大数跨境

پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈش ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تەسىر كۆرسىتەمدۇ

پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈش ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تەسىر كۆرسىتەمدۇ EMINBIZ
2021-03-21
0


نۇر تورى تەرجىمىسى:

دۆلىتىمىزدە پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈپ يولغا قويۇش ئىشى رەسمىي ئەمەلىيلەشمىگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا بىر مۇقەررەرلىك بولۇپ قالدى. مۆلچەرلىنىشىچە، «14-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە، يەنى كەلگۈسى 3 - 5 يىل ئىچىدە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدىكەن. گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى يېقىندا ئېلان قىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئالاقىدار خادىملار ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈش توغرىسىدىكى نۇرغۇن ئىشلارنى پائال مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى. بۇ مەسىلە پەقەت ياشانغانلار كۆڭۈل بۆلىدىغان تېما بولۇپلا قالماستىن، يەنە نۇرغۇن ياشلار كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈش ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە كارخانىنىڭ تەرەققىياتىغا جەزمەن پايدىسىز، ھەر يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ۋە ياش دېھقان ئىشلەمچىلەر خىزمەت ئىزدەيدۇ، مۇقەررەر ھالدا بىر تۈركۈم پېشقەدەم ئىشچى-خىزمەتچىلەر پېنسىيەگە چىقىدۇ. ئەگەر كارخانىلار پېنسىيەگە چىقىش ۋاقتىنى 65 ياشقا ئۇزارتىۋېتىدىغان بولسا، پېشقەدەم ئىشچى-خىزمەتچىلەر پېنسىيەگە چىقالمايدۇ، ياش ئىشچى-خىزمەتچىلەر يۇقىرى ئۆرلىيەلمەيدۇ. يەنە بىرى، پېشقەدەم ئىشچى-خىزمەتچىلەر 50، 60 ياشقا كىرىپ قالغاچقا، خىزمەت ئۈنۈمى ياشلارنىڭكىگە يەتمەيدۇ، ئەگەر ئىزچىل ئىش ئورنىدا تۇرۇپ پېنسىيەگە چىقمىسا، كارخانىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىسىز، ياشلارغىمۇ قىلغۇدەك بوش خىزمەت ئورنى قالمايدۇ. بۇنداق بولغاندا كارخانىنىڭ ئىش ئۈنۈمىنى قانداق يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ؟

ياشلارنىڭ ئۆز خىزمەت ئورنىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىغا بولغان ئەندىشىلىرىگە نىسبەتەن مۇتەخەسىسلەر باشقىچە قاراشتا، ئۇلار پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈش ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ھېچقانچە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىكىدەك:

بىرىنچى، كارخانىلاردا ئادەتتىكى ئىشچىلار كەم ئەمەس، نۇرغۇن كارخانىلار زور مىقداردىكى تېخنىك خادىملارغا ئېھتىياجلىق، ھازىر ئىختىساسلىقلار بىلەن ئىش ئورنىنىڭ نىسبىتى 1:2، تېخنىكىلىق ئىش ئورنىغا زۆرۈر ئىختىساسلىقلارنى تېپىش ناھايىتى تەس، ئەگەر 60 ياشقا كىرگەندە پېنسىيەگە چىقسا، ئىختىساسلىقلار ئۈزۈكچىلىكى مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ھازىر نۇرغۇن تېخنىكىلىق ئىش ئورۇنلىرى بوش قالدى، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ. ياشلار پېشقەدەم ئىشچى-خىزمەتچىلەر پېنسىيىگە چىقالماي، ئۆزىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تەسىر يېتىپ قالارمىكىن دەپ ئەندىشە قىلغاندىن كۆرە، تېخنىكىنى ئوبدان ئۆگىنىۋالسا، خىزمەت تاپالماسلىقتىن غەم قىلمىسىمۇ بولىدۇ.

ئىككىنچى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى، پەن-تېخنىكىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇن يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر باش كۆتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى. مەسىلەن، ئىنتېرنېت تورى كەسپى، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى قاتارلىقلاردا ياشانغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى، سالامەتلىك ئەھۋالى نىسبەتەن ناچار بولغاچقا، بۇ خىزمەتلەر ياشلارنىڭ ئىشلىشىگە تېخىمۇ ماس كېلىدۇ. بۇ ساھەلەرنىڭ ھەممىسى ياشلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى بولۇپ، كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار يەنىلا ياشلارنى ئاساس قىلىدۇ. مەسىلەن، دۆلىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتى مەلۇم سەۋىيەگە يەتكەندىن كېيىن، تاماق توشۇش ۋە تېز يوللانما يەتكۈزۈش كەسىپلىرى تەرەققىي قىلدى، بۇ كەسىپلەردە ئوتتۇرا ياشلىق خىزمەتچىلەر ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ، ئەمما نۇرغۇن ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى بۇ كەسىپلەر ئارقىلىق ھەل بولدى.

ئۈچىنچى، خىزمەت سىجىللىقى ئانچە چوڭ بولمىسىلا، 60 ياشتىن ئاشقانلار يەنىلا ئەمگەك ئىقتىدارىغا ئىگە ھېسابلىنىدۇ، ئۇلارنى بالدۇر پېنسىيەگە چىقىرىشمۇ ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئىسراپ قىلغانلىق بولىدۇ. تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، پېنسىيەگە چىققان 60 ياشلىقلار ئىچىدە %70 تىن ئارتۇق كىشى يەنىلا داۋاملىق ئىشلىيەلەيدىكەن. مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ تېنى ناھايىتى ساغلام بولۇپ، ئۇلار ئۈچۈن پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ھەر كۈنىنى مەيدان ئۇسسۇلى ئويناش، شاھمات ئويناش بىلەن ئۆتكۈزۈشمۇ ھەقىقەتەن زېرىكىشلىك ئىش ھېسابلىنىدۇ.

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىكى پېنسىيەگە چىقىش يېشى 65 ياش، دۆلىتىمىزدە ئوتتۇرىچە پېنسىيەگە چىقىش يېشى بولسا  55 ياش، بۇ ھەقىقەتەن سەل بالدۇر بوپ قالغان. شۇڭا، پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈش دۆلەتنىڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ساپاسى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويغان مۇۋاپىق تەلىپى.

شۇڭا ياشلار پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىشىدىن بەك ئەندىشە قىلمىسىمۇ بولىدۇ. ياساش سانائىتىدە تېخنىكىلىق خادىملارغا غايەت زور ئېھتىياج بار، ھەتتا بەزى كەسىپلەردە ئىختىساسلىقلار ئۈزۈكچىلىكى كۆرۈلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، جەمئىيەتتىكى ياشلارنىڭ خىزمەت تېپىشتىكى رىقابەت كۈچى ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارنىڭ رىقابەت كۈچىدىن كۆپ كۈچلۈك. تېخىمۇ مۇھىمى، ھازىر ھەر خىل يېڭى كەسىپلەر تېز سۈرئەتتە باش كۆتۈرۈپ، ياشلارنى زور مىقداردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ. شۇڭا ياشلار چوقۇم قاتتىق سىناققا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ياشاش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگەن بولسىلا، ئۆزىنىڭ ياخشى خىزمەت تاپالماسلىقىدىن ئەندىشە قىلمىسىمۇ بولىدۇ.

【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 0
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读0
粉丝0
内容0