
9 يىل بۇرۇنقى« جياڭنەن style» ناملىق ناخشا پۈتۈن دۇنياغا تارقالغانىدى. ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مېلودىيەگە بەلگە خاراكتېرلىك ئات مىنىش ئۇسسۇلى ماسلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا تېز سۈرئەتتە تارقىلىپ، ھەممە ئادەم دېگۈدەك بىلىدىغان « ئوۋبا gangnamsstyle» غا ئايلانغانىدى.
ئىجاد قىلغۇچى ۋە ناخشىچى Psy مۇشۇ مۇزىكىغا تايىنىپ ئاسىيا ھەتتا پۈتۈن دۇنياغا تونۇلغان چولپانغا ئايلانغان. بىراق يىقىنقى بىر قانچە يىلدا بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى گىگانت چولپان كۆپچىلىك ئالدىدا ناھايىتى ئاز پەيدا بولدى.

بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان Psy تەدرىجىي يوقاپ كەتكەن، يەنە ئالدىنقى بىر نەچچە يىلدا ئارقا-ئارقىدىن سەلبىي خەۋەرلىرى پەيدا بولغان، يەنە بەزىلەر ئۇ ئۆزىنى ئۆزى« ۋەيران» قىلغان دېگەن. ئەجەبا ئىلگىرى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىغا تونۇلغان ناخشىچى راستتىنلا زاۋاللىققا يۈزلەندىمۇ؟ بارا-بارا كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كىتىۋاتقان ئۇ بۇ يىللاردا يەنە نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟
Psy ئۇنىڭ تەخەللۇسى بولۇپ، ئەسلىي ئىسمى پىياۋ زەيشياڭ، ئۇ 1977-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى كورېيەنىڭ سېئولدا تۇغۇلغان، ئۇنىڭ بوۋىسى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ شىركىتىنىڭ غوجايىنى بولۇپ، كورېيەنى يېرىمدىن كۆپرەك ئېلېكتىرونلۇق سېتىش مىقدارى بىلەن تەمىنلەيدۇ، دادىسى پېيى بازارغا سېلىنغان مەلۇم ماشىنىسازلىق كارخانىسىنىڭ باشلىقى ، ئۇمۇ ئىسمى-جىسمىغا لايىق بايۋەتچە. ئۇنىڭ بۇنداق ياخشى شارائىتى ئۇنىڭ كېيىنكى ئىشلىرىغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ.

مۇشۇنداق ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە ئۇ، كىچىكىدىن قىزىقىشنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىغان، ئۇ مۇزىكىنى ياخشى كۆرۈپ، مۇزىكىنى كېيىنكى كەسىپ قىلىشقا تېخىمۇ ئىرادە باغلىغان.

ئەينى چاغدا ئائىلىسىدىكىلەر جەمەت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئامېرىكا بوستون ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا تىجارەت فاكۇلتېتىغا كىرىپ ئوقۇش تەكلىپىنى بەرگەن.

بىراق يالغۇز ياقا يۇرتتا ئامالسىزلىقتىن مۇزىكا ئارقىلىق زېرىكىشنى تۈگىتىپ، شۇنىڭ بىلەن بارا-بارا مۇزىكىغا مەستانە بولۇپ، ئۇزاق ئۆتمەي مۇزىكا ئۆگىنىش ئۈچۈن، قەتئىيلىك بىلەن ئوقۇشتىن چېكىنىپ بېركلېي مۇزىكا ئۇنۋىرسىتىتىغا كىرىپ ئوقۇشنى ئوڭۇشلۇق تاماملىغان ھەمدە كورىيەگە قايتىپ مۇزىكا ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغان.
كورىيەگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، Psy تولۇپ تاشقان ئۈمىد بىلەن 2001-يىلى ئۆزىنىڭ تۇنجى كەسپىنى ئېلان قىلدى، ئەپسۇس ئۇنىڭ ئىنكاسى ئادەتتىكىچە بولدى. ئەۋزەل ئائىلە ئۇنىڭغا بايلىق ۋە ئەركىنلىك ئاتا قىلغان، ئەمما ئۇنىڭغا كورىيە خەلقىنىڭ نەزىرىدىكى K-POP چولپىنىغا ماس كېلىدىغان چىراي بېرەلمىگەن. چىراي-شەكلى ۋە سىرتقى قىياپىتى كۆرۈنەرلىك بولمىغان Psy، ئەينى چاغدا ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ۋاستىچىلىك شىركەتلىرىنىڭ كۆپ قېتىم رەت قىلىنىشىغا ئۇچرىغان.

ئون يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە، Psyنىڭ ئىشلىرىدا ھېچقانداق ياخشىلىنىش بولمىغان. 2010-يىلىغا كەلگەندە كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىدىكى ئۈچ ماگناتنىڭ بىرى بولغان YG شىركىتى ئۇنىڭ يوشۇرۇن ئىقدىدارىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇنىڭ بىلەن توختام ئىمزالىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئىشلىرى ياخشىلىنىشقا باشلىغان.

2012-يىلى 7-ئايدا،Psy « جياڭنەن style» نى ئېلان قىلدى، ناخشىنى ئۆزى ئىجاد قىلغان ۋە ئېيتقان، ھەمدە mvسىنمۇ سۈرەتكە ئالغان. ئۇنىڭ ئات مىنىش ئۇسسۇلى ئۆزگىچە بولۇپ، ناخشىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ.

ناخشا ئەڭ دەسلەپتە پەقەت كورىيەدە مودا بولۇپ، مېلودىيە ۋە قىزىقارلىق mv فىلىم ئۇسلۇبى تېز سۈرئەتتە ئاممىنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن. تورغا چىقىرىلغان قىسقىغىنا بىر نەچچە كۈندە، قويۇش مىقدارى 400 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، ئەنگىلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق 35 دۆلەتنىڭ يەككە مۇزىكا تۈرىدە بىرىنچى بولغان.

2012-يىلىنى، Psyغا تەۋە بىر يىل بولدى دېسەك، ئازراقمۇ ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولمايدۇ. بىر كېچىدىلا نام چىقىرىپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدا سىرلىق مۇزىكا دولقۇنىنى قوزغاپ، ئۆزىنىڭ ئىقدىدارىنى ئىسپاتلىغانىدى.

شۇ يىلى« Psy» ئەڭ قىزىق سۆزگە، « ئات مىنىش ئۇسسۇلى» ئەڭ مودا ئۇسسۇلغا ، « ئوبا gangnasttyle» ھەتتا ھەممە ئادەمنىڭ ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان سۆزگە ئايلاندى، مۇزىكىلىق جايلاردا، چوڭ- كىچىك كوچىلاردا ھەتتا يان تېلېفوننىڭ قوڭغۇراق ئاۋازىمۇ ئوخشاش مۇشۇ مېلودىيەگە ئايلاندى.

Psy داڭلىق ئامېرىكا مۇزىكا ژۇرنىلى« Billboardd» نىڭ مۇقاۋىسىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىپ، ئېيففېل تۆمۈر مۇنارى مەيدانىدا 20 مىڭدىن ئارتۇق چوقۇنغۇچىسىنى باشلاپ ئات مىنىش ئۇسسۇلى ئوينىدى، نيۇيورك دەۋر مەيدانىنىڭ يېڭى يىل پائالىيىتىگە قاتناشتى، ئاقساراي كېچىلىكىگە تەكلىپ قىلىندى، ھەتتا تايلاند پادىشاھى ئۇنى تۇغۇلغان كۈن ئولتۇرۇشىغا تەكلىپ قىلدى، ب د ت باش ئىشتابىدا ئات مىنىش ئۇسسۇلى ئوينىدى.

شۇ مەزگىلدە، Psy نام چىقىرىپ، يىللىق ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە شەخس بولۇپ باھالاندى. ئۇنىڭ كەڭ تەسىر كۈچىنى كۆزدە تۇتۇپ، يەنە تېخى بېكخام بىلەن تەڭ دەرىجىلىك ۋىزىغا ئېرىشتى.

Psy بىر مەھەل كورېيەنىڭ K-POP ۋەكىلى بولۇپ قالغان، بۈگۈنگە قەدەر، ئۇ بەھرىمەن بولىدىغان چەت ئەل تەمىناتى يەنىلا كورېيە بويىچە ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇكى، بۇ خىسلەتلىك مۇزىكا 2015-يىلىغا كەلگەندە، قويۇلۇش مىقدارى 2 مىليارد 300 مىليوندىن ئېشىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشكەن، ھەتتا مودا ناخشا چولپىنى مايكول جېكسوننىڭ يەككە مۇزىكا رېكورتىدىنمۇ ئېشىپ كېتىپ، يېڭى جىننىس رېكورتى يارىتىلغان.
2019 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى،Psy ئۆزىنىڭ شىركىتى PNATIONنى قۇردى. ناخشا ئېيتىشتا كامالەتكە يەتكەن Psy ناخشىچىلىقنىڭ ئالدىنقى سىپىدىن ئومۇميۈزلۈك چېكىنىپ چىقىپ، سەنئەتكارلارنى تەربىيەلەشكە ئاتلانغان. ئېكرانغا چىقماسلىق Psyنىڭ « ئۆزىدىن ۋاز كېچىشى» ئەمەس، بۇ قېتىمقى تىپ ئۆزگەرتىش، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئىشلىرىنىڭ يەنە بىر قېتىم باشلىنىشى.

سەنئەتكارلار ۋاسىتىچى شىركەتلەرنىڭ ۋىۋىسكىسى بولۇپ، بۈگۈنكى كورېيە بازارلىرىدىكى پىشىپ يېتىلگەن ۋە ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك ۋاسىتىچى شىركەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، Psyنىڭ ئورنى ۋە ئۇسلۇبى ئۆز ئالدىغا بىر ئېقىم بولۇپ شەكىللەنگەن.

ناھايىتى تېزلا، Psy ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا كېلىشىم ئىمزالىغان تۇنجى سەنئەتكارنى ئاشكارىلىدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك ناخشىچى Jessi بار، بۇ كۈچلۈك ھەمكارلىشىش بولۇپ، تاماشىبىنلارنى ئىختىيارسىز قىزىقتۇرىدۇ.

ئارقىدىنلا، Psy ئەينى چاغدا« جياڭنەن style» دا ئۆزى بىلەن بىللە ئۇسسۇل ئوينىغان جىن شۈەنيا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇل دوستى جىن شاۋجۇڭ بىلەن توختام تۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى. شۈەنيا شۇ قېتىملىق ھەمكارلىقتا نام چىقارغان بولۇپ، ئىككىيلەننىڭ يەنە بىر قېتىم ھەمكارلىشىشىنى تاماشىبىنلارمۇ ئۈمۈد قىلاتتى.

ئۇنىڭ ئۈستىگە Psyنىڭ مۇزىكا تالانتى ۋە ئەمەلىي كۈچى بولغاچقا، بۇ يەرگە كېلىپ ھەمكارلىشىدىغان سەنئەتكارلار بارغانسېرى كۆپەيدى. Psy شىركەتنى مۇزىكىنى قىزغىن سۆيىدىغان سەنئەتكارلارنىڭ كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى، مۇھىمى سەنئەتكارلارغا بولغان ئەركىنلىك ۋە ئىنسانىي غەمخورلۇقنى بىرىنجى ئورۇنغا قويۇپ كەلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، Psy داۋاملىق ئۆزىنىڭ ئاكتىپ ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق كورېيە مۇزىكا چەمبىرىكىگە تەسىر كۆرسەتمەكتە، نېمىلا دېگەن بىلەن ھەر بىر مۇزىكانت Psyنىڭ ئېرىشكەن شەرەپلىرىگە ئېرىشەلىشى ناتايىن. 

