大数跨境

ئېلىمىز پۇقرالىرىنىڭ قەرز نىسبىتى قانچىلىك

ئېلىمىز پۇقرالىرىنىڭ قەرز نىسبىتى قانچىلىك EMINBIZ
2021-12-27
1


ھەممىگە مەلۇمكى، ئېلىمىز ئىزچىل تۈردە دۇنيادىكى ئامانەت پۇل چوڭ دۆلىتى بولۇپ كەلدى، ھازىرمۇ دۆلىتىمىزنىڭ ئامانەت پۇل نىسبىتى %46 بولۇپ، دۇنيانىڭ %29 لىك ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن خېلىلا يۇقىرى. بۇ يىلنىڭ ئۈچىنچى پەسلىگە قەدەر ئېلىمىزنىڭ ئامانەت پۇل ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 16 تىرىليون 610 مىليارد يۈەن ئاشتى، ھازىر ئېلىمىزنىڭ ئامانەت پۇل ئومۇمىي سوممىسى 10 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى، ئەگەر 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇسقا تەڭ چېچىلسا، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئامانەت پۇل سوممىسى 70 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ، بىر ئائىلىدىكى ئۈچ جاننىڭ ئوتتۇرىچە ئامانەت پۇلى 210 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ.

لېكىن دۆلىتىمىز ئامانەت پۇل چوڭ دۆلىتى ھېسابلىنىپلا قالماي، يەنە ئوخشاشلا قەرزدارلىق چوڭ دۆلىتى ھېسابلىنىدۇ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىزدىكى قەرز ئومۇمىي سوممىسى 20 تىرىليون يۈەنگە يېتىپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان قەرز 140 مىڭ يۈەنگە يەتتى. ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزدە ئائىلە قەرزى قەرز ئومۇمىي سانىنىڭ %56.5 نى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئامانەت پۇل نىسبىتىدىنمۇ يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قەرزدارلار سانى 500 مىليوندىن ئاشقان، شۇڭا ھازىر ئېلىمىزنى ئىسمى-جىسمىغا لايىق قەرزدارلار چوڭ دۆلىتى دېسەكمۇ ئېشىپ كەتمەيدۇ. ئۇنداقتا دۆلىتىمىز نېمە ئۈچۈن پۇل ئامانەت چوڭ دۆلىتىدىن قەرزدارلار چوڭ دۆلىتىگە ئايلىنىپ قالدى؟ مېنىڭچە بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى تۆۋەندىكىچە:

بىرىنچىدىن، دۆلەت ئىچىدىكى ئۆي باھاسى ئىزچىل تۆۋەنلىمەيۋاتىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆي سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرۈشى ئەنئەنىۋى قاراشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، چۈنكى بۇ 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۆي باھاسى ئىزچىل ئۆرلەپ، ناھايىتى زور پۇل تېپىش ئۈنۈمىگە ئىگە بولدى. بۇنىڭدىن باشقا، دۆلەت ئىچىدىكى ئۆي ئىجارە بازىرىدا بىر قەدەر كۆپ مەسىلە مەۋجۇت، ئۆي ئىجارە ئالغۇچىلارنىڭ مەنپەئەتى كاپالەتكە ئىگە بولالمايۋاتىدۇ، شۇڭا كۆپچىلىك قەرز ئېلىپ بولسىمۇ ئۆي سېتىۋېلىشنى تاللايدۇ. ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزدىكى نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ ئۆي قەرزى 400 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ئۆي-مۈلۈكنىڭ ئائىلە ئومۇمىي مۈلكىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %77 كە يەتكەن.

نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدىكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى سەپتىكى كىچىكراق شەھەرلەرنىڭ ھەر كۋادرات مېتىرىنىڭ ئۆي باھاسىمۇ 10 مىڭ يۈەندىن 20 مىڭ يۈەنگىچە، بىرىنچى سەپتىكى شەھەرلەرنىڭ ھەر كۋادرات مېتىرىنىڭ باھاسى 60 مىڭ يۈەندىن 70 مىڭ يۈەنگىچە بولۇۋاتىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ھەر ئايدا ئۆي قەرزى ئۈچۈن 5000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تۆلەيدۇ، بۇ ئىش ھەققىنىڭ تەڭدىن تولىسى بانكىغا تاپشۇرۇلىدىغانلىقىدىن، ئېشىپ قالغىنى پەقەت نورمال تۇرمۇش چىقىمىغا ئاران يېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق تۇرمۇش يەنە 20-30 يىل داۋاملىشىدۇ. شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، دۆلەت ئىچىدىكى ئۆي باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ئاھالىلەرنىڭ قەرزىنى كۆپەيتىۋەتكەن ئەڭ ئاساسلىق ئامىل.

ئىككىنچىدىن، 90-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلارنىڭ ئالدىن ئىستېمال قىلىشىمۇ پۇقرالار قەرز نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى. ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، 90-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلارنىڭ %90 نىڭ قەرزى بار بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان قەرزى 130 مىڭ يۈەنگە يېتىدىكەن، بۇنى 18 ئايلىق مائاشى بىلەن ئاندىن قايتۇرۇپ بولغىلى بولىدىكەن. 90-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلارنىڭ قەرز نىسبىتىنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى بولۇشىدا ئاساسلىقى مۇنداق ئىككى چوڭ ئامىل بار:

بىرى، مائاشى يۇقىرى بولمىسىمۇ، لېكىن راھەت تۇرمۇش كەچۈرۈشكە كۆنۈپ قالغانلىقتىن، بۇنى پەقەت ئىناۋەتلىك كارتىدىن ئونكول قىلىپ خەجلەش، خۇابېي قاتارلىق تور قەرز سۇپىلىرىدىن قەرز ئېلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. لېكىن، بۇ كىشىلەر قەرزنى قايتۇرالماي، مۇددەتكە بۆلۈپ قايتۇرىدۇ، كېچىكتۈرگەنلىك پۇلىنى ئۈستىگە ئېلىپلا قالماي، يەنە تېخىمۇ يۇقىرى قەرز ئۆسۈمىنىمۇ ئۈستىگە ئالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قەرز پومزىكى بارغانسېرى چوڭىيىپ كېتىدۇ. ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزدە قەرەلى ئۆتۈپ يېرىم يىلغىچە قايتۇرمىغان قەرز سوممىسى 81 مىليارد 800 مىليون يۈەندىن ئاشقان.

يەنە بىرى، كۆچمە چىقىم قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن ياشلارنىڭ ئىش ھەققى كارتىغا كىرىشى بىلەنلا چىقىمدان ياكى ئۈندىدارغا يۆتكىلىدۇ، بۇنداق بولغاندا راسچوت قىلىپ چىقىم قىلىشقا قولايلىق بولىدۇ، بىراق كۆچمە چىقىم قوراللىرىنى ئىشلىتىشنىڭ يېتەرسىزلىكى شۇكى، ئىستېمال قىلغاندا كونترول قىلغىلى بولمايدۇ، كۆپىنچە ھاللاردا يېرىم ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە بىر ئايلىق ئىش ھەققىنى خەجلەپ بولىدۇ، شۇڭا ئامالسىز ئىناۋەتلىك كارتىنى ئونكول قىلىش، قەرز ئېلىپ خەجلەش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق پۇل قەرز ئېلىپ كۈن ئۆتكۈزىدۇ. ھازىر قەرز ئېلىش باسقۇچلىرىنىڭ قەدەممۇ-قەدەم قولايلاشتۇرۇلۇشى بىلەن كىشىلەرنىڭ قەرز كۆلىمىمۇ بارغانسېرى زورىيىپ ماڭدى.

يىغىنچاقلىساق، ئېلىمىزدىكى 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇس ئىچىدە، قەرزى بارلار 500 مىليوندىن ئاشىدۇ، قەرز نىسبىتى بولسا %56.5 كە يېتىدۇ، قەرز بولۇشتىكى ئاساسلىق سەۋەبى ئۆي قەرزى ۋە ئىستېمال قەرزى. ھازىر ئۆي باھاسى بەك يۇقىرى بولغاچقا، ئۆي سېتىۋالغاندا قەرز ئالمىسا بولمايدۇ، ئەمما بانكىدىن ئۆي قەرزى ئالغاندىن كېيىن، ئۆي قۇلى بولۇپ نەچچە ئون يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ قەرزنى قايتۇرىدۇ، قەرز قايتۇرۇش بېسىمى بىر قەدەر چوڭ. بۇنىڭدىن باشقا، ھازىر ياشلارنىڭ كىرىمى بەك يۇقىرى ئەمەس، لېكىن يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلىدۇ، بۇنى پەقەت قەرز ئېلىش ئارقىلىقلا ھەل قىلغىلى بولىدۇ. مېنىڭچە، ياشلار ئىستېمال قىلغاندا مادارىغا قاراپ ئىش قىلىشى كېرەك، مۇۋاپىق قەرز ئالسا بولىدۇ، لېكىن قەرز ئۆزىنىڭ قايتۇرۇش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 307
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读282
粉丝0
内容307