大数跨境

فرانسىيەدە ھايۋانلارنىڭ ئۈستىدىن نارازى بولغان دېلو يۈز بەردى

فرانسىيەدە ھايۋانلارنىڭ ئۈستىدىن نارازى بولغان دېلو يۈز بەردى EMINBIZ
2021-03-28
1


توۋتىياۋ تورى تەرجىمىسى 

فرانسىيە پارلامېنتى يېقىندا بىر تۈرلۈك قانۇن 

ماقۇللاپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ سەزگۈ ئەزالىرى مىراسىغا كاپالەتلىك قىلدى. بۇ ئۇسۇل يېزىدا ئۇزۇن تۇرمايدىغان شەھەرلىكلەرگە تاقابىل تۇرۇش، يېزا-كەنتلەردەبۇلىدىغان پۇراق، قۇشلارنىڭ سايراشلىرى  شەھەر كىشىلىرىنى پاراكەندە قىلىپ، يېزا تۇرمۇشى بىلەن يېزا-كەنتلەرنىڭ قىممەت قارىشىنى قوغداش جېڭى كېلىپ چىققان. 

فىرانسىيە ئاخبارات رادىيو ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، فىرانسىيە يېزا ئىشلىرى مىنىستىرى گىرائۇد بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: پارلامېنت كېڭەش پالاتاسى 21-چېسلا بۇ قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى.
ئۇ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بۇ ئېنىقلىما ئارقىلىق فىرانسىيە يېزا رايونلىرىنىڭ سەزگۈ ئەزالىرى مىراسلىرىنى قوغدايدىغان قانۇن ئىكەنلىكىنى، ھەقىقەتەن يېزىلاردىكى مەھەللىلەرنىڭ غەلىبىسى ئىكەنلىكىنى ماختىدى. بۇ قانۇن لايىھەسى بۇلتۇر ئاۋام پالاتاسىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتتى. 

بۇ يېڭى قانۇندا يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزىنىڭ يېزا-كەنت مىراسلىرىغا ئېنىقلىما بېرىشى تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، سەزگۈ ئەزالار ئالاھىدىلىكى، كالىنىڭ قوڭغۇراق ئاۋازى، كالا تېزىكى پۇرىقى، چېكەتكە ئاۋازى ۋە تىراكتورنىڭ سەھەردە ھەرىكەتلىنىۋاتقان ئاۋازى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھازىر ھەممىسى فىرانسىيەنىڭ تەبىئىي مىراسى دەپ قارىلىپ، مۇھىت قانۇن-نىزاملىرىغا يېزىلىدۇ. 
فرانسىيەدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېزا ئاھالىلىرى بىلەن يېڭىدىن كەلگەن ياقا يۇرتلۇقلار ياكى يېڭى يېزا پۇقرالىرى دەپ ئاتالغان دەم ئالغۇچىلار بارغانسېرى كۆپىيىپ، سەھرادا ئەزەلدىن بار بولغان توخۇ چىللاش، كالا تېزىكى قاتارلىق ئاۋاز ۋە پۇراقلار ئۈچۈن تالاش-تارتىش قىلىدىغان ۋەقەلەر يۈز بەرمەكتە.
2019 ـ يىلى خورازنىڭ چىللىنىش دېلوسى ئەڭ سىمۋوللۇق دېلو بولۇپ، يېزىغا بېرىپ دەم ئالغان شەھەرلىكلەرنىڭ قوشنىلىرى سەھەردە چىللاپ شاۋقۇن پەيدا قىلدى، دەپ ئاغرىنىپ، سوتقا ئەرز قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا روشېفور سوت مەھكىمىسى دەۋادا ئۇتتۇرۇپ قويدى. 


【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 0
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读0
粉丝0
内容0