېي MateX2 نى سېتىۋالالايدىغانلار پۇلغا ئاللىقاچان پەرۋا قىلمايدۇ!»

04
يۇقىرى باھانىڭ ھەمىسى پۈتۈنلەي كۆپتۈرمىچىلىك ئەمەس؟
نۆۋەتتە خۇاۋېي MateX2 نىڭ باھاسىدا گەرچە ئۆرلىگەن باھا تەركىبى مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تېخنىكىسىدا يەنىلا پەخىرلىنىدىغان تەرىپى بار. خۇاۋېينىڭ ئۆزگەرمەس چىلىن ئۆزىكى ۋە سۈرەتكە تارتىش تېخنىكىسى بۈگۈنكى باھانى تىرەپ تۇرالمايدۇ، خۇاۋېي MateX2 نىڭ يارقىن نۇقتىسى كۆپىنچە قۇرۇلما لايىھەسىدە ئىپادىلىنىدۇ.

قاتلىما ئېكران تېخنىكىسى ھەتتا ئىچىدىن قاتلاش تېخنىكىسى نەچچە يىل ئىلگىرى يېڭى نەرسە بولۇشى مۇمكىن ئىدى، لېكىن ھازىر ئاتالمىش يېڭىلىقنىڭ قانچىلىك مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىر نېمە دېمەك تەس. ئەمەلىيەتتە بىر نەچچە يىل ئىلگىرى، خۇاۋېي ئىچكى قاتلاش تېخنىكىسىنى رەت قىلغان، ئەينى چاغدا خۇاۋېي ئورگان تەرەپنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان سەۋەبى ھېس قىلىش تۇيغۇسى ياخشى ئەمەس ئىدى. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە خۇاۋېي نېمە ئۈچۈن بۇنداق تېخنىكىنى قايتا ئوتتۇرىغا قويىدۇ؟

سەۋەبى خۇاۋېي MateX2 نىڭ ئىچكى قاتلىنىش تېخنىكىسىدا يوچۇق يوق، بۇ نۆۋەتتە بازاردىكى باشقا ماركىلار قىلالمايدىغان بىر نۇقتا. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىچكى قاتلىنىدىغان يانفونغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئەڭ مۇھىم بولغىنى لايىھەلەش بولۇپ، نۆۋەتتە خۇاۋېي ئۆزىنىڭ يېڭى لايىھەلەش لايىھەسىنى ئېلان قىلدى.

ئۇنىڭدىن باشقا خۇاۋېينىڭ ئىچكى قاتلاش تېخنىكىسى يەنە يېتەرلىك قاتتىق دېتال، باتارېيە، ئانتېننا، ھەتتا بىر چوڭ تەگلىك CMOS ۋە بىر دانە 10X يوشۇرۇن كۆزىتىش كامېراسى قاتارلىقلارنى سىغدۇرالايدۇ. ئامېرىكىنىڭ قىلمىشغا قارىتا، خۇاۋېيمۇ ئىزچىل يېڭى تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىپ قارشىلىق كۆرسىتىپ كەلدى، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى خۇڭمېڭ سىستېمىسى بولسا جۇڭگونىڭ قاتتىق دېتالنى يۇمشاق دېتال ئېكولوگىيەسىگە ئۆزگەرتكەنلىكىنىڭ سىمۋولى ئىدى.

بۇ قېتىم خۇاۋېي MateX2 بولسا ئالدى بىلەن خۇڭمېڭ OS سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى، ئەلۋەتتە خۇاۋېينىڭ باشقا يانفونلىرىنىڭ دەرىجىسى بۇ يىل ئارقا-ئارقىدىن ئۆستۈرۈلىدۇ. بىراق، پەن-تېخنىكا ساھەسىدە، دائىم بىرىنچى بولۇپ يېڭى تېخنىكا ئىشلىتىلگەن مەھسۇلات كىشىلەر تەرىپىدىن ئەستە ساقلىنىدۇ.

خۇاۋېي MateX2 دەل مۇشۇ نۇقتىنى قانائەتلەندۈرىدۇ. خۇاۋېي MateX2 نۆۋەتتە بۇنداق يۇقىرى باھا نىسبىتىنى ساقلاپ قالالىغان، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، كىشىلەر خۇاۋېي ماركىسىدىن ئىبارەت بۇ ماركىنى يېتەرلىك ئېتىراپ قىلغان.

خۇاۋېي MateX2 نىڭ باھاسىنى تۆۋەنلەتمەكچى بولسا، چوقۇم ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بارلىق ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرشى كىرەك، ئەمما نۆۋەتتە چىلىن ئۆزىكى كەمچىل بولغاچقا، خۇاۋېي روشەنكى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنالمايدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، OPPO، شياۋمى، ئالما قاتارلىق بىر قىسىم زاۋۇتلار قاتلىنىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ئىشلەپچىقىرىش ئۇچۇرىنى بەس-بەستە ئاشكارىلىدى، لېكىن بۈگۈنكى كۈندە خۇاۋېي قاتلىنىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننىڭ ئەڭ چوڭ يەڭگۈچىسىگە ئايلاندى.

ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ زاۋۇتلار ئەڭ ئاخىرىدا قاتلىنىدىغان ئەقلىي يانفوننى ئىشلەپچىقىرالىشى تېخى نامەلۇم، شۇڭا خۇاۋېينىڭ مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا زەربە پەيدا قىلالىشى تىخمۇ نامەلۇم!

