大数跨境

پېنسىئونېرلارنىڭ مائاشى نېمىشقا خىزمەتتىكىلەرنىڭكىدىن يۇقىرى

پېنسىئونېرلارنىڭ مائاشى نېمىشقا خىزمەتتىكىلەرنىڭكىدىن يۇقىرى EMINBIZ
2021-03-07
0

بىر قىسىم پىنسىيىگە چىققان خادىملارنىڭ كىرىمى بىرىنچى سەپتىكى خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىدىنمۇ يۇقىرى. بانكىدا ئىشلەيدىغان بىر دوستۇمنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ جايدىكى پىنسىيىگە چىققانلارنىڭ پېنسىيە پۇلىنى بانكا ۋاكالىتەن تارقىتىدىغان بولۇپ، مەمۇرلار، كەسپىي ئورۇنلاردىن پىنسىيىگە چىققان خادىملارنىڭ پېنسىيە مائاشى 6-7 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا چىقىدىكەن، لېكىن شۇ جايدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى 4000 يۈەن ئەتراپىدا ئىكەن. دېمەك پېنسىيە مائاشى بىرىنچى سەپتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىدىنمۇ يۇقىرى دېگەن گەپ.

ئۇنداقتا بۇ ھادىسە ئەقىلغە مۇۋاپىقمۇ؟ ئەقىلغە مۇۋاپىق دېسەك ئەقىلغە مۇۋاپىق، مۇۋاپىق ئەمەس دېسە مۇۋاپىق ئەمەس.

مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى چۈشىنىش ئاسان، يەنى پېنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ ئىستېمال، تۇرمۇش بېسىمى ئادەتتىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭكىدىن تۆۋەن، لېكىن كىرىمى خىزمەتچى خادىملارنىڭكىدىن يۇقىرى. روشەنكى، نۇرغۇن كىشىلەر بۇنى مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارايدۇ.

ئەقىلگە مۇۋاپىق دېيىشكە كەلسەك، بۇنى چۈشىنىشمۇ تەس ئەمەس. ئەستايىدىل كۆزەتسەك،  پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنكى مائاشى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مەمۇرلار ۋە كەسپىي ئورۇنلاردىن پىنسىيەگە چىققانلارغا مەركەزلەشكەنلىكىنى بايقىيالايمىز. بۇ كىشىلەر ئەسلىدىنلا سىياسەت، قائىدە تۈزگۈچىلەر بولغاچقا، ئەلۋەتتە ئالدى بىلەن ئۆز مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىپ ئويلىشىدۇ، بۇ ھەممە ئادەمدە بولىدىغان ئەھۋال. يەنە كىلىپ ئۇلار ئۆز ئورنىغا ھەر خىل ئىمتىھانلاردىن ئۆتۈش ئارقىلىق بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن ئېرىشكەن. بۇ خۇددى قەدىمكى زاماندا  تەشرىپدارلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن چوڭ ئەمەلدار بولۇشقا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بۇنى باشقىلار ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ياراتقان، شۇڭا ئەيىبلەشنىڭمۇ ئاساسىى يوق.

مەسىلىنى كونكرېت ئەھۋالغا قاراپ بېكىتىش كېرەك. ئەگەر 30 نەچچە يىللىق خىزمەت ئىستاژىغا ئىگە پېنسىيەگە چىققان بوۋاي بىلەن ئەمدىلا خىزمەتكە قاتناشقىنىغا بەش يىل بولمىغان ياشنى سېلىشتۇرساق، بوۋاينىڭ پېنسىيە پۇلى چوقۇم ياشنىڭ مائاشىدىن يۇقىرى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىرى بولمىسىمۇ چوقۇم مۇۋاپىق بولمايدۇ! لېكىن ئەگەر ئىستاژى 30 نەچچە يىل بولغان پېنسىيىگە چىققان ياشانغانلارنى ئىستاژى 20 نەچچە يىل بولغان خىزمەتتىكى ئوتتۇرا ياشلىقلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئەگەر پېنسىيىگە چىققان ياشانغانلارنىڭ پېنسىيە پۇلى خىزمەتتىكى ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ مائاشىدىنمۇ يۇقىرى بولسا، ئاندىن بۇ مۇۋاپىق بولمايدۇ.

يۇقىرىقىلارنى يىغىنچاقلىساق، باشقىلارنىڭ پىنسىيە مائاشىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىدىن ئاغرىنىشنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى بىز بۇ نەتىجىنى ئەسلا ئۆزگەرتەلمەيمىز. بۇ خىل سىستېمىنى بىر كېچىدىلا ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ھەر خىل سەۋەبلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تارىختىكى ئىسلاھاتلارغا قارايدىغان بولساق، مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن قانچىسى بار؟ كۆپ قىسمى ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشمىدىمۇ؟ شۇڭا، بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، يەنىلا ئۆزىمىز تىرىشىپ ئىشلەپ، كۆپرەك پۇل تېپىپ، كۆپرەك پۇل ئامانەت قويۇش ئەقىلگە ئەڭ مۇۋاپىق تەدبىر ھېسابلىنىدۇ.

【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 0
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读0
粉丝0
内容0