大数跨境

بايلىقى بېل گەيتىس ۋە مايۈننى نەچچە قاتلايدىغان سىرلىق مىليادىر

بايلىقى بېل گەيتىس ۋە مايۈننى نەچچە قاتلايدىغان سىرلىق مىليادىر EMINBIZ
2020-12-06
1
导读:خەۋەرچى سالونىكۈندىلىك ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلىرى خەۋەرچى سالو


ئەمدى بۈگۈن ئۆزى ئىنتايىن كەمتەر، ئەمما بايلىقىنى ھىسابلاپ كەلسە 2200 مايۈنگە ياكى 800 دىن كۆپرەك بىلگەيتىسكە تەڭ كېلىدىغان بىر نامسىز باي يىگىتنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنماقچىمىز .


2017- يىلى 7- ئايدا ھىلتون ئائىلىسىنىڭ ئىككىنجى قىزى نىك ھىلتون توي قىلدى، بۇ خەۋەر ئىنتايىن تەبىئىيلا ئەزەلدىن ئىنتايىن كەمتەر بولۇپ كەلگەن روسچېلد جەمەتىنى دۇنيا ئەھلىنىڭ كۆز ئالدىدا يەنە قايتىدىن نامايەن قىلدى.


بىز نىك ھىلتون كىيگەن 75000 فوندسىتىرلىڭ  قىممىتىدىكى توي كۆينىكىدىن ھەم ئۇنىڭ قولىغا تاقىۋالغان سەككىز كاراتلىق بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى چوڭ ئالماس ئۈزۈكتىن بۇ توي يىگىتىنىڭمۇ ئەزەلدىن پۇلى كەم ئەمەس بىر بايۋەتچە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز , ئۇنداقتا قېنى بىز بۇ توي يىگىتىنىڭ زادى كىم ئىكەنلىكىنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى :


بۇ يىگىت بولسا يەر شارى ئىقتىسادىغا 200 يىلدىن ئارتۇقراق ۋاقىت تەسىر كۆسىتىپ كىلىۋاتقان پۇل مۇئامىلە دوكارى  روسچېلد جەمەتىنىڭ ۋارىسى جېمېس روسچېلددىن ئىبارەت


ئەمدى قېنى بىرلىكتە روسچېلد جەمەتى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى :روسچېلد جەمەتى بولسا ياۋروپادىكى  ئەڭ بۇرۇن قەد كۆتۈرگەن جەمەت بولۇپ ،  پۇل – مۇئامىلە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان جەمەت .


يېقىنقى ئىككى ئەسىردىن بۇيان يەرشارىنىڭ ئىقتىساد جان -تۇمۇرىنى تۇتۇپ كىلىۋاتقان جەمەت، ھەقىقەتەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى بولسا بىز ئادەتتە  بىلىدىغان مايۈن، بىلگەيتىس ، باففىت دۇنيادىكى بايلارنى داڭلىق شەخىسلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلارنىلا بىلىمىز ، لىكىن ئەمدى بىز بۈگۈن دۇنيادىكى ئەڭ باي كىشىلەر كىم دىسە ئەلۋەتتە نەچچە ئەسىرلەردىن بۇيان ئۆزىنىڭ خەۋىرىنى قەتئىي سىرتقا ئاشكارلىمايدىغان كەمتەر جەمەت روسچېلد جەمەتى جەمەتى دىسەك بولىدۇ.


ماتىرىياللارغا ئاساسلانغاندا 1856 - يىلى روسچېلد جەمەتى ئاللىقاچان 50 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى بايلىقنى توپلاپ بولغان. 19- ئەسىردىكى ياۋروپادا روسچېلد جەمەتى ئاساسەن پۇل ۋە مال – دۇنيانىڭ تەقلىد سۆزى بولۇپ كەلگەن ھەم ياۋروپادىكى ئەڭ سىرلىق  جەمەت بولۇپ قالغان.


بۇ ئامېرىكىدىكى بىكىنمە ھالەتتىكى باي جەمەتنىڭ ھازىرقى مال دۇنياسى بولسا تەخمىنەن بەش تىرلىيون ( 5000 مىليارد ) ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدۇ. شۇڭلاشقا بۇلارنى بىز باي دەپ يۈرگەن ھازىرقى2200 مايۈنگە ياكى 800 دىن كۆپرەك بىل گەيتىسكە ۋە ياكى 2066 ۋاڭ جىيەنلىنگە تەڭ كېلىدۇ دىسەك ھەرگىز خاتالاشمايمىز.



بۇ جەمەت ھەتتا ئۆزىنىڭ بايلىقىنى سىرتقا ئاشكارلىماسلىق ئۈچۈن 30 نەچچە دۆلەتتىكى بانكىللىرىنىمۇ بازارغا سالماسلىقىنى تاللىغان،ھەم بۇلارنىڭ جەمەتىنىڭ قان ساپلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن ھەم بايلىقىنىڭ سىرتقا ئېقىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن پەقەت يېقىن نەۋرە تۇققانلار توي قىلىش شەرت قويۇلغان، شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك بولۇپ كەلگەن.


لىكىن بۇ دىگەنلىك چوقۇم سىرتتىن توي قىلىشقا بولمايدۇ دىگەنلىك ئەمەس،شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ جەمىئي 21 قېتىملىق توي ئىشىدا 15 جۈپنىڭ ھەممىسى ئۆز ئۇرۇق – تۇققانلىرى بىلەن توي قىلغانلاردۇر . لىكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەنىلا سىرتتىن ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغانلار بىلەن توي قىلىدىغانلار چىقىپ تۇرىدۇ .


ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ جەمەتىگە خاس قائىدە تۈزۈمى بولۇپ مال- مۈلۈكىنى سىرتقا ئاشكارلاشقا بولماسلىق ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ نىزانى، بۇنى ئاشكارلاپ قويغانلارنىڭ جەمەتىنىڭ مال- مۈلۈكىگە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى بولمىغاچقا ئۇلار ئەزەلدىن ئۆزىنى سىرتقى دۇنياغا كۆپ ئاشكارلاپ كەتمەيدۇ.


بۇنى كۆرۈپ بولۇپ يەنىلا ئويلاپ قالدىم،ئەمەلىيەتتە ئەتراپىمىزدا بىز ئويلاپمۇ باقمىغان ئىنتايىن باي كىشىلەر بولىشى مۇمكىنكەن، لىكىن ئۇلار يەنىلا ئىنتايىن كەمتەرلىك ھەم ئاددىي- ساددىلىق بىلەن جەمىيەتتىكى ئادەتتىكى كىشلەرگە ئوخشاش ياشاۋىتىپتۇ، شۇنىڭغا قاراپ ئويلاپ قالدىم .مەيلى بىزنىڭ پۇلىمىز كۆپ بولسۇن ياكى ئاز بولسۇن ئىنسان يەنىلا كەمتەرلىك بىلەن ئىنتايىن گۈزەل . شۇ بايلىقلار مەيلى بىزدە بولسۇن ياكى بولمىسۇن مۇشۇنداق تىنىچ- ساغلام بەدەننىڭ بىزدە بولىشىنىڭ ئۆزىلا بىر ھەددى- ھىسابسىز بايلىق ئىكەن . شۇڭلاشقا ھەممىمىز خوشال ياشايلى ھەم ئەتراپىمىزدىكى قەدىردانلىرىمىزنى قەدىرلەيلى

【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 0
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读0
粉丝0
内容0